مۇھەممەد يۈسۈف: كېتەر بولدۇم(2)

يوللانغان ۋاقتى:03-02-2014   مەنبە: ئىنتېرنېت   مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
بىر ياخشىغا بىر يامان ھەر جايدا بار، ئىككى ياخشى ياشنىغان جاي قايدا بار؟ كېتەر بولدۇم يۈزۈڭنى بىر كۆرەلمەي. دە
بىر ياخشىغا بىر يامان ھەر جايدا بار،
ئىككى ياخشى ياشنىغان جاي قايدا بار؟
كېتەر بولدۇم يۈزۈڭنى بىر كۆرەلمەي.

دەرلەر: جان ساق بولسا جاھان تېپىلغاي،
بىر پارچە يەر، پارچە ئاسمان تېپىلغاي،
ئەمما قايدا سەندەك جانان تېپىلغاي؟!
كېتەر بولدۇم يۈزۈڭنى بىر كۆرەلمەي.

يار ئىشىكىڭ ئېچىلمىدى مەن ئۈچۈن،
تىلىڭدىن بال چېچىلمىدى مەن ئۈچۈن،
ئۆيۈڭدىن جاي تېپىلمىدى مەن ئۈچۈن،
كېتەر بولدۇم يۈزۈڭنى بىر كۆرەلمەي.

 

ئەركە كىيىك

ئەركە كىيىك، مەيلىمۇ بىر ئەركىلەتسەم،
مەجنۇن بولۇپ سەھرالارغا يېتىلىسەم.
بۇ دۇنيادا بىردەك غېرىب سەن ھەم، مەن ھەم،
ئەركە كىيىك، مەيلىمۇ بىر ئەركىلەتسەم؟

سېنىڭ كۆزۈڭ قارا، مېنىڭ كۆزۈم قارا،
سېنىڭ باغرىڭ يارا، مېنىڭ باغرىم يارا،
سەن بىچارە، مەن بىچارە بۇ دۇنيادا،
ئەركە كىيىك، مەيلىمۇ بىر ئەركىلەتسەم؟

شامال ئەمەس، ئىزىڭ پايلاپ يۈردى كامان،
ئوۋچى مېنىڭ كۆلبەمنىمۇ قىلدى ۋەيران،
سېنىڭ جېنىڭ، مېنىڭ جېنىم ئامانەت جان،
ئەركە كىيىك، مەيلىمۇ بىر ئەركىلەتسەم؟

كەل، يىغلايمىز ھەمراھ بولۇپ يانتاقلارغا،
سەھرالاردا قۇرۇمىغان بۇلاقلارغا،
ھەر ئىككىمىز تۇغۇلغانمىز قىيناقلارغا،
ئەركە كىيىك، مەيلىمۇ بىر ئەركىلەتسەم؟

ئۆمرىمىزنىڭ بارچە يولى سوقماق ھەم چوغ،
چوغدىن قورقما، دۈشمەن قۇرغان قاپقاندىن قورق،
بۇ دۇنيادا ساڭا دوست يوق، ماڭا دوست يوق،
ئەركە كىيىك، مەيلىمۇ بىر ئەركىلەتسەم؟

چاچ ئاقاردى، دىلداش كۈتۈپ كۆزۈم تالدى،
يۈرىكىمدە ئېيتالماي كۆپ سۆزۈم قالدى،
ئاخىرقى پەيت، ھېچ بولمىسا ئۆلۈم ئالدى،
ئەركە كىيىك، مەيلىمۇ بىر ئەركىلەتسەم؟


(مەشھۇر سەنئەتكار مۇھرىددىن خالىقوۋ ھايات ۋاقتىدا ناخشا قىلىپ ئېيتقان. 2012 - يىلى 5 - سېنتەبىردىكى خاتىرە كېچىسىدە يەنە بىر بۇلبۇل غىياس بايتايېۋ ناخشا قىلىپ ئېيتتى.)

«ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2011 - يىللىق 9 - ساندا ئېلان قىلىنغان.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار