گۈل دالام-ئالتۇن ئۇۋام

يوللانغان ۋاقتى:28-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 7 پارچە
ئاپتورى: ياسىن زىلال 1 ساماۋات سەيلىسىدە كۆكتە ئىز قويغان مۇساپەم بار، تولۇن ئاي كۆكسىگە باغرىمنﯽ

 

ئاپتورى: ياسىن زىلال

1
ساماۋات سەيلىسىدە كۆكتە ئىز قويغان مۇساپەم بار،
تولۇن ئاي كۆكسىگە باغرىمنﯽ چەككەن ھەم ھېكايەم بار.
قۇياشقا مەرھابالار ئېيتقۇزۇپ يالقۇنغا پۈركەلسەم،
شەبىستانلارغا يۇلتۇز يايغۇدەك نۇرانە غايەم بار.
ياۋا ئورماندا شىر، يولۋاس يولۇمغا مۇنتەزىر ئەرمىش،
ئۇلۇغ ئوكياندا كىتلار قارنىدا شاھانە خانەم بار.
زېمىندىن بوي سوزۇپ تا ئەرشﯽ تاقىغا بېشىم يەتكەي،
قۇچۇپ بار كائىناتنﯽ سۆيگۈدەك ئېزگۈ ئىرادەم بار.
يېقىپ زاتىمنﯽ سەجدەمدە مۇقەددەس يەرنﯽ ھىدلايمەن،
ئاۋايلا بۇ ئانا تۇپراق تېگىدە پۇشتﯽ ئادەم بار!
سەھەر گۈللەرگە تامغان قەترىلەر بەھرىدە مەن ھازىر،
قومۇشلار كۆكلىگەن قۇملۇق ئىچىدە دانە - دانەم بار.
كېزەر يەرۇ پەلەك، دەشتۇچىمەن، سەھرا - شەھەر روھىم،
ئېقىنلار تەكتىگە چۆكسەم ئېگىز تاغلاردا سايەم بار.
ۋىسال تەشناسىدا ھىجران تىغىدىن لالەدۇر باغرىم،
مۇھەببەت بابىدىن بۇلبۇل تىلىدىن زارە قىسسەم بار.
زىلال دەريا جاھان بەھرىڭگە قانسا سەن ھامان چاڭقاق،
تېرەن پىنھانلىرىمدا بىئايان روھﯽ ھىمايەم بار.
2
ھامانەم ئالغا باقسام مەن نىگاھىمدا تالاي كەلمىش،
خىيالەن ئارتقا قايرىلسام تۈمەنمىڭ چېھرﯼ ياش كەچمىش.
زېمىنۇ كۆك ئارا تۈرلۈك تاسادىپقا بولۇپ شاھىت،
ھاياتىمنﯽ قۇچۇپ ئۆتتﯽ تولۇق ئەللىك باھار ھەم قىش.
ئانام ئاق سۈت بېرىپ باقتﯽ، دادام قەلبىمگە شام ياقتﯽ،
ئۇلۇغ قەۋمىمدە چوڭ بولدۇم، تۇغۇلغان يەر بېھىش ئەرمىش.
قۇرۇم تاغ باغرىدا ئەنھار تولا، قوينىدا لىق گەۋھەر،
تاراملاپ ئوخچىغان ھەيۋەت ئېقىنلار ھەۋزﯼ كەۋسەرمىش.
يورۇڭقاش، كېرىيە دەريالىرﯼ بەھرىدە قاش بولدۇم،
مۇقەددەس تەڭرىتاغنىڭ راھﯽ بولدﯼ دىلدىكﯽ خاھىش...
رىيالىق يالتىراق شۆھرەت - ئاتاققا بولمىدىم پارە،
دىلىستانىمدا ئۈن بەرگەي ساماۋﯼ غايە پەرمايىش.
تەسەننا رەھنامەمايىم، ئەھلﯽ پۇشتۇم، گۈل دىيارىمغا،
ئۆزۈمنﯽ ئوتقا تاپشۇردۇم، بولاي دەپ ئەل ئۈچۈن زەرخىش.
ئۇزاق دەشتۇ راباتلار قوينىدا چۆچەكلىرىم قالدﯼ،
بورانلىق لەھزىلەردە ئىپتىخارىم كەلمىدﯼ رايىش.
مۇھەببەت شەۋقىدە ھىجران چېكىپ، باغلارغا تەلمۈرسەم،
گۈلىستانلاردا گۈل - لالە ئارا پىنھان زەھەرلىك نىش.
نىھايەت بىقارار بارلىق ئىچىدە چوڭ كىتاب بولدۇم.
ھەقىقەت ھېسلىرﯼ ھەم ھۆر خىيالىم بولدﯼ پىر - دانىش.
زىلالىم، ئىپتىخارىڭ ئەرلىكىڭ - ئەركەكلىكىڭ قالتىس،
يالا دوقمۇشلىرﯼ ئەۋرەز ئېرۇركىم، ئەرزىمەس مىش - مىش.
3
بۇرادەرلەر، جاھان ئۆتكۈنچىدۇر، دەۋرانىلىق سايە،
رىيا شۆھرەتكە شەيدالىق قىلار ئەرنﯽ پىتەك - پايە.
قارا تارىخ چۆلىگە، تاجﯽ - تونلارنﯽ قۇيۇن ئوينار،
زېمىندىن ئايغا قونساڭ يىغلىماي يەر ئۈزرە ئۇز غايە.
دېيۇرلەر: قانچە ئون يىل مەنمۇ شەيتان سۆڭرە ئەگەشتىم،
گۈزەل ئارمانلىرىمنﯽ قايسﯽ چاغ قىلدىم نېچۈك زايە.
قېنﯽ ئۇ ئارغىماقتەك شاش، قىران ھەم ئوت تۇياق چاغلار،
ئۇلۇغ چاقماق كەبﯽ ئىدراك نىھان كويلارغا سەرمايە...
يېشىم بىر يەرگە يەتكەندە جاھاننﯽ تونۇدۇم قايتا،
نىھايەت ئەسلىيەت روھىمغا مەشغۇل ئەيلىگەي رايە.
زىلالىڭ بەھرىگە قايتتﯽ، زىلالغا چاڭ چۈشۈرمەستىن،
كېلىڭلار چاڭقىغان دوستلار، قىلاي بارىمنﯽ دەسمايە.
4
بۇ جاھاندا ياخشىلار كۆپ، دەيمىزۇ پەسلەر تولا،
بۇ گويا زەر شۇنچە قىس بولغان بىلەن خەسلەر تولا.
ياخشىلار ئويلاپ پەقەتلا ياخشىلىق، قىلماس گۇمان،
ئېزگۈلۈك ساھىبلىرﯼ ئىچرە مۇقەددەسلەر تولا.
ئول مۇقەددەسلەر غۇبارسىز، بىرىيا، دىلكەش كېلۇر،
ھەرقاچان ئەتراپىدا شۇم تۈلكىلەر، قەستلەر تولا.
تاشمۇتاش، گۆرھەرمۇ تاش، تاش تاشقا تەگسە قاش سۇنار،
تاش ۋە قاش پەرقىنﯽ كۆرمەس ساددا بىخەستىلەر تولا.
تاغدىكﯽ تۈرلۈك چېچەكنىڭ رەڭ، پۇراقﯽ ئۆزگىدۇر،
قاي شېكەرۇ قاي زەھەر بىلمەستە دىلخەسلەر تولا.
قانچە كەچمىشلەر ئۆتۈپتۇ، لەھزىلەر مىڭبىر كىتاب،
نەچچە يۈز يىل سۆزلىسەڭ پۈتمەيدىغان ئەسلەر تولا.
ئەي زىلال، سېھرىي جاھاننىڭ قات - قېتىنﯽ سويغۇلۇق،
مەرگىمۇش يۇتقان كەبﯽ كەلمىشنﯽ بىلمەسلەر تولا.
5
پۈركىنىپ گۈلگۈن شەپەققە، كۆكنﯽ سۆيگەن زەر راۋاق،
بولسا ھەق مۈلكۈڭ ناۋادا ئۇ ساڭا قۇت يالتىراق.
بولمىساڭ مالىك قەسىرلەردىن كۆزۈڭنﯽ يەرگە ئال،
شادىمان كۈلكەڭگە تولغان بورىگاھىڭ ياخشىراق.
بولسا ئۆز زۇلپۇڭ قولۇڭدا تارىلار تال - تال بولۇپ،
يەلپۈتۈپ تۇرغان شاماللارغا ھەۋەسكار كۆز - قاراق.
ھەر نېچۈك ھال رەڭگﯽ ھالىڭ بىرلە ماس كەلسە بەلەن،
بەك غەلەت تۇرمامدۇ چاچسىز باشتىكﯽ ئالتۇن تاراق.
ئارىيەتلىك شاھﯽ تون كۆرمەككە ئۇزدۇر، تەنگە مۇز،
قارنﯽ باغرىڭنﯽ قىلار قان قىزغىنىپ بەرگىن تاماق.
نە ئەجەب گۆھەرپۇرۇشتىن ئاڭلساڭ دۇردانە سۆز،
ساختا مارجاندا بازار ئاچساڭ ئاۋام قىلغاي مازاق.
كەڭتاشا ئالەمدە ھەركىمگە نېسىۋە ئۆزگىدۇر،
ئايرىلىپ بولغاي تىرىكلىك دەملىرﯼ جەننەت دوزاخ.
شۈركىنىپ ياتقان سارايدىن دىلئارامدۇر ئايدالا،
سۇڭدىشىپ مىنگەن ئۇلاغ قويغاي يېرىم يولدا ياياق.
ئەي زىلال ئىلكىڭدە ھۇش، مۈلكۈڭ تولا روھىڭدا قوش،
كىر - غۇبارلار قونمىغايكﯽ، قارمۇ ئاق قەلبىڭمۇ ئاق.
6
دوست دېگەنگە دوست بولامدۇ ئېتىقادﯼ بولمىسا،
جان پىدالىق پەيتىدە قاشىڭدا بىللە تۇرمىسا.
سەن ئاڭا مېھرىڭنﯽ بەرسەڭ بىرىيا قەلبىڭ بىلەن،
ئۇ ساڭا ئىقبالﯽ، رايﯽ، زەۋقىنﯽ ئۇقتۇرمىسا.
تەقدىرﯼ كاج پەيلىدىن غايىب جاھان يۈرسەڭ ھەلەك،
ئول بۇرادەر قايدا يۈردﯼ؟ دەپ سېنﯽ ئاقتۇرمىسا.
ئەسكﯽ پۇشقاقتا يالاكەشلەر ساڭا سۈرتەر قارا،
ئاڭلىبان جىم، رەزگﯽ تۆھمەتنﯽ چېقىپ سۇندۇرمىسا.
ھەرقاچان مېھرﯼ نىھان ھەم بولمىسا قەھرﯼ ئايان،
جان چىقار ھالەتتىمۇ ھەققىڭدە ھەق گەپ ئۇرمىسا.
دوست بولامدۇ قۇرسا سۆھبەت ساڭا بىدوستلار بىلەن،
غۇسسا - غەم باغرىڭنﯽ تۆكسە، تامچە ياش ئاقتۇرمىسا.
تىغ يېغىپ كۆكتىن بېشىڭنﯽ چاكۇچاك قىلغاندىمۇ،
ھالﯽ - ئەھۋالىڭ نېچۈك دەپ، سەن ئۈچۈن قايغۇرمىسا.
ئەي زىلالىم بولدﯼ قىلغىن، قىلمىغىن ئارتۇق تاپا،
ئۇھسىنامتىڭ سەن ئەقىدەڭگە ئەلەملەر ئۇرمىسا.
7
ھەر نېچۈك ھالدا ئەقىدەمگە پىدامەن، دوز ئەمەس،
دەممۇدەم چېھرىدە رەڭ ئۆزگەرتكىلﯽ مەن توز ئەمەس.
بۇ مېنىڭ جانىم سېنىڭدۇر ھەم سېنىڭ جانىڭ مېنىڭ،
بىز پاكار قىرلاردىكﯽ ئاجىز، يېتىم يالپۇز ئەمەس.
جانمۇ بىر ھەم قانمۇ بىر دوستلار بىلەن ئارمانمۇ بىر،
دوستمۇ دوست، دۈشمەنمۇ تەڭ دوست دەيدىغان داپ يۈز ئەمەس.
ئىپتىخارسىز پەخرﯼ بىلمەس ھەمتاۋاق ئەغيار بىلەن
ئەھلﯽ ئىنسان ئىلغىمايلا يەيدىغان توڭگۇز ئەمەس.
دوستقا سادىق ئەقرابالار يارىغا يارمەن تۈگەل،
چىن ۋاپا يارانلىرىم بار، مەن غېرىب يالغۇز ئەمەس.
دوست بىلەن چۆللەرنﯽ كەزسەم ھەم ئاياغسىز ھەم ياياق،
گۈل بېھىش - جەننەت ئېرەملەر ئېھ، مۇشۇنچە ئۇز ئەمەس.
دوست بىلەن قىشتا تالادا تۈنىسەڭ ئىللىيدۇ جان،
قار يېڭﯽ ئاق پاختىدەك، مۇزلار گويا چوغ، مۇز ئەمەس.
قەدرﯼ دوستلۇق نەرخﯽ دۇنيا خەرجىدىن ئارتۇق ئېرۇر،
ئاي، قۇياشلىق ئاسمىنىمدۇر دوستلىرىم، يۇلتۇز ئەمەس،
دوستقا ھەم دوستلارغا دوستلۇق ئەيلىگەنگە ھەرقاچان
قىلغۇلۇق مىڭ رەت تەسەددۇق جان دېگەننﯽ، يۈز ئەمەس.
دوستلىرىمغا كىم قارا سۈرسە، زىلال ئەنھار ئۆزۈم،
دوق - يالا دەريا ئارا ئۆڭمەيدىغان قۇندۇز ئەمەس.
8
نەرخﯽ ئالتۇندىن ئېگىز قۇشنىڭمۇ ئالىم ئالدىدا،
قەدرﯼ ئىنسان بولمىغاي بىر قۇشچە زالىم ئالدىدا.
كىم ئېرۇر ئالىم دېگەن، ئالىم ھاياتنىڭ ئەختىرﯼ،
خەسمۇ تاپقاي نەرخىنﯽ ھېكمەت مۇكالىم ئالدىدا.
كىم ئېرۇر زالىم دېگەن، زالىم ھاياتنىڭ دۈشمىنﯽ،
نەرخﯽ زەر ئوت - خەس ئېرۇر ھەردەم ئۇۋالىم ئالدىدا...
كىمكﯽ ئالىم ئۇ قەدىردان، مېھرىبان ئالىي مۇقام،
كىمكﯽ زالىم ئۇ نادان، بەدبەخت، خىيالىم ئالدىدا.
يورۇماس ئالەم يۈزﯼ ئېرپان قۇياشﯽ يانمىسا،
دىل گۆرىستاندۇر ھامان كەلگەي زاۋالىم ئالدىدا.
تەختىگاھىمدا پىرىم - ئۇستازلىرىم نۇرلۇق سېما،
ياققۇسﯽ يۇلتۇز بولۇپ، پاك ئېھتىرامىم ئالدىدا.
پايىدىن تۇپراق ئېلىپ، چاچساڭ گۈلىستان يەر - جاھان،
لەۋزىدىن يۇلتۇز يۇتۇپ، تولغاي ھىلالىم ئالدىدا.
مەيلﯽ شاھ، دەۋرانىي ئالىي بول، زىلال، كېرىلمىگىن،
يەر ئۆپۈپ تۇرماق كېرەك ئۇستاز - مىسالىم ئالدىدا.
9
ماكانىم باغرىدىن تۇپراقنﯽ تۇتساڭ ئەھلﯽ زەرگەرگە،
مۇھەببەت ئىلكىدە تۇپراق - توپا ئايلانغۇسﯽ زەرگە.
ھاياتﯽ لازىماتلار ئېھتىياجﯽ توق ئۇلۇغ ئەلدە،
تەبىئەت ھەممىنﯽ بەخشەندە قىلغان بۇ ئانا يەرگە.
ئىلىم - ھېكمەت، ھۈنەر - سەنئەت، ئادالەت، چىن ساداقەتتە،
بوۋام - يەكتالىرىم ئالەم ئارا سايلاندﯼ سەرۋەرگە.
قۇرۇم تاغ باغرىدىن قاش چايقىغان ئەنھار ۋۇجۇدۇمدا،
تامايىم - ئىلتىجايىم يوق ساماۋﯼ ھەۋزﯼ كەۋسەرگە.
مالايىكلارغا ئېيتىڭ بىنەزەرمەن ھۆرﯼ غىلماندىن،
دىلىم تالىق لېۋﯼ يۇلغۇن گۈلىدەك يارﯼ دىلبەرگە.
يورۇڭقاش زەمزىمﯽ ھەيدەر ۋۇجۇدلاردىن زەرەر تاشنﯽ،
گۈلىستان ئاشىيانىمدا يىگىت ئايلاندﯼ شەمشەرگە.
زەرەپشان، قاش، تۈمەن، تارىم، قۇرۇم، خانتەڭرﯼ، ئالتۇنتاغ،
مۇقەددەس تاغۇ دەريا كۆمدىغۇ ئالەمنﯽ گۆھەرگە.
نېمىشقا مەن ساماغا تەلمۈرەي كۆكتىن تىلەپ يۇلتۇز،
دىلىستانىم كۆمۈلمىش كۈن بىلەن ئاي نۇرﯼ، ئەختەرگە.
زىلال دەريادا مىڭ يىل چايقىسام دۇنيا ئېرىغلانسا،
شاپائەت شەۋقىنﯽ تۆكسەم قىيامەت - روزﯼ مەھشەرگە.
10
كىرىدۇ گاھﯽ چۈشۈمگە رەھمىتﯽ دانىش بوۋام،
مەن ئۇنىڭ مېھرىدە چوڭ بولغانىدىم مەغرۇر، يارام.
بېشىڭىز كۆككە تاقاشقاي جان بالام» دەپ ھەر بازار»
تۆگە - تايلاق ئېتىشىپ ئويناپ كېلەتتۇق شاد - خۇرام.
ھەرقاچان يادىمدىدۇر جەڭنامە، چۆچەك، قىسسەلەر
ئۇ ماڭا ئېيتقانىدﯼ نۇرغۇن نەسىھەت، خۇش كالام.
كېلىدۇ مىسكىن خىيالىمغا يەنە غەمخان پەدەر،
ئېيتىدۇ: ھالىڭ نېچۈك، جانۇ جىگەر پارەم بالام؟!
يۈز - كۆزۈمگە يۈز يېقىپ، گۈلدەك پۇراپ پاك روھىدا،
باغرىغا باسقاي بوۋاقتەك مېھرىبانىم جان ئانام.
ۋادەرىخا، ھەممىسﯽ شېرىن ساماۋﯼ ھېسلىرىم،
يا بوۋام يوق، يا دادام ياكﯽ ئانام يوق، يا ئاكام.
تۇرىمەن تەنھا زىلال نەھرىدە يەرۇ كۆك ئارا،
ئاھ ئۇلۇغ ئەجداد كۆمۈلگەن، كۆكلىگەن گۈلگۈن دالام.
بار ئۈچۈن سەن مەنمۇ بار، مەن بار ئۈچۈن ھەم سەنمۇ بار،
مىڭ تەۋەززۇ سەجدىدە ئەجدادلىرىمغا ئېھتىرام!
ئانا يەر ئەجدادﯼ، ئەۋلادﯼ زىلال بىر گەۋدىدۇر،
تائەبەدلىك بۇ ئۇدۇمنﯽ بالىلار قىلغاي داۋام!
 




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار