ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئەدەبىي مۇھاكىمە

ھازىرقى ياشلاردىن پەخىرلىنىش كېرەكمۇ ياكى ئاغرىنىش كېرەكمۇ؟

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 17- كۈنى 08:30   |    ئاپتور : مەۋلان سابىت  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ياشلىق ئۈمىد، ئارزۇ – ئارمانغا، غايە ۋە ئىشەنچكە تولغان بولۇپ، ياشلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى ئويغىتىدىغان مەزگىل. ھەر قانداق دەۋردە ياشلار ئارىسىدىكى يېڭى مودا – ئېقىملار شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئىدىيەسىگە، جۈملىدىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىشىنىڭ ياشلىق دەۋرى غايىۋى كۈچكە تولغان بولغاچقا، ياشلارنىڭ ئىدىيە، سۆز – ھەرىكەتلىرىنى شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ قوبۇل قىلالماسلىقى مۇقەررەر.

    ھازىر 15 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ياشلار جەمئىيەتتە ئاساسلىق ئىستېمال توپىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ ئىستېمال قارىشى، ئىستېمال ھەرىكىتى ئىلگىرىكى جاپالىق تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەن ئاتا – ئانىلىرىغا ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. بولۇپمۇ 20 – ئەسىرنىڭ 80 – ، 90 – يىللىرى تۇغۇلغان ياشلار مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرگەن، يېڭىلىقنى تېز قوبۇل قىلىدىغان، مودا قوغلىشىپ ياشاشنى، ھالقىما ئىستېمالنى ياخشى كۆرىدىغان، يېڭى ھەم يۇقىرى ئىستېمالغا مايىل، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق، قېلىپلىشىپ كەتكەن تۇرمۇشتىن بىزار، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ۋە قىممەت قارىشىغا ئىگە، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، داڭلىق ماركا ئېڭى كۈچلۈك، ساياھەتكە ئامراق، غىزالىنىش مۇھىتىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەر توپىغا مەنسۇپتۇر.

    ھازىرقى زامان ياشلىرى ئۇچۇر دەۋرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەچكە، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. بۇ ياشلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، جەمئىيەتتە ئەڭ مودا بولۇۋاتقان، ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتلارنى بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ۋاقىت قارىشى كۈچلۈك، تور ئارقىلىق ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا بىلىشكە تىرىشىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ھازىر نۇرغۇن ياخشى ئىش – ھەرىكەتلەر، جۈملىدىن خەير – ساخاۋەت ئىشلىرى ياشلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىشى بىلەن بولماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىرقى زامان ياشلىرى تاراتقۇلار پەيدا قىلغان ئىستېمال مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغاچقا، ئۇلار بۇرۇنقىلاردەك پۇلى بولسا ئامانەت قويۇپ ياكى ئۆي، ئۆي سەرەمجانلىرى سېتىۋېلىپ، ئاددىي – ساددا ياشايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياقتۇرمايدۇ، ئۇلار بانكىدىن قەرز ئېلىپ بولسىمۇ پىكاپ سېتىۋېلىپ، ‹‹ئەتىنىڭ پۇلىنى بۈگۈن خەجلەپ، شېرىن چۈش كۆرۈش››تەك تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىش ئۇسۇلىنى تاللايدۇ.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ تاكى 1980 – يىلىغا قەدەر، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەنگە قەدەر، كىشىلەر جاپالىق دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈردى، تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ ئىزچىل تۆۋەن بولدى. پىلانلىق ئىگىلىك مەزگىلىدە ياشلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئاتا – ئانىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن ياخشى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھازىرقى ياشلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. جاپالىق دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ياشلاردا پىلانلىق ئىگىلىك شارائىتىدا يېتىلگەن ‹‹ئىدىتلىق بولۇش›› ئېڭى بار، ھازىرقى زامان ياشلىرىدا بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا يېتىلگەن ‹‹يېڭىلىققا ئىنتىلىش، قانائەت قىلماسلىق›› ئېڭى بار. پىلانلىق ئىگىلىكنى باشتىن كەچۈرگەن ياشلارنىڭ ھازىرقى ياشلاردەك ئەۋزەل شارائىتى يوق، تۇرمۇشى غورىگىل، ئىدىيە، سۆز – ھەرىكىتى قېلىپلىشىپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ ھالقىما ئىستېمال قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار جەمئىيەتتە ئىستېمال بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش كەمچىل بولغان مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەچكە، ‹‹بۈگۈن ئازراق ئېشىنسا ئەتىنىڭ غېمىنى قىلىش››تەك پىسخىك ھالەت شەكىللەنگەن.

    20 – ئەسىرنىڭ 80 – ، 90 – يىللىرى تۇغۇلغان ياشلار جەمئىيەت ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تويۇنغان ئەۋزەل مۇھىتتا چوڭ بولدى، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار ئائىلىدە ئاتا – ئانىسىنىڭ ئەتىۋارلىق ‹‹قوزىسى››غا ئايلىنىپ قالغاچقا، ئاتا – ئانىلىرى ئۇلارنى بىلىپ – بىلمەي يۇقىرى ئىستېماللىق تۇرمۇشقا كۆندۈرۈپ قويدى. گەرچە ھازىرقى ياشلار جەمئىيەتكە بايلىق يارىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىمۇ ئاز ئەمەس. بەزى ياشلاردا شەخسىيەتچىلىك خاھىشى ئېغىر، ئۇلار تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىشنىلا بىلىپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئويلاپ قويمايدۇ، بۇ ياشلاردا ئائىلىسىگە بولغان مەسئۇلىيەت كەمچىل بولغاچقا، نۇرغۇنلىرىنىڭ تۇرمۇشى بۇزۇلغان. ھازىرقى ياشلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى يىغىنچاقلىغاندا، ئۇلار ماختانچاق، ئۆزلىرىنى ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلار بىلەن سېلىشتۇرىدۇ؛ مېھىر – مۇھەببىتى سۇس، ئىرادىسىز، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كەمچىل؛ شەخسىيەتچى بولۇپ، ئۆزىنىلا ئويلايدۇ؛ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز؛ بەزى قىلىقلىرى رېئاللىقتىن ھالقىغان؛ سەمىمىيىتى كەمچىل، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدۇ، ۋاھاكازالار.

    ھازىرقى ياشلار ئىنكاسىنىڭ تېزلىكى، ئىدىيەسىنىڭ كەسكىنلىكى، تەپەككۇرىنىڭ كۆپ خىللىقى، ئىش – ھەرىكىتىنىڭ ئاشكارىلىقى، كۆپ خىل تىلغا پىششىقلىقى، توردىن مال سېتىۋېلىشقا ئامراقلىقى ۋە تەپەككۇرى، ئىش – ھەرىكىتى، ئىستېمال قارىشى بىلەن باشقىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرىپ قالغاچقا، بەزى چوڭلىرىمىز ھە دېسىلا ئۇلارنى تەنقىدلىمەكتە. ئۇلار ھازىرقى ياشلارغا باھا بەرگەندە، بۇ ياشلارنىڭ جەمئىيەتكە قوشۇۋاتقان تۆھپىسىنى، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ئىلگىرىكىلەر بىر ئۆمۈر ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىۋاتقانلىقىدەك ئارتۇقچىلىقلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇلاردىكى قىسمەن ئاجىزلىقلارغا، ئىلگىرى ئۆزلىرى كۆندۈرۈپ قويغان، ئەمما ھازىر كۆزىگە سىغمايۋاتقان ئىللەتلىرىگە ئېسىلىۋېلىپ، ھازىرقى ياشلاردىن تۇرمۇشتا ئىدىتلىق ئەمەس، قانچىلىك پۇلى بولسا ئايىماي خەجلەيدۇ، دەپ ۋايسىماقتا. مېنىڭچە، ھازىرقى ياشلاردىكى بۇنداق قاراش ئۇلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدۇ، چۈنكى دەۋر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، جەمئىيەت تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى بىز ۋە بىزدىن چوڭلار ياشىغان دەۋرنىڭ ئۆلچىمى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئەنۋەر نەجىم مۇنداق دېدى: ھازىرقى ياشلار جەمئىيەتنىڭ تىپى ئۆزگىرىۋاتقان شارائىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئالاھىدە بىر توپ بولۇپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتىن چوڭ نەپ ئالغۇچىلاردۇر. ئۇلار بۇرۇنقىلاردەك جاپا – مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرمىگەن، بۇرۇنقىلارغا قارىغاندا ئەۋزەل مائارىپنىڭ تەسىرىدە چوڭ بولغان، كومپيۇتېر، ئالاقە تورى، شۇنىڭدەك زامانىۋى تاراتقۇلار ئېلىپ كەلگەن مول ئۇچۇرلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئازادە تەربىيەلىنىش مۇھىتى بولمىغان بولسا، ھازىرقىدەك بىر تۈركۈم داڭ چىقارغان ياش كارخانىچىلار، بىر كېچىدىلا كاتتا بايغا ئايلانغان پۇلدار ياشلار بولمىغان بولاتتى. ھازىر جەمئىيەتتىكى بەزىبىر ناتوغرا خاھىشلار، باي – كەمبەغەللىك پەرقى، كەسكىن رىقابەت، يالغۇز ئۆسۈپ يېتىلىشتەك مۇھىت، يۇقىرى ئىستېمال قاتارلىقلار بىز دەۋاتقان ئالاھىدە يېڭى بىر توپنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇنداق يېتەرسىزلىك بۇرۇنقىلاردىنمۇ ئاز – تولا تېپىلىدۇ. بۇ يېتەرسىزلىكنى دەپ ياشلاردىن ئاغرىنىشقا، ئۇلارنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. ئۇلارنى يېتەكلەشتە چوڭلارنىڭ، جەمئىيەتنىڭ زور مەسئۇلىيىتى بار. شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇكى، ھازىرقى ياشلاردىكى كىرىمى بىلەن ئىستېمالى ماس كەلمەسلىكتەك ئىستېمال خاھىشى ئۆزگەرمىسە، بۇ جەمئىيەتكە زور خەۋپ يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ياشلاردىكى ھەددىدىن ئارتۇق يۇقىرى ئىستېمال، پۇلپەرەسلىك، راھەتپەرەسلىك، ھالقىما ئىستېمال قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى توغرا ئىستېمال پىسخىكىسى بويىچە تېجەشلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

    كىشىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداق بولغان ئىكەن، ھازىرقى ياشلارنىڭ مىجەزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئائىلە، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسى، دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا جەمئىيەتتە ياشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئىش – پائالىيەتلىرىنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىللە، ياشلارنى كۆپرەك چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئۇلار ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ياشلارنى چۈشىنىش، ياخشى تەربىيەلەشتىكى رولى چوڭ بولىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى ئەمدىلەتىن شەكىللىنىۋاتقان ھازىرقى زامان ياشلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارغا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلدۇرۇش، بۇرۇنقىلارنىڭ ئاددىي – ساددا، جاپاغا چىداشتەك ئېسىل پەزىلىتىنى ئۆگىتىش، پۇقرالىق ئېڭى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، مېھىر – مۇھەببىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش بىر قېتىملىق دەرس ھېسابلىنىدۇ.

    

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە