2015-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى يىللىق تەكشۈرۈش خىزمىتى توختىتىلىدۇ، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 1500 دىن ئارتۇق ھەق ئېلىش ئورنىنىڭ يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتناشمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
16-مارت مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ھەق ئېلىش ئورۇنلىرى باھا تارماقلىرى تەستىقلىغان ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى ھەق ئېلىش ئاساسى قىلىدىكەن. مەسىلەن، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى ھەققى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەققى، مائارىپ-تەربىيەلەش ھەققى قاتارلىقلار.
ئىگىلىنىشىچە، ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسى تۈزۈمى 1993-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.
دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا تارقاتقان ‹‹ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسى تۈزۈمىنى بىكار قىلىش جەريانى ۋە بىكار قىلىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش›› تىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى يىللىق تەكشۈرۈش خىزمىتى بىرتۇتاش توختىتىلىدىكەن، شارائىتى بار جايلار ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىش خىزمىتىنى ماس قەدەمدە توختىتىدىكەن ياكى بىكار قىلىدىكەن. 2016-يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسى تۈزۈمى بىرتۇتاش بىكار قىلىنىدىكەن.
مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز
نورۇز كەلدى
كۆكلەم جىلۋىسى
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى