مۇھەممەد يۈسۈف: كېتەر بولدۇم

يوللانغان ۋاقتى:03-02-2014   مەنبە: ئىنتېرنېت   مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان) كېتەر بولدۇم ئاددىي ۋە يەڭگىل ئۇسلۇبتا يېزىلغان چوڭقۇر مەزمۇنلۇق شېئىرلىرى بىلەن ئۆزبېكىستان ئەدەب

مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان)

كېتەر بولدۇم


ئاددىي ۋە يەڭگىل ئۇسلۇبتا يېزىلغان چوڭقۇر مەزمۇنلۇق شېئىرلىرى بىلەن ئۆزبېكىستان ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە زور تەسىرگە ئىگە تالانتلىق ئۆزبېك شائىرى مۇھەممەد يۇسۇف 1954-يىلى 26-ئاپرېل ئەندىجان ۋىلايىتىدىكى مەرھەمەت دىگەن يەردە  تۇغۇلغان. 1978-يىلى رۇس تىل-ئەدەبىياتى ئېنىستىتۇتىنىڭ رۇس تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1985-يىلىدىن باشلاپ شائىرنىڭ «تونۇش تېرەكلەر»، «ئىلتىجا»، «ئۇيقۇدىكى قىز»، «ھەلىمە ئانام ئەللەيلىرى»، «ئىشق كېمىسى»، «كۆڭلۈمدە بىر يار»، «بىۋاپا كۆپ ئىكەن»، «يالغانچى يار»، «ئەركە كىيىك»، «ئاسمانىمغا ئېلىپ كېتىمەن»، «ئۇلۇغىمسەن ۋەتىنىم»، «مۇھەممەد يۇسۇف»...قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. نەچچە يۈز پارچە شېئىرى ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان. شۆھرەت قازانغان ئۆزبېك سەنئەتكارلىرىدىن مۇھەممەد يۇسۇف بىلەن ھەمكارلاشمىغىنى يوق دىيەرلىك. ئۇ بۈيۈك خىزمەتلىرى بەدىلىگە «ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى» ئۇنۋانى بىلەن تارتۇقلانغان.
        ئۆزىنىڭ ئاجايىب بەدىئىي ئىستېئداتى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلغان بۇ مەشھۇر شائىر 2001-يىلى 31-ئىيۇل يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى بىلەن ئەللىك قەلئە دېگەن جايدا، 47 يېشىدا تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەن.

شائىرنىڭ «مۇھەممەد يۇسۇف» ناملىق ئۆزبېكچە توپلىمىدىن مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

كېتەر بولدۇم

يار ئىشىكىڭ ئېچىلمىدى مەن ئۈچۈن،
كېتەر بولدۇم يۈزۈڭنى بىر كۆرەلمەي.
ئۆيۈڭدىن جاي تېپىلمىدى مەن ئۈچۈن،
كېتەر بولدۇم يۈزۈڭنى بىر كۆرەلمەي.

«كەلدىم» دېسەم، «ئېيتما تىلەك» دېدىڭ يار،
«سۆيدۈم» دېسەم، «خىلىڭ بۆلەك»دېدىڭ يار،
«سېنىڭ سۆيگۈڭ كىمگە كېرەك؟» دېدىڭ يار،
كېتەر بولدۇم يۈزۈڭنى بىر كۆرەلمەي.

كۆيمە يارىم، كۆيدۈرمىگىن، كۆيمە يار،




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار