ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئەدەبىي مۇھاكىمە

سەمىمىيلىك بىباھادۇر

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 17- كۈنى 08:31   |    ئاپتور : مۇھەممەدجان تىلىۋالدى  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    سەمىمىيلىك ئەخلاقلىق ئادەمنىڭ قىممەتلىك لىباسىدۇر، بۇ لىباسنى كىيگەن ئادەم ئەل – جامائەتنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايدۇ، كىشىلىك قەدىر – قىممىتىنى نۇرلاندۇرالايدۇ. سەمىمىيلىك بىر ئادەمنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، سەمىمىي بولغاندا گۈزەللىك پەيدا بولىدۇ، سەمىمىي بولمىغاندا ئىنسان قەلبىدىكى قاراڭغۇ تەرەپلەر ئاشكارىلىنىدۇ.

    سەمىمىيلىك ئىنسان قەلبىدىكى مەنىۋى تۈۋرۈكتۇر. كىشى ئۈچۈن سەمىمىيلىكتىنمۇ مۇھىم گۈزەل ئەخلاق بولمايدۇ، ئۇ بارلىق گۈزەللىكنىڭ ئۇل تېشى. سەمىمىيلىك ئەنە شۇنداق مەرتىۋىسى بىلەن ئۆزىگە ھەمراھ بولغان كىشىنى ئابرۇيغا ئىگە قىلىدۇ. سەمىمىيلىكنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلماي تۇرۇپ بەخت – سائادەتكە، تۇرمۇشتىكى كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. سەمىمىيەتسىز كىشىنىڭ قىلغان ئىشى پەقەتلا ئىلگىرى باسمايدۇ. ھەر كىشى سەمىمىي، راستچىل بولۇشتەك ئادىمىيلىك پەزىلىتى ئارقىلىق كاتتا ئىلتىپات ۋە مەرھەمەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھېكايەت بار:

    بۇرۇن بىر ئادىل پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن، ئۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن مۇۋاپىق تەخت ۋارىسى تاپالماپتۇ. ئاخىرى پادىشاھ مەملىكەت دائىرىسىدىن بىر سەمىمىي بالىنى تاللاپ ئۆزىگە ۋارىس قىلىش قارارىغا كەپتۇ. ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر بىر بالىغا ئازراقتىن ئۇرۇق تارقىتىپ بېرىشنى بۇيرۇپتۇ ھەمدە:

    - ئەگەر كىم بۇ گۈل ئۇرۇقىدىن ئەڭ چىرايلىق گۈل ئۆستۈرۈپ چىقالىسا، شۇ تەخت ۋارىسى بولىدۇ،- دەپ جاكارلاپتۇ.

    بالىلار گۈل ئۇرۇقلىرىنى تېرىپتۇ. ئۇلار ئەتىگەندىن – كەچكىچە تەشتەكنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي سۇ قۇيۇپ، ئوغۇتلاپ، توپىسىنى بوشىتىپ پەرۋىش قىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر بالا بولۇپ، ئۇمۇ ئوخشاشلا كۈن بويى تەشتەكنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي پەرۋىش قىلغان بولسىمۇ، ھېچنېمە ئۈنمەپتۇ، تەشتەكنىڭ توپىسىنى ئالماشتۇرغان بولسىمۇ پايدىسى بولماپتۇ. پادىشاھنىڭ گۈللەرنى كۆرىدىغان ۋاقتى يېقىنلىشىپتۇ، ئۇنىڭ ئۇرۇقى يەنىلا ئۈنمەپتۇ. ۋاقىت توشقان كۈنى پادىشاھ گۈل تەشتەكلىرىنى تۇتۇپ تۇرغان بالىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ چىرايىدا كۈلكىدىن ئەسەر يوق ئىكەن. پادىشاھنىڭ ھېلىقى بالىنىڭ قۇرۇق تەشتەكنى تۇتۇپ يىغلاپ تۇرغانلىقىغا كۆزى چۈشۈپتۇ. پادىشاھ بالىنىڭ يېنىغا كېلىپ:

    بالام، سەن نېمىشقا قۇرۇق تەشتەك كۆتۈرۈپ كەلدىڭ؟ دەپ سوراپتۇ. بالا يىغلاپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇقنى ئالغان كۈندىن تارتىپ قانداق پەرۋىش قىلغانلىقىنى، شۇنچە قىلسىمۇ بىر تالمۇ گۈل ئۈنمىگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ بىر قېتىم باشقىلارنىڭ بېغىدىن بىر تال ئالما ئوغرىلىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئىشنىڭ بەلكىم تەقدىرنىڭ ئۆزىگە بەرگەن جازاسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپتۇ. بالىنىڭ گېپى تۈگىشىگىلا پادىشاھ خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:

    - مانا بۇ مېنىڭ تەخت ۋارىسىم،- دەپتۇ. پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ۋەزىر – ۋۇزرا، بەگلەر تەئەججۈپلىنىپ:

    -ئالىيلىرى، نېمە ئۈچۈن چىرايلىق گۈللەرنى ئۆستۈرگەن بالىلارنى تاللىماي، قۇرۇق تەشتەك كۆتۈرۈۋالغان بۇ بالىنى تەخت ۋارىسى قىلىدىلا؟ -دەپ سورىشىپتۇ. پادىشاھ كۈلۈپ تۇرۇپ:

    -مېنىڭ ئۇلارغا تارقىتىپ بەرگىنىم پىشۇرۇۋېتىلگەن ئۇرۇق ئىدى، دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ قوللىرىدا بىر – بىرىدىن چىرايلىق ئېچىلغان گۈل تەشتەكلىرىنى تۇتۇپ تۇرغان بالىلارنىڭ يۈزى قىزىرىپ كېتىپتۇ...

    بۇ ھېكايەتتىن ئايانكى، سەمىمىيلىك كۆڭۈل خەزىنىسىنىڭ قۇلۇپىنى ئاچىدىغان سېھىرلىك ئاچقۇچتۇر، سەمىمىي كىشىلەر ئۈچۈن بارچە قەلب دەرۋازىلىرى ھەمىشە ئوچۇق تۇرىدۇ. سەمىمىيەتسىزلىك، يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك قاتارلىق ئىللەتلەر ئەخلاق – پەزىلەت، ئادىمىيلىكنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈۋېتىدۇ. سەمىمىيەتسىز كىشىلەر كىشىلىك ئالاقىدە باشقىلارنىڭ ئىشەنچى، ھۆرمىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ تاغدەك ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، ئۇنى باشقىلار كۆزىگە ئىلمايدۇ، ئۇنداقلار ھەر قانچە قىلىپمۇ باشقىلارنىڭ قەلب دەرۋازىلىرىدىن مەڭگۈ كىرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلاردا سەمىمىيلىكتىن ئىبارەت سېھىرلىك ئاچقۇچ يوق. شۇڭا سەمىمىيلىكتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل خىسلەتنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلايلى، قىسقىغىنا ھاياتىمىزدا قەدىر – قىممەتلىك ياشاشقا تىرىشايلى.

    

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە