ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

تۈزۈم بىلەن ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، دېموكراتىيە ئارقىلىق ئەلرايىنى مۇجەسسەملەيلى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 18- كۈنى 08:24   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

    ۋەزىيەتكە نەزەر سېلىنىپ، ئومۇمىيەت ئىگىلىنىپ، چوڭ ئىشلار كېڭىشىلىپ، چوڭ ئىشلار چىڭ تۇتۇلدى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا دېموكراتىك روھ تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە قەتئىي ئەمەل قىلىندى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر «تۆت ئومۇميۈزلۈك»نى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قەلىبلەرنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، دېموكراتىيە، ئىتتىپاقلىق، ئەمەلىيەتچىل، ئالغا ئىلگىرىلەش مېلودىيەسى يەنە ياڭراتتى.

    يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە دۆلىتىمىز تۈرلۈك ئىشلار ۋە ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. يىغىندا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئومۇمىي تەلىپى گەۋدىلىنىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت رېتىمىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئۈمىدىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، نەتىجىگىمۇ، مەسىلىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، ئەمەلىيەتچىل دوكلات بوپتۇ. ۋەكىللەر بۇرچىنى ئادا قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە «ئىككى مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى، تۈرلۈك تەكلىپ، دوكلات ۋە باشقا قارالمىلارنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، بۇ يىلقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان-ۋەزىپىلىرى ۋە دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىدە كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، پۇختا ئاساس سالدى.

    قانۇن چىقىرىش دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، ئالدى بىلەن، قانۇن چىقىرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بۇ قېتىمقى يىغىندا «قانۇن چىقىرىش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، قانۇننى ئىلمىي ۋە دېموكراتىك چىقىرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، «قانۇن چىقىرىش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش قانۇن چىقىرىشنىڭ يېتەكچىلىك ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ، زور ئىسلاھاتلاردا ئەمەل قىلىدىغان قانۇن بولۇش، قانۇن چىقىرىشتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىسلاھات ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

 

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە