ياغقاندا كۆڭۈلنىڭ سىم-سىم يامغۇرى

يوللانغان ۋاقتى:01-02-2012   مەنبە: 未知   مۇھەررىر: admin   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
ئاپتورى: ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە بارىدىغان يول سۆيگۈنى ئاتايمەن تاتلىق تىلىڭدا، سېزىمەن ھەم يەنە قەلبىڭدە سېنى

ئاپتورى: ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان


 

 

كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە بارىدىغان يول

 

سۆيگۈنى ئاتايمەن تاتلىق تىلىڭدا،
سېزىمەن ھەم يەنە قەلبىڭدە سېنىڭ.
تۇتساممۇ ئاھ ئۇنى يۇمران قولۇڭدا،
يۈرىكىم يېرىلىپ كەتمەكتە مېنىڭ.

مۇھەببەت − يىراققا سوزۇلغان ئورمان،
ئورماننى قۇچاقلاپ تۇرماقتا ئۇپۇق.
مەن − شامال، يەلپۈسەم يوپۇرماقلارنى،
سەن گويا ئۇپۇقنى تېشىدىغان ئوق.

ئۇپۇقتىن ئۆتكەندە كۆرۈنەر بىزگە،
كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە بارىدىغان يول.
شۇ يولدا ئۇچرىشىپ يەنە ئايرىلىپ،
قاراڭغۇ ئورمانغا قايتارمىز ئۇدۇل.

 

يولۇچى

 

قەيەردىن چىقىرىپ، قەيەرگە قويار،
بىر سەندىن باشلانغان تارام - تارام يول؟
ماڭىمەن پۇتلىرىم تۇپراق بولغۇچە،
تۇمانلىق ئۇپۇققا ئۇزاتقانچە قول.

ئۇپۇقنىڭ كەينى ۋە سېنىڭ ئالدىڭدا،
ھەي، زادى نېمىلەر بولۇشى مۇمكىن؟
يا مەندەك توختىماس يولۇچىمۇ سەن؟
ئىچىڭدە مۇدھىش، قاراڭغۇ ئېقىن.

سېنىڭدىن باشلاندىم، بارىمەن نەگە؟
سەن كىمدىن باشلىنىپ مەندە توختىغان؟
ھېس قىلدىم ئۇپۇققا ئايلانغىنىڭنى،
ھېس قىلدىم مەنمۇ ھەم ئۇپۇقمەن ھامان.

ئەنە، بىر يولۇچى مەندىن باشلىنىپ،
ئۇپۇقتەك سۈرۈلدى يىراق نۇقتىغا.
يەنە بىر يولۇچى چىقىپ ئۇنىڭدىن،
بەك ئۇزاق قايغۇردى قاراپ ئالدىغا.

 

ياغقاندا كۆڭۈلنىڭ سىم - سىم يامغۇرى

 

ياغقاندا كۆڭۈلنىڭ سىم - سىم يامغۇرى،
ئەسلەيمەن قانىتى سۇنغان بىر قۇشنى.
ئۇمۇ ھەم مېنىڭدەك سۈكۈتكە پېتىپ،
ئەسلىگەي ئۆتمۈشتە قالغان ئۇچۇشنى.

ئەنە شۇ ئۆتمۈشتە قالغان ئۇچۇشتا،
ئۇچرىتار مېنىمۇ پۇتسىز، قاناتسىز.
كۆزۈمگە بىر ھازا تىكىلىپ، ئاندىن،
سورىغاي: قانداقراق تۇرۇۋاتىسىز؟

ئۇنىڭغا قاراپ مەن ئۇزاقتىن - ئۇزاق،
ئەسلەيمەن ئەسلەشنىڭ نېمىلىكىنى.
ياغقاندەك كۆڭۈلنىڭ سىم - سىم يامغۇرى،
سىلايمەن ھەم نەمخۇش قاناتلىرىنى.

 

مەڭزىڭگە ياقارمەن قايسى يۈزۈمنى

 

سۆيۈشتىن باشقىنى بىلمىگەن بولسام،
بىلمىگەن بولارمەن سۆيۈلۈشنىمۇ.
ئۆزۈمدىن باشقىنى سۆيمىگەن بولسام،
بىلمەيمەن ھەتتاكى ئۇيىلىشنىمۇ.

ئۆزۈمدىن باشقىنى بىلمىگەن بولسام،
بىلمىگەن بولارمەن ئۆزلۈكۈمنىمۇ.
ئۆزۈمنى بىلمەستىن سۆيدۈم دېگىنىم،
بىلدۈرۈپ قويار جۈپ يۈزلۈكۈمنىمۇ.

جۈپ يۈزلۈك ئۆزۈمدە تۇيغۇ نە قىلسۇن؟!
مەڭزىڭگە ياقارمەن قايسى يۈزۈمنى؟
يېڭى ئۆز، يېڭى مەن پەيدا بولارمۇ،
يوق قىلسام ئۆزگىگە تولغان ئۆزۈمنى...

 

قۇياشقا قارىساڭ ئەنە شۇ چاغدا

 

ئەگەر سەن قۇياشقا سىنچىلاپ قاراپ،
بايقىساڭ ئۇشتۇمتۇت قاراڭغۇلۇقنى،
مەنمۇ ئاھ سۈرىتىڭ ئالدىدا شۇتاپ،
ئەكەلدىم يىغلاشقا سانسىز بۇلۇتنى.

بۇلۇتلار ياش تۆكۈپ دەريا بولغاندا،
تېنىمنى قولۋاق قىلىپ سالىمەن ئاڭا.
ئېسىمدىن بېلىقتەك ئۈزۈپ ئۆتىسەن،
ئەڭ چوڭقۇر بىر جايغا يېتىپ بارغاندا.

چىققاندا قىرغاقنىڭ ئۇ تەرىپىگە،
دەريامۇ، سۈرەتمۇ يوقايدۇ ئاستا.
كۆرىسەن بىر دۆۋە قۇم ۋە كېچىنى،
قۇياشقا قارىساڭ ئەنە شۇ چاغدا...

 

مۇھەببەت ناخشىسى

 

مۇھەببەت ناخشىسى تۈگىمەس ناخشا،
ساڭىلا بېغىشلاپ ئېيتىمەن ئۇنى.
توختاشنى بىلمەيمەن، بىلمەيمەن يەنە
قاچانلار ناخشامدىن زېرىكىشىڭنى.

ئېيتىمەن، لەۋلىرىم قۇشقا ئايلىنىپ
بېغىڭغا ۋىچىرلاپ كىرىپ كەلگۈچە.
قەپەسسەن تولىمۇ نەپس ئىشلەنگەن،
قوغدايسەن ئۇلارنى ئۆلۈپ كەتكۈچە.

مۇھەببەت ناخشىسى ئاجايىپ ناخشا،
تېكىستى، ئاھاڭى چەكسىز ۋە قايناق.
سەن ئۇنى ئاڭلاشتىن توختىغان چاغدا،
ھېچ كىشى ئېيتالماس، ئېيتالماس بىراق...
 




ھالقىلىق سۆزلەر : يامغۇر، شېئىر


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار