كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ خەۋەر ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېپيېڭى يازمىلار:
باش بەت ئالدىنقى بەت 1234(جەمئىي 4 بەت)
مىكروسوفت نىڭ IE تور كۆرگۈسى گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەنئەنىسى بولۇپ، ھەر قېتىم ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى بولغان Mozilla نىڭ FireFox تور كۆرگۈسى يېڭى نەشىر يېڭىلىغاندا، ئۇلار قارشى تەرەپكە بىر دانە تەبرىك تورتى سوۋغا قىلاتتىكەن، بىراق يېقىندىن بېرى ئوتتۈلكە تور كۆرگۈسىنىڭ نەشىرى توختاۋسىز يېڭىلىنىۋاتىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئالتە ھەپتىدە بىر چوڭ …..
Sony ياۋروپا فىلىم تەتقىقات خىزمەتخانىسى يېقىندا ئۈچ بۆلۈم تەقلىدىي كىنو سۈرەتكە ئالغان بولۇپ، فىلىمگە كامېرا مۇقىملاشتۇرغۇچ، كۆپ خىل EyeToy كامېراسى، PlayStation Move كونتروللىغۇچىسى، نۇر قايتۇرۇش قۇرۇلمىسى، ھەرىكەتنى بىرمۇ-بىر نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق قوراللار ئىشلىتىلگەن. پۈتكۈل فىلىمگە پەقەت كۆرۈنمە ئۈنۈم تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھېچقانداق ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش …..
ئامېرىكىلىق Derek Deville ئىسىملىك بىرەيلەن، بىكارچىلىقتا قاتتىق ئىچى پۇشۇپ زېرىكىپ قىلىدىغان ئىش تاپالماي ئۆزى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كىچىك راكېتا دىن بىرنى ياساپ چىقىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا Qu8k دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. دىئامېتىرى 20 سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 4.25 مېتىر، تەخمىنەن 145 كلوگرام كېلىدىكەن، بۇ زېرىكىپ كەتكەن ئامېرىكىلىق ھەتتا كونتروللىغۇچ ۋە ئىتتىرىش …..
مىليونېر Vladislav Doronin يېقىندا، ئۆزىنىڭ داڭلىق مودېل قىز دوستى Naomi Campbell نىڭ 41 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ بىر داچا تەقدىم قىلماقچى ئىكەنلىگىنى، بۇ داچىنىڭ Naomi Campbell نىڭ كۆزى شەكلىدە سېلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان…
رىۋايەتلەردىكى ئىككىنچى ئەۋلاد « ئۈستەل كومپيۇتېرى » دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان مىكروسوفت Surface 2.0 ئاخىرى سېتىلىشقا باشلىدى. نۆۋەتتە SAMSUNG نىڭ ئورگان تور بېكىتىدە ئاللىقاچان 23 دۆلەتكە قارىتىلغان سېتىش نۇقتىسى ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، توردىن زاكاس قىلىشقا بولىدىكەن ھەمدە كېلەر يىل بېشىدىن باشلاپ مال چىقىرىلىشقا باشلايدىكەن…
بۈگۈن 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، توردا تولا داۋراڭ قىلىپ كەتكەن «ئاتالمىش» يۈز يىلدا بىر كېلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى بويتاقلار بايرىمى ئىكەن! 淘宝Tmall سودا شەھەرچىسى ھەر يىلى بىر قېتىم چوڭ كۆلەمدە ئېتىبار باھادا سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا، بارلىق ماللار %50 يېرىم باھادا چۈشۈرۈپ سېتىلىدىكەن! ناۋادا يېقىندىن بۇيان بىر نەرسە سېتىۋېلىش ئويىڭىز بولسا، قاراپ …..
يېقىندا لوس-ئانژېلىستا ئاجايىپ ئېغىر-بېسىق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىدىن بىرسى بايقالدى، بۇ كىشىنىڭ ئېغىر-بېسىقلىقىدىن، ھەتتا ئالدىدا گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان ماشىنا پارتىلىسىمۇ خىيالىغا كىرىپ چىقمىغان، بۇنچىلىك كىچىك پارتلاش دېگەن نېمىتى؟ ھاماقەت ئىنسانلار، ئۇنچىلىك كىچىك قورالىڭلار مېنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىرادەمنى ھەرگىز بويسۇندۇرالمايدۇ!!!
دائىم سىرتلاردا تاماق يېگەندە باھاسى بىر يۈەنلىك ئاتالمىش « دېزىنفىكسىيەلەنگەن قاچا-قۇچا »لارنى كۆرۈپ قالىمىز، ھەممىمىز كۆڭلىمىزدە بۇ قاچا-قۇچىلار ئادەتتە قولدا يۇيغاندىنمۇ بەكرەك پاكىزە دەپ قارايمىز، بىراق بىزنىڭ بۇ سىرلىق ئېلىمىزدە، ھەمىشە كىشى ئويلىمىغان سىرلىق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى كىم بىلسۇن دەيسىز؟ ھېلىمۇ يېگىنىمىز دېزىنفىكسىيەلەنگەن قاچىنىڭ ئۆزى ئەمەس!! …..
بىر توپ كىشىلەر دالا سەيلىسىگە چىقىپ، ئەسلىدە ھېچقانچە سۇ يوق بىر قۇرۇق دەريادىن ئۆتمەكچى بولۇپ قالغان، ئارىسىدىكى بىر قىز دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە پۇتىنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆتكىلى ئۇنىمىغان، كېيىن باشقىلار زورلاۋەرگەندىن كېيىن، ئىككىلىنىپ قالغان. ئەمما قىسقىغىنە بۇ بەش سكونتلۇق ئىككىلىنىش جەريانىدا، دەريا سۈيى تۇيۇقسىز داۋالغۇپ ئۆرلەشكە باشلىغان، ئاقىۋەت قىز …..
ھازىر تېخى iPhone 5 نىڭ قاچان بازارغا سېلىنىشى ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر مەلۇمات يوق، بىراق چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر نەپەر Rob Shoesmith ئىسىملىك 29 ياشلىق يىگىت، ئاللىقاچان لوندوندىكى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دۇكىنىنىڭ ئالدىدا چېدىر تىكىپ، iPhone 5 نىڭ بازارغا سېلىنىشىنى ساقلاشنى باشلىغان. قارىماققا، بۇ يىگىت …..
دۇنيادا مۇنداقمۇ «قالتىس» كىشىلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن!! 17 ياشلىق ئەنخۈيلىق تولۇق بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى، يېنىدا پۇلى يوق، ئەمما بىر دانە iPad 2 سېتىۋېلىش كويىدا، ھېچنىمىگە قارىماستىن بىر بۆرىگىنى 20 مىڭ يۈەنگە ھايانكەشلەرگە سېتىۋەتكەن!!!
ئامېرىكىدىكى «دۇنيا كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى پارچە 30 نەچچە قۇرلۇق « ھالاكەت پارولى » يېزىلغان باغاقچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI) دىكىلەرنى توپتوغرا 12 يىل ئاۋارە قىلغان، مەزكۇر باغاقچە قاتىللىق قورالى، گۇۋاھچى ۋە ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بىر ئەنزىنىڭ مۇھىم يىپ ئۇچى دەپ قارالغاچقا، FBI يېقىندا ئامالسىز قائىدىنى …..
مەنمۇ كۆرەپ باقاي