زۇڭلى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››نىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش، دېھقانلارنى تېخىمۇ بېيىتىش، يېزىلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىزچىل گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدە، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىمۇ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئۇنداقتا، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى قانداق تېپىش كېرەك؟ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى قانداق قىلىپ تېزدىن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قانداق مۇستەھكەملىگىلى ۋە تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ مەسىلىلەر ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىل، ئەزالارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان نەزەر نۇقتىسىغا ئايلاندى.
سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش كېرەك
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم شى ۋېنخەي مۇنداق دېدى: دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ مۇھىم ئاساسى بولۇپلا قالماستىن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭمۇ مۇھىم بەلگىسى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيەمىز شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى. بۇلتۇر ناھىيەدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 14 مىڭ 226 يۈەنگە يېتىپ، 1351 يۈەن كۆپەيدى.
2014 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىسلاھاتى تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدەك ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ كەلدى، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 8296 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1100 يۈەندىن ئارتۇق ئېشىپ، %13.7 كۆپەيدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇڭ شىنگۇاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە چارە – تەدبىرلەرنى ئاكتىپ پىلانلاپ، دېھقانلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك كىرىم قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى خۇا شىفېي مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، كەينى – كەينىدىن يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسىپلەرنىڭ بىرلەشمە تەرەققىياتىنى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە.
بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، سانائەتلىشىش تەپەككۇرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ زامانىۋىلىشىشى، تەرەققىي قىلىشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى. بۇلتۇر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يولغا قويۇلغان 1500 ئۆرۈك قېقىنى ئىسسىق شامال بىلەن قۇرۇتۇش ئۆيى تۈرى 73 مىڭ 690 ئائىلىنىڭ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتىنى 230 مىليون يۈەن ئاشۇرۇش مۆلچەرلەندى.
پۈتۈن مەملىكەتكە ئوخشاش، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىمۇ ‹‹قوش بېسىم››، ‹‹قوش چەكلىمە››گە ئۇچراشتەك ‹‹بوغما ھالەت››كە دۇچ كەلدى. شۇڭا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە چوقۇم مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى قوغلىشىش ۋە بايلىق، سەرپىياتقا تايىنىدىغان يىرىك ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسىدىن مىقدار، ئۈنۈم، سۈپەت، ئۈنۈمگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان، رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە، يېزا ئىگىلىكى تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تۈجۈپىلىك تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىشكە تېزدىن ئۆتۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شەھەر، يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك سىستېمىسى ئورنىتىش كېرەك
دۇڭ شىنگۇاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تەرەققىياتتىكى تۈزۈلمە توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش يولىغا مېڭىشنى يەنىلا ئىسلاھات ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاكتىپلاشتۇرىدىغان بەزى ئامىللارنىڭ مەنبەسى بولۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى كۈچ قوشىدۇ.
ئاپتونوم رايون ئىسلاھات ئارقىلىق شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، كەسىپلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شەھەر، يېزا ئامىللىرىنى باراۋەر ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلەرنىڭ يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، يېڭىچە سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئېزىز مۇسا مۇنداق دېدى: زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات سىستېمىسىنى قۇرۇشتا يېزىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسەت ئارقىلىق قوللاپ، پۇل مۇئامىلە بايلىقلىرىنىڭ داۋاملىق ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››غا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ئامانەت قەرز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا، قەرز نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئېزىز مۇسا ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە ‹‹خوتەندە مايىلچان پۇل مۇئامىلىنى يولغا قويۇپ، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ››نى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇڭ شىنگۇاڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يەنە دېھقانلارنى تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بېرىش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي تېخنىكىسى بار، تىجارەت قىلىشنى، باشقۇرۇشنى بىلىدىغان، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان يۇقىرى ساپالىق، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى تەربىيەلەيدۇ. شۇ ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىدىكى كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەتچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرگىلى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە شەكىللىنىشىنى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى