ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئەدەبىي مۇھاكىمە

قەدىر – قىممىتىمىز ئۆز قولىمىزدا

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 17- كۈنى 08:32   |    ئاپتور : ئابدۇقەييۇم ئېلى  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ھايات ئىنسان ئۈچۈن ھەر قانداق نەرسىگە تېگىشكۈسىز، تەڭداشسىز قىممەتكە ئىگە مەنىۋى بايلىق. ھەر بىر ئىنسان قىسقىغىنا ھاياتىنى قانداق مەنەلەر بىلەن بېزەپ، ئۆمۈر خاتىرىسىگە قانداق قۇرلارنى پۈتۈشى تامامەن ئۆز تاللىشىغا باغلىق. يەنى ھەركىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولىنى تاللىشى ۋە ياكى ئۆزىنى خار – زارلىق كوچىسىغا تاشلىشى تامامەن ئۆز ئىختىيارىدا.

    بىر سەرگەردان يۈك ماشىنىسىغا ئوغرىلىقچە چىقىۋېلىپ، بىر شەھەرگە كېلىپ تىلەمچىلىك ھاياتىنى باشلاپتۇ. ئەمما ساقچىلار ئۇنى بىكار تەلەپ دەپ قولغا ئاپتۇ ۋە 30 كۈنلۈك ئەمگەككە بۇيرۇپتۇ. ئۇ ھورنان ۋە قۇرۇق سۇدىن باشقا ھېچنېمە يېمەپتۇ. ئالتە يىلدىن كېيىن بۇ سەرگەردان يىگىت ئامېرىكا غەربىي دېڭىز بويىدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر زاتقا ئايلىنىپتۇ.

    بۇ دەل جىك لوندۇن بولۇپ، بالىلىق دەۋرى جاپا – مۇشەققەتتە ئۆتكەن. ئۇ كۈن بويى بىر توپ بىكار تەلەپلەر بىلەن دېڭىز بويىدا لاغايلاپ يۈرەتتى. نورغۇن ۋاقتىنى ئوغرىلىق – يانچۇقچىلىق بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ئەمما بىر كۈنى ئۇ بىر ئاممىۋى كۇتۇپخانىدا ‹‹روبىنزۇن كرۇزۇنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى›› ناملىق كىتابنى كۆرۈپ قېلىپ، بۇ كىتابتىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ كىتابقا ھېرىس بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ بىر كۈندە كىتاب ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى10 – 15 سائەتكە باراتتى.

    ئۇ 19 يېشىدا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئوكاكىلاند ئوتتۇرا مەكتىپىگە كىردى. ئۇ مىنۇت – سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەي تىرىشتى. ئۇ ئۈچ ئايدا تۆت يىللىق دەرسلەرنى تاماملاپ، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. ئوقۇش خىراجىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاشخانىلاردا قاچا يۇيدى، پول سۈرتتى، زاۋۇتلاردا ئىشلىدى. يېنىدا بار – يوق ئىككى دوللارلا قالغان بىر كۈنى ئۇ بارلىق جىسمانىي ئەمگەكلىرىنى توختىتىپ، پۈتۈن كۈچىنى ئەدەبىياتقا ئاتاش نىيىتىگە كەلدى. بەش يىلدىن كېيىن يەنى 1903 – يىلى ئۇنىڭ ئالتە بۆلەك، 125 قىسىمدىن تەركىب تاپقان رومانى دۇنياغا كەلدى – دە، ئامېرىكا ئەدەبىيات ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسكە ئايلاندى.

    شۇنداق تۇرمۇشتىكى ھالقىلىق بىر قەدەملىك تاللاش بىزنىڭ قانداق ئويلىشىمىزنى، قانداق ياشىشىمىزنى بەلگىلەيدۇ. ئەتراپىمىزدا قىلىدىغان ئىش تاپالماي، بىكارچىلىقتىن كوچا چىڭداش ياكى ئەيش – ئىشرەت، كەيىپ – ساپا بىلەن ئۆز – ئۆزىنى ئالداۋاتقان كىشىلىرىمىز يوق ئەمەس. بىلىش كېرەككى، بۇ دۇنيادا ئەجىر قىلماي ئېرىشىدىغان نەتىجە يوق. يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ بۇ ھەقتە: ‹‹بۇ دۇنيا بىر تېرىلغۇ يەر، ئۇنىڭغا نېمە تېرىساڭ شۇ ئۈنۈپ چىقىدۇ››دەپ كۆرسەتكەن.

    ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق بىر ئادەم بابباراۋەر تۇغۇلىدۇ. كېيىنكى تىرىشچانلىق ۋە تاللاشلارغا بېقىپ نەتىجىسمۇ پەرقلىق بولىدۇ. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى ئەگرى يولغا كىرىپ قالغان كىشى ئۆز قىلمىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۈزىتىش تەرەپدارىدا بولسا، توغرا يولنى تېپىۋالالىشى تامامەن مۇمكىن. چۈنكى ھەر كىمنىڭ قەدىر – قىممىتى ئۆز قولىدا.

    

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە