ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 17- كۈنى 09:04   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

    

    ئىستانسىمىز خەۋىرى:

    تۈنۆگۈن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىز مەمۇرلارنى ئادەتتە باھالاش ئالاقە نۇقتىلىرىنى يىلمۇ- يىل كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەمۇرلارنى ئادەتتە باھالاش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، 3 يىل ئىچىدە تولۇق قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2011- يىلى 11- ئايدا، مەمۇرلارنى ئادەتتە باھالاش ئالاقە نۇقتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىقلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى مەمۇرلارنى ئادەتتە باھالاش ئالاقە نۇقتىسى قىلىپ بېكىتكەنىدى. 2014- يىلى 6- ئايدا، ئاپتونوم رايون يەنە ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ كۆرسىتىشى ئاساسىدا، ئالاقە نۇقتىسىدىن يەنە 11نى كۆپەيتتى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقە نۇقتىسىدىن 17سى بار بولۇپ، ھەر بىر ۋىلايەت، ئوبلاست شەھەردە بىردىن بولۇش، ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلاردا 3ى بولۇش ئەمەلگە ئاشتى. مەمۇرلارنى ئادەتتە باھالاش خىزمىتى ئارقىلىق، مەمۇرلارنىڭ ئىقتىدار ساپاسى، خىزمەت ئىستىلىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىنكاس قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ. مەمۇرلارنى ئادەتتە باھالاش نەتىجىسى يەنە مۇكاپاتلاش- جازالاش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش ياكى چۈشۈرۈش، تەربىيەلەش ۋە ئۆگىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئاساس قىلىنىدۇ. رىقابەت بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش، ئاشكارە تاللاپ ئۆستۈرۈش قاتارلىق كادىرلارنى رىقابەتلەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش جەريانىدا، ئادەتتە باھالاش نەتىجىسى بىر قەدەر ياخشى بولغانلارغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئادەتتە باھالاش نەتىجىسى ئۇدا 3 يىل ياخشى بولغانلار ۋەزىپە ئۆستۈرۈش جەھەتتىن ئالدىن ئويلىنىش ئوبىيكتى بولىدۇ. خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىمىگەن، ئادەتتە باھالاش نەتىجىسى ياخشى بولمىغانلارنىڭ رىقابەتكە قاتنىشىش سالاھىيىتى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتە باھالاش نەتىجىسى بىر قەدەر ياخشى بولغانلار تەربىيەلەش، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش، نۆۋەت بىلەن ئىشلەش، داۋالىنىش ۋە دەم ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئادەتتە باھالاش نەتىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان مەمۇرلارنىڭ ئورنى ۋاقتىدا تەڭشىلىدۇ.

    ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى يېزا- بازارلارغا بېرىپ ئىشلەشكە داۋاملىق قوبۇل قىلىپ، سىتودىنت كەنت ئەمەلدارلىرى شۇنىڭدەك ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت تۈرلىرىدىكى خادىملار ئارىسىدىن نىشانلىق مەمۇر قوبۇل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا- كەنت ۋە مەھەللىلەردىكى كادىرلار ۋە مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەر، دېھقانلار ئارىسىدىن ئاساسىي قاتلام ئورگانلىرىغا مەمۇر قوبۇل قىلىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە