ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹15–مارت›› خەلقئارا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتى كۈنى خاتىرىلەندى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 17- كۈنى 09:13   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

15 – مارت، ئۈرۈمچى ‹‹يېڭى ئەسىر ئالتۇن گۈلى›› سودا شەھىرى يەنە بىر قېتىم قاينام – تاشقىنلىققا چۆمۈپ، 33 – قېتىملىق ‹‹خەلقئارا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى كۈنى›› نىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلىندى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماۋكەن سېيتقامزا تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

   ماۋكەن سېيتقامزا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ھەر دەرىجىلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ھوقۇق – مەنپەئەتنى قوغداش مۇقىملىقنى قوغداش دېمەكتۇر›› قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››نى تارقىتىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ياخشى ئىستېمال مۇھىتى ياراتتى. 2015 – يىلى ھەرقايسى جايلار ۋە تارماقلار ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ھەمكارلىشىپ تەڭ تۈزەش، ئىستېمالدىن ھۇزۇرلىنىش›› دىن ئىبارەت باش تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىستېمال بىخەتەرلىكىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەر مىللەت ئىستېمالچىلىرىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ پايدىسىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇشى كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئىمىن فېردەۋس مۇنداق دېدى: 2014 – يىلى يېڭىدىن تۈزىتىلگەن ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى›› يولغا قويۇلغان تۇنجى يىل. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىستېما بويىچە بۇ بىر يىلدا ساختا مەھسۇلاتلارنى ياساپ، سېتىشقا دائىر ھەر خىل دېلودىن 1236 سىنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلدى، دېلو سوممىسى 15 مىليون 8300گە يەتتى. ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرزىدىن 256 مىڭ 894نى قوبۇل قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى 89 مىليون 848 مىڭ 900 يۈەنلىك ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قالدى.

   تەبرىكلەش يىغىنىدا جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسى، ‹‹يېڭى ئەسىر ئالتۇن گۈلى›› پاي چەكلىك شىركىتى، ‹‹ئامۋاي›› مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى باش ۋاكالەتچىسى قاتارلىق 186 كارخانىغا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى ‹‹ئىشەنچلىك كارخانا›› دېگەن نام بېرىلدى.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە