ئاشىق تەلقىنى(شېئر)

يوللانغان ۋاقتى:07-07-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: {dede:adminname /}   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
ئاشىق تەلقىنى سەن نەدە بولۇپ كەلدىڭ ئۆمرۈمگە سەۋەپ، پەپىلىدىم ئوتلۇق ھىجراننى، چۈشلۈرۈمدىن ئۈزگەن ياپرىقىڭ، پارلىتىدۇ مىڭ،مىڭ ئار

ئاشىق تەلقىنى

سەن نەدە
بولۇپ كەلدىڭ ئۆمرۈمگە سەۋەپ،
پەپىلىدىم ئوتلۇق ھىجراننى،
چۈشلۈرۈمدىن ئۈزگەن ياپرىقىڭ،
پارلىتىدۇ مىڭ،مىڭ ئارماننى.

ئۇنتالمىغاچ كۆزۈڭنى جانان،
سۈبھى تاڭدا چولپانغا باقتىم،
ئىزدەپ رەڭدار نەپەسلىرىڭنى،
شەبنەملەرگە لېۋىمنى ياقتىم.

كۈنلەر زۇلمەت، كېچىلەر يالقۇ،
سەھەر غۇۋا يوقتۇر ھېچ نىمە.
مەۋجۇتلۇقۇم چىكىدە دىڭىز،
ئۈزگىنى سەن يايلىتىپ كىمە

بۇستانلاردىن سېنى ئېزدىدىم،
لالە بولۇپ كۆچتۈڭ يۈرەككە.
ساباھلاردىن سېنى سورىدىم،
كاككۇك كەبى قالدىم تېلەككە.

سەن نەدىسەن، سەن نەدە جېنىم،
مەن يوقمۇيا سەن بار دۇنيادا ؟
بۇ دۇنيادا باردۇرمەن بەلكىم،
لېكىن يوقمەن سېنىڭ دېلىڭدا.

ئۆچمەس ئوت

ئۇنتاي دەپمۇ بىر ئۆمۈر،
ئۇنتالمىدىم بىر مىنۇت.
قاچانلاردا سالغانتىڭ،
يۈرۈكۈمگە ئۆچمەس ئوت.

غۇۋاغىنا سۆيگەنتىڭ،
سۆيگۈم باردەك يۈرمەپتىم.
بىر سۆيۈش بىر ئۆمۈرلۈك،
دەرت بولۇشنى بىلمەپتىم.

كېچىلىرى ئاي يېرىم،
كۈندۈزى يۈرەك يېرىم.
كېتەرمەنمۇ دۇنيادىن،
بۇ باغرىم تېلىم-تېلىم.

يالغۇزمەن

كۈلۈشلەردىن يالغۇزمەن.
كۆرۈشلەردىن يالغۇزمەن.
يار بولغاچقا تاش يۈرەك،
سۆيۈشلەردىن يالغۇزمەن.

تاڭلار كۈلدى نۇر تولۇپ،
شەبنەملەردىن يالغۇزمەن.
باغلار كۈلدى گۈل تولۇپ،
قەدەملەردە يالغۇزمەن.

مەن كۆيىمەن ئوت بولۇپ،
يار كۆيمىگەچ يالغۇزمەن.
كېلىپ بىركۈن ھالىمنى ،
كۆرمىگەچكە يالغۇزمەن.
 

ئاشىق تەلقىنى

سەن نەدە
بولۇپ كەلدىڭ ئۆمرۈمگە سەۋەپ،
پەپىلىدىم ئوتلۇق ھىجراننى،
چۈشلۈرۈمدىن ئۈزگەن ياپرىقىڭ،
پارلىتىدۇ مىڭ،مىڭ ئارماننى.

ئۇنتالمىغاچ كۆزۈڭنى جانان،
سۈبھى تاڭدا چولپانغا باقتىم،
ئىزدەپ رەڭدار نەپەسلىرىڭنى،
شەبنەملەرگە لېۋىمنى ياقتىم.

كۈنلەر زۇلمەت، كېچىلەر يالقۇ،
سەھەر غۇۋا يوقتۇر ھېچ نىمە.
مەۋجۇتلۇقۇم چىكىدە دىڭىز،
ئۈزگىنى سەن يايلىتىپ كىمە

بۇستانلاردىن سېنى ئېزدىدىم،
لالە بولۇپ كۆچتۈڭ يۈرەككە.
ساباھلاردىن سېنى سورىدىم،
كاككۇك كەبى قالدىم تېلەككە.

سەن نەدىسەن، سەن نەدە جېنىم،
مەن يوقمۇيا سەن بار دۇنيادا ؟
بۇ دۇنيادا باردۇرمەن بەلكىم،
لېكىن يوقمەن سېنىڭ دېلىڭدا.

ئۆچمەس ئوت

ئۇنتاي دەپمۇ بىر ئۆمۈر،
ئۇنتالمىدىم بىر مىنۇت.
قاچانلاردا سالغانتىڭ،
يۈرۈكۈمگە ئۆچمەس ئوت.

غۇۋاغىنا سۆيگەنتىڭ،
سۆيگۈم باردەك يۈرمەپتىم.
بىر سۆيۈش بىر ئۆمۈرلۈك،
دەرت بولۇشنى بىلمەپتىم.

كېچىلىرى ئاي يېرىم،
كۈندۈزى يۈرەك يېرىم.
كېتەرمەنمۇ دۇنيادىن،
بۇ باغرىم تېلىم-تېلىم.

يالغۇزمەن

كۈلۈشلەردىن يالغۇزمەن.
كۆرۈشلەردىن يالغۇزمەن.
يار بولغاچقا تاش يۈرەك،
سۆيۈشلەردىن يالغۇزمەن.

تاڭلار كۈلدى نۇر تولۇپ،
شەبنەملەردىن يالغۇزمەن.
باغلار كۈلدى گۈل تولۇپ،
قەدەملەردە يالغۇزمەن.

مەن كۆيىمەن ئوت بولۇپ،
يار كۆيمىگەچ يالغۇزمەن.
كېلىپ بىركۈن ھالىمنى ،
كۆرمىگەچكە يالغۇزمەن.
 

 




ھالقىلىق سۆزلەر : ئاشىق(شېئىرلار)


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار