كۆيگەن يۈرەك
يوللانغان ۋاقتى:22-09-2011
مەنبە: تارىم 2011-يىل 3-سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
چاراسلاپ يالقۇندا كۆيىدۇ يۈرەك،
بىر بۈيۈك قۇملۇقتا سۆيگۈسى قاينام.
ئاپتورى: مۇھەممەت چاۋار
(بۇ شېئىرنى شائىرلارغا بېغىشلايمەن)
چاراسلاپ يالقۇندا كۆيىدۇ يۈرەك،
بىر بۈيۈك قۇملۇقتا سۆيگۈسى قاينام.
خىيالدا قاناتلاپ كېتىدۇ ئۈزۈپ،
گاھ ئويناپ بوستاندا، گاھ سۆيۈپ سايرام.
باغرىدىن كۆز ئاچار يالقۇنلۇق ھەر تاڭ،
ئوت قۇياش ئايلىنار جاھاندا پارلاپ.
مۇڭىدىن روھلىنار بۇ ئانا تۇپراق،
چىملىقتا تۈزۈلگەن مەشرەپتە قايناپ.
گۈل سوراپ چىمەندە گۈل شەيدا يۈرەك،
ئاھۇدەك تاغلارغا تاشلايدۇ ئىپار.
كۆڭلىدە يۇلغۇندەك مەزمۇت ئېتىقاد،
چېچەكلەر سۆيگۈسى سايدا بىغۇبار.
تۈنلەردە ئۇ تۆككەن تەگسىز ئاھ - پىغان،
قوزغىتار دېڭىزدەك دولقۇنلاپ شاۋقۇن.
مۇھەببەت نىداسى ئەۋجىگەن گۈلخان،
نامەردلەر ئەھلىگە چاچىدۇ يالقۇن.
ئۇ مەغرۇر تاغلارنى قىلدى سەيلىگاھ،
گۈللەرنىڭ لېۋىدىن شوراپ بال - قىيام.
سوۋۇقتا كۈي - ئۈگۈت سوراپ چوپاندىن،
رەڭ ئالدى كۈيلەرگە ھەر سەھەر - ئاخشام.
ئۇ مەخمەل يايلاقتا قىيغىتار تايدەك،
ئانا يەر سېھرىدىن شادلىققا تولۇپ.
چوققىلار باغرىدا ئۇ ئەزىم دەريا،
ئاقىدۇ كۆۋجىگەن دولقۇندا بۇژغۇپ.
ئۇ بۈيۈك قۇملۇقتا ئويغاق ھەرقاچان،
يۇلغۇنلار ھىدىنى شامالدەك چاچار.
توغراقلار شېخىدا شاخلىتىپ ۋىجدان،
بارخانلار ئۈستىدىن يورۇق تاڭ ئاچار.
سەھەردە كۆللەردە يۈرىدۇ لەيلەپ،
يەلكەندەك دولقۇنغا كۆكسىنى ئۇرۇپ.
بېلىقلار مەۋجىدە مىڭ داستان قوشاق،
بارىدۇ ھەر يولدا پاك ئىلھام قۇچۇپ.
تىڭشايدۇ ئاق تېرەك ئاستىدا چۆچەك،
ئاتىلار ئىزىدىن يادنامە ئېلىپ.
ھارمايدۇ ئايدىڭدا مۆكۈشمەك ئويناپ،
ئانا يۇرت مېھرىگە پاك مېھىر بېرىپ.
قۇياشلىق كۈندۈزدە تويلايدۇ ھەريان،
كېچىسى جاپادا فونتانلاپ ئاقار.
پۈتمەيدۇ مىڭ ئېيتسا بۇ ھەقتە داستان،
باراڭلىق ھويلىدا شۇنداق تاڭ ئاتار...
ئېيتىدۇ كىم بىزنى ئاڭقاۋ ۋە نادان،
بىز باسقان يوللاردا كۆكلەيدۇ گۆھەر.
تېرىقتەك تۇيغۇدا بىر دۇنيا قىسمەت،
پۈتىدۇ ھەر ھېستا بىر بۈيۈك ئەسەر.
بىز ئۆتكەن تاغلاردىن ئۆتۈپتۇ كىملەر،
چاقنايدۇ مۇزتاغدا كاتتا داۋانلار.
ئېچىلدى قۇرۇمدا قانچە سۈڭگۈچ غار،
بوي ئەگدى ھەر ئىزدا قاۋان - قىيانلار.
نەۋرىلەر ئالدىدا دانىشمەن ئەجداد،
كېلىدۇ ئىز بېسىپ جەسۇر ئەۋرىلەر.
گۈللەرگە تولىدۇ شۈبھىسىز شۇ چاغ،
بىز ياتقان بوستاندا ئۇلۇغ قەبرىلەر.
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------