ئىستانسىمىز خەۋىرى:
2014- يىلى-- ئىسلاھات ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز نوقتىلىق ساھە ۋە مۇھىم ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.
بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت 3 چوڭ ساھەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى قاتارلىق تەرەپلەردە تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ئالايلۇق: جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىنجاڭدا غەربىي شىمال بىرلەشمە تۇرۇبا شىركىتى قاتارلىق 3 قانۇنىي ئىگە كارخانىسىنى قۇردى ھەمدە شىنجاڭ سېتىش شىركىتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، پۈتۈن مۈلكى كونترول قىلىنىدىغان بالا شىركەتكە ئايلاندۇردى. جۇڭگو نېفىت- خىمىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە خىمىيە شىركىتى قاتارلىق يېڭىدىن تەشكىللەنگەن 6 كارخانىنى شىنجاڭدا رويخەتكە ئالدى. خەينەن ئاۋىئاتسىيەسى بىلەن ئۈرۈمچى بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىپ، ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە چەكلىك شىركىتىنى قۇردى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايونىمىز ھۆكۈمەتنىڭ فونكىسىيەسىنى ئۆزگەرتىش تەرەپتە بىر قاتار زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېمەكلىك- دورا نازارەتچىلىكى، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش، سەھىيە- پىلانلىق توغۇت، ئاخبارات- نەشرىيات، رادىئو- كىنو- تېلېۋىزىيە قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى تاماملىدى ھەمدە 3 يىل ئىچىدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرىنى 35 پىرسەنت قىسقارتىش نىشان ۋەزىپىسىنى مۇدەتتىن بۇرۇن تاماملىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىسىنى بىۋاستە مەنپەئەتلەندۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈردى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت، 1 ئوبلاستتا 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانا ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى نوقتىدا سىناق قىلىنىدىغان 50 ناھىيە، شەھەر باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، دورىلارنىڭ قوشۇلما باھاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. 94 ناھىيە، شەھەر شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش تۈزۈلمىسىنى بىر يولغا سالدى.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
نورۇز كەلدى
كۆكلەم جىلۋىسى
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى