16-مارت ئۈرۈمچىدىن خاڭجۇغا قاتنايدىغان K596/3-قېتىملىق پويىزنىڭ غول لىنىيە پوچتا يولى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى، بۇ نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئۇزۇن پويىز غول لىنىيە پوچتا يولى ھېسابلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ پوچتا يولىدا ھەر كۈنى بىر نۆۋەت پويىز قاتنايدىغان بولۇپ، بۇ شىنجاڭ بىلەن جۇڭگونىڭ شەرقىدىكى دېڭىز ياقىسى رايونلىرى ھەمدە ئەتراپتىكى ئۆلكە، شەھەرلەردە ئۆزئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىكەن.
K596/3-قېتىملىق پويىز غول لىنىيە پوچتا يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 4168 كىلومېتىر بولۇپ، ئۈرۈمچى، لەنجۇ، باۋجى، شىئەن، جېڭجۇ، خېفېي، خاڭجۇدىن ئىبارەت يەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىش نۇقتىسىدىن ئۆتىدىكەن، قومۇل ئۆتكۈزۈپ بېرىش نۇقتىسىدا مەخپىي پوچتا يوللانمىلىرى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.
خاڭجۇ مەملىكىتىمىز ئېلېكتىر سودىسىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچى-خاڭجۇ ئوتتۇرىسىدا يەتكۈزۈلىدىغان پوسۇلكىلار كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ، ئېلېكتىر سودىسىنىڭ ئەشيا ئوبوروتىغا بولغان ئېھتىياجىمۇ تەدرىجىي ئاشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ پوچتا يولىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى بىلەن شىنجاڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويلىرىغا يۈزلىنىپ، مەملىكەتنىڭ پوچتا يوللىرىنىڭ پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن، شۇنداقلا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىر سودىسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى بىر يول ئېچىلىدىكەن.
مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز
نورۇز كەلدى
كۆكلەم جىلۋىسى
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى