Diablo3 تىن يېڭى باب – جانغا زامىن ئورغاق(Diablo III: Reaper of Souls) ۋە CG فىلىمى ئېلان قىلىندى!
بۇنىڭدىن نەق بىر يىل بۇرۇن، تورخۇماردا «تور ئويۇنى ئوينايدىغان باللا بامۇ؟ 暗黑破坏神3 ئويۇنىنىڭ بىر قىسىم CG لىرىنى كۆرگەچ مۇڭداشمامدۇق؟» دېگەن تېما ئارقىلىق تورخۇماردىكى تور ئويۇنى مەستانىلىرى ۋە شۇ تېمىدىكى گېپى بولۇنغان Diablo 3 توغرىسىدا مۇڭداشقان ئىدۇق. بۈگۈن Billizard تەرەپتىن مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بابى – Diablo III: Reaper of Souls ۋە مۇناسىۋەتلىك CG فىلىمىنى ئېلان قىپتۇ.
فەقىرمۇ شۇ مەزگىللەردىن باشلاپ بۇ ئويۇننى پاسىبان قاتارلىق تورداشلار بىلەن بىرگە ئويناپ كېلىۋاتقان. ئويۇن دەسلەپتە تۆت باب ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يۇقىرىدا مەن تىلغا ئالغان تېمىدىكى CG فىلىملەردە ھەر قايسى بابلارنىڭ باشلىنىش كۆرۈنۈشى بار، شۇ كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئويۇننىڭ ۋەقەلىكى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. تۆتىنچى بابتا ئويۇندىكى ئاخىرقى كاتتىباش Diablo نى ئۆلتۈرۈپ ئويۇننىڭ ۋەقەلىك قىسمى ئاخىرلىشاتتى. بۈگۈن ئېلان قىلىنغان يېڭى بابنىڭ كۆرۈنۈشىگە قارىغاندا، يەنە يېڭى مۈشكۈلاتلار ھازىرلانغاندەك تۇرىدۇ.
ئويۇننى قويۇپ تۇرۇپ CG نىڭ ئۆزىگە كەلسەك، فىلىمنىڭ ئىشلىنىش سەۋىيەسى بولسۇن ياكى ئاۋاز بېرىلىشى جەھەتتىن بولسۇن، Billizard نىڭ بۇرۇنقىدەك ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلغۇدەك بوپتۇ. يېڭى بابتا ئويۇن ۋەقەلىكى يېڭىلىنىپلا قالماستىن، يەنە يېڭى بىر كەسىپ – كرىستلىق چەۋەنداز قوشۇلغان ئوخشايدۇ. مەنمۇ تېز ئارىدا سىنكارتامنى يېڭىلاپ يېڭى باب ئۈچۈن تەييارلىقنى باشلاشنى ئويلىشىۋاتىمەن. قۇرۇق گەپنى قويۇپ سىنغا كېلەيلى.
Diablo III – جانغا زامىن ئورغاق باشلىنىش فىلىمى
يېڭى كەسىپ – كرىستلىق ئەسكەر ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: CG، تور ئويۇنى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,665 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: d3-reaper-of-souls-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ياپونىيەلىك ئاداشنىڭ خاككىر ئىمپىرىيىسى ئۇسۇلى | ھاڭ – تاڭ قالمىسڭىز مانا مەن!
- كېيىنكى يازما > نۇر دېسكىنىڭ زاۋۇتتىن قانداق ئىشلىنىپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلىمۇ؟
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- مەستانىلەر ئۆزى ئىشلەپ چىققان CG فىلىم – Naruto VS Bleach
- Cyberpunk 2077 ناملىق ئويۇننىڭ CG تەشۋىق فىلىمى
- ئويۇنلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن CG فىلىملەرمۇ خېلى چوڭ كىنو-فىلىملەردىن قېلىشمايدۇ
- يەرشارىنى بىر مەھەل قاپلىغان دۇنياغا داڭلىق ئويۇن – ماشىنا ئوغرىسى(GTA) نىڭ تور(Online) نۇسخىسى چىقماقچى!
- ئەمەل نەيرىڭى(Game Of Thrones) نىڭ 3-بۆلۈم ئىشلىنىش جەريانىدىكى بىر قىسىم ئالاھىدە ئۈنۈم تېخنىكىلىرى
- تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كاتتا ئىشلەنگەن مۇردا فىلىمى – مۇردىلار دۇنياسىدىكى جەڭ(World War Z) نىڭ CG ئىشلىنىش تەپسىلاتى
- فانتازىيەلىك قىسقا فىلىم «جانباز ماشىنا ئادەم»
- ھوللىيۋود فىلىملىرىنىڭ سەۋىيەسىدە ئىشلەنگەن قىسقا CG فىلىم: شەپەرەڭ پالۋان – ئاركھامنىڭ پەيدا بولۇشى
- كەلگۈسىدە كىنو-فىلىملەرنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈمى قانداق ياسىلىدۇ بىلەمسىز؟ ئويۇن ئوينىغاندەكلا ئاددىي ئىش!
ديابلونىڭ روھىنى قارا تاشتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدىكەندە ئاۋۇ نوچى. تەيرېيىلنىمۇ قولىنىڭ ئۇچىدا كۆتىرىۋېتىپ بارىدۇ، بىزنىڭ قوشۇندىكىلەنىمۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋالالايدىغان ئوخشايدۇ. يېڭى ئۆتكەلنى بىللە بۆسەپ چاناپ كېلەمىز ما گۇينى
تەيرېيلمۇ دېدىغۇ، نېفالىم سېنى بوش قويىۋەتمەيدۇ دەپ. تەيرېيلنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىماي بولمايدۇ.
ئاۋۇ كرىستلىق ئەسكەر سېھرىگەر بىلەن ياۋا ئادەمنىڭ بىرلەشمىسىكەنغۇ؟ ئىككىمىزنىڭ گۇمپىسىنى بىرلەشتۈرگەندەكلا بىر رولنى ئاپتۇ. مەن يەنە شۇ بولقامدا كاللىسىنى مېجىپ تۇراي. بۇ كەسىپنى تازا ياخشى كۆرمىدىم.
زادى دىۋاندا ئولتۇرغانلار سەل جىق سۆزلەپ قالىدۇ جۇما ! ( چاقچاق جۇما ، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باققان ھەقىقەت ئەمەسمۇ بۇ ! ھې ھې ھې )
ئەمما لېكىن پاسىباننى ئۇزۇن بوپتىكەن بۇ يەردە كۆرمىگىلى.
پات-پات كەپ تۇرۇڭ دەيمە !
ھە ئېسىل چىقىپتۇ قاچان يۈزكۆرىشەرمىز بۇ فىلىم بىلەن…
توۋا يازمىنى ئوقىماي ئىنكاس يازدىغانلا جىقلاپ كېتىپتۇ دىسە ، ئويۇن دەۋەتسا ماۋۇ رېچاد دىگەن ئاداش فىلىم دەپ يۈرىدۇ توۋا
بىر مەرتەم ئېزىپ ساپتىمىز ئەسلى دىۋاننى ئىگەللەپلا ئۆزگەرتىۋېتەي دىگەن ئىدىم ئالدىراشچىلىقتا ئامال بولمىدى ئەمەسمۇ…..
تورخۇماردا ئاشتاق دىۋانغا چىقىۋالساق دەيدىكەنمىزدە…
ئەمما بەزىدە شۇنداق جۆيلۈپ سالىدىكەنمىز……
چاقچاق… ھى
ئەمما ماۋۇ ئويۇننىڭ ئاۋۇ كارتون ك گ نۇسخىسىدىكى فىلىمى بەكلا ياقتى جۇمۇڭ ماڭا…
تۇنجى نەشرىنى ھازىرمۇ ئويناپ قويىمەن!
ئەل ئۆمرۈمدە مۇشۇ ئويۇننى ئويناپ باقماپتىمەن(سەل قىززىقمايمەن مۇشۇنداق ئويۇنلارغا) ، ھەجەپ ماختايدۇ مۇشۇنى ،قانداق ئويۇندۇ ؟؟ ماندا بى تەسىراتىڭلىنى سۆزلىۋەتمەمسىلە ئويناپ باققانلار
قىنى خۇماداشتىكى باللا بۇ ئۇيۇننى بىر ئوينىمامدۇق .
مەن بۇ ئويۇننى بەك ئوينىغىم باتى،لىكىن پەقەت نۇمۇر ئالالمدىم ،دوسلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ نۇمۇر ئىلىپ بىرشنى ھەمدە ئويۇنغا كىرگىدەك قىلىپ بىرشنى ئۈمۈت قىلمەن ،پۇلغا سىتۋالساممۇ مەيلىتى نۇمۇرنى ،،،ماڭا ياردەم قىلىڭلار ،قۇلايلىق بولسا ئۈندىدار دا ئالاقىلاشساقمۇ بولدۇ نۇمۇرۇم 360489581
مۇشۇ ئويۇنغا كەلگەندە ئالدىمنى تام توسقاندەكلا…. قارىسام تورسىز ئويۇن دەپ تۇرىدۇ چۈشۈرۈپ ئويناي دېسەم نومۇر تەلەپ قىلىدىكەن. ئورگان بېتىگە كىرىپ بىرمۇنچە ھەپىلىشىپ تاشلاپ قويغانىدىم ئۆتكەندە. ۋوۋ نىمۇ ئوينىمىدۇق يا مۈشۈكئېيىققا كەلگەندە، قېرىغانسېرى قېلىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. مۇشۇ خەنلەر ئوخشىمايدىكەن قارىسا ھەر-ھەر قېرىلىرىمۇ ئويۇنغا باشچىلاپ كىرىپ كېتىدىكەن. غەم يوقتە ئۇلاردا….
پۇلغا سېتىۋالساممۇ مەيلىتى دېگەن قانداق گەپ؟ بۇ ئويۇننى پۇلغا سېتىۋالمىسا ئوينىغىنى بولمايدۇ شۇ. باشقا ئويۇنلارغا قارىغاندا قىممەترەك، لېكىن ھازىرقى ئىستېمال سەۋىيەمىزدە بەش كىشىنىڭ بىر ۋاق تامىقىغا پايلايدۇ، بىر قېتىم سېتىۋالغان پېتى شىركەت مۇلازىمىتىرنى تاقىغىچە ئوينىيالايسىز.
كىچىكىمدە ئوينايتىم ئۇيۇنلارنى ھەر پەيزى ئويۇنلاربارتى ،بۇنىڭمۇ تۇنجى نۇسخىسىنى شۇنداق قىززىتىپ ئوينىغان،ھازىر يېڭى چىققان ئوينلارنىڭ سىغىمىنىڭ يۇقۇرلىقى بىر ئويۇننى بىركۈندە ئاران چۈشۈرۋاتقان ،سەپلىمىگە بولغان تەلپى ۋاي ۋاي يېتىشىپ بولالمايدىكەنمىز ،ھازىر كومپىيوتېرنىڭ ئالدىغا كەلسەم قايسى ئويۇننى ئويناشنى بىلمەي يەنە مۇنبەر ئارلاپ قويۇپ كومپىيوتېرنى تاقايمەن،خىزمەتكە چىققاندا تازا ۋەششى سەپلىمىسى يۇقىرى كومپىيوتېربىلەن قوشۇپ XBOXئېلىپ ئۇيۇننى ۋەششى ئوينىمىسام خەپ!
بولسا ئوينىغانلار نومۇرۇڭلارنى مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويساڭلار، مەنمۇ بىر نومۇر ئېلىشنى ئويلاۋاتىمەن، ئالدىنقىسىنى 3 قېتىم تۈگەتكەن، نېمىشقا دەپ سورىماڭلار، قاننى قاينىدىغان بۇنداق ئويۇننى كەتكۈزۈپ قويغانلار ئۆزىنى مەن ئويۇنچى دېمىسىمۇ بولىدۇ. بىللە ئويناپ پۇلنىڭ ئاچچىقىنى چىقارمامدۇق؟
چچ1486091399 مىنى كۇشۇڭلا