نۇرغۇن دوستلار پەرزەنتلىرىنى چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتتى، سەۋەبىنى سورىسام، كۆپىنچىسى پەرزەنتلىرىنى رەھىمسىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قوشۇنىغا قاتناشتۇرۇشنى خالىمىغانلىقى، پەرزەنتلىرىنىڭ چەت ئەللەردە جاپا تارتمايلا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى يۈزنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرگە كىرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ قېتىمقى ئەنگلىيە ساياھىتىدە ئەنگلىيەنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ئويلاشمىغانىدىم، بىراق ئەنگلىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر جۇڭگولۇق بالا ماڭا دەرس ئۆتۈپ قويدى.
بىز تۇرۇۋاتقان مېھمانساراينىڭ ئارقىسىدا جۇڭگولۇقلار ئاچقان بىر ئاشپۇزۇل بار ئىدى، بىز لوندونغا كەلگەندىن كېيىن بۇ ئاشپۇزۇل بىزنىڭ تاماقلىنىدىغان سورۇنىمىز بولۇپ قالدى.
ئاشپۇزۇلدا ئورۇق كەلگەن بىر جۇڭگولۇق قىز مۇلازىم بار ئىكەن، ئۇ ناھايىتى چاققان ئىدى، خېرىدارلارغا ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. مەن ئۇنىڭدىن ‹‹ئەنگلىيەگە ئوقۇشقا كەلگەنمۇ؟›› دەپ سورىسام، ئۇ ‹‹دادام ئەنگلىيەگە كېلىپ ئون يىلدەك ئاشپەزلىك قىلىپ ئاندىن ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، مەن كىچىكىمدىن ئاتا – ئانامدىن ئايرىلىپ يۇرتىمىزدا ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمنىڭ تەربىيەسىدە بولدۇم، ئاتا – ئانام يېشىل كارتىغا ئېرىشىپ مېنى ئالغىلى كەلگەندە، مەن تولۇقسىزنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتاتتىم›› دېدى.
جۇڭگودىكى بىر يېزىدىن كەلگەن قىز ئەنگلىيەگە كېلىپلا تولۇقسىزنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇسا، يەنە بىر – ئىككى يىلدىن كېيىنلا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرسە، يەنە كېلىپ بوش ۋاقىتلىرىدا مۇلازىم بولۇپ ئىشلىسە، قانداقمۇ ئوقۇشقا يېتىشىپ ماڭار؟
ئەنگلىيە بەك ياخشىكەن! دەسلەپ كەلگەن چېغىمدا تىل بىلمەيتتىم، بۇ يەردىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار ھەر كۈنى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ماڭا تەكرار قىلىپ بەردى، ساۋاقداشلىرىممۇ مەن ئۈچۈن مەخسۇس ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ماڭا ياردەم قىلدى، كېيىنكى مەۋسۇمدە ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم. دەسلەپ ھېچنېمە بىلمەيدىكەنمەن دەپ بەك چۈشكۈنلەشكەنىدىم، سۆز قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم، ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلىرىم مېنى ئىزچىل رىغبەتلەندۈردى، مەن ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا ئاڭلىمىغان ماختاشلارنى بىر مەۋسۇمدىلا ئاڭلاپ بولدۇم ! دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
مەن ئىلگىرى ئاپامغا ئوخشاش ئاشپۇزۇل خىزمەتچىسى بولىمەن، دەپ ئويلايتتىم، ھازىر ئۇنداق ئويلىمايمەن، دېدى ئۇ. ‹‹نېمە ئۈچۈن؟›› دېگەن سوئالىمغا ئۇ:
مەن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىمەن، دېدى.
ساغلام ئىلگىرىلەش روھىغا ئىگە بۇ قىزنى كۆرۈپ قەلبىم ھاياجانغا تولدى. سىز ئەنگلىيەدە بالىلاردىكى زور ئالاھىدىلىكنىڭ بالىلارچە ياشاش ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ شوخلۇقى تۇتقاندا شۇنداق شوخ بولۇپ كېتىدىغانلىقى، ئەمما تەرتىپكە بويسۇنىدىغاندا تۈپتۈز بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايسىز. ھەر بىر بالىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىدىن تەربىيە كۆرگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، قۇرامىغا يەتكەنلىرىدىمۇ گۈزەل سالاپەت، مۇلايىملىق، مېھرىبانلىق ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. ھەر قانداق ياردەمگە ئېھتىياجىڭىز چۈشسە، كىشىلەر شۇ ھامان كېلىپ سىزگە ياردەم قولىنى سۇنىدۇ.
ئەپسۇس، ئېلىمىزنىڭ ئىمتىھان تۈزۈمى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنگىچە، ئاتا – ئانىلار ئىمتىھان نومۇرىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆگىنىشتىن باشقا يەنە ساغلام كىشىلىك قەدىر – قىممەت ۋە ياشاش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشنىڭ مائارىپنىڭ تۈپ ئاساسى بولىدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارغانىدى.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى
تۇرپان شورئارشاڭ مەنزىرىسى
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى