ئاتەش رىۋايەتلىرى
يوللانغان ۋاقتى:24-01-2014
مەنبە: تارىم 2013-5-سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
ئاپتورى: مۇھەممەد خېۋىر 1 ئىشق گۈلخانىدىن تاپتىم ئۈزۈلمەس ئىنتىزارىمنى، خىياللار ئالدى مەيلىمدىن ئۈزۈلمەس ئىختىيارىمنى. شارابتىن ب
ئاپتورى: مۇھەممەد خېۋىر
1
ئىشق گۈلخانىدىن تاپتىم ئۈزۈلمەس ئىنتىزارىمنى،
خىياللار ئالدى مەيلىمدىن ئۈزۈلمەس ئىختىيارىمنى.
شارابتىن بەزلىنىش دەردمەن ئىشىغا بىر ئۇدۇم بولدى،
ھېجىر دەلىلىدىن تاپتىم يوقالغان غەمگۇزارىمنى.
كىشىنىڭ بەختىگە ئىقبال تىلەپ ئۆتمەكتە مەۋقەيىم،
تاپارمەن ئاخىرى بەلكىم شۇ يەردىن لەيلىزارىمنى.
تىتىلغان باغرى زەرداپتىن كېلەر مەرغۇلى تۈنلەرنىڭ،
تېپىپ كەلدىم قەلەم ئىزھارىدا نىمكەش غۇبارىمنى.
مېنى كۆرمىشلەر زەردار مەرتىۋىسىنى قىياس قىلدى،
تىيىن ھىممىتىگە زارلىق ئېلىپ تۇرسا قارارىمنى.
قولۇم ئىمكانغا ئىمكانسىز پەلەكتە لەيلىدى، كۆيدى،
بېھىش ئارمانىدىن كەتمەي ئۇزاتتىم كۆپ باھارىمنى.
يېشىم لەززەتلىرىدىن مەست بولۇپ كەلمەكتە كىم - كىملەر،
ئەجەم خەندانىغا تەققاس بىلىپ پەريادۇ زارىمنى.
خارابە كەچمىشىدىن ئىپتىخار مەيلى ئۈمىدسىزدۇر.
شۇڭا كەلمىشكە قويدۇم تاپمىغان نەۋ گۈل ئۇزارىمنى.
ئىچىمدە ماگما غەليانى پۇرۇقلاپ جۇش ئۇرار تىنماي،
تۆكۈل پىنھان، جاھان كۆرسۈن مېنىڭ زەخمەت دىدارىمنى.
2
ساقى يا كەلتۈر شاراب، قۇي يۈرىكىم گۈلخانىغا،
ئوتنى دەپ كىردىم مۇقەددەس سىر ئۆيى - مەيخانىغا.
سېھرىي مۇڭغا بىر چۆكەي ئۇنتۇپ جاھاننىڭ دەردىنى،
بەھۇزۇر پىكرەتكە جاي بۇ ئىستىكىم ئىمكانىغا.
ھەزرىتى ھەييام بىلەن سۆھبەتكە نائىل مەن بۈگۈن،
ياكى يەتمىشمەن كەيپنىڭ بىمالال ئېھسانىغا.
باغ ئارا گاھ سايرىسا تورغاي كۈيىگە بولما لال،
بولسا ئالجىش بولما ھەيران شىركەيپ خەندانىغا.
قۇي شاراب، قۇي يالقۇنۇم يىلتىزلىرىغا پەسلىسۇن،
جان بولۇپ قويسۇن چېكىتنى چىللىلەر ھىجرانىغا.
ئۇلغىيار ئوت، دۈملىنەر روھ، تاۋلىنار ئىشقى بايان،
كۆكلىتىپ تاڭ چۈشلىرىمنى سىڭدۈرۈپ جەريانىغا.
قۇي شاراب سېھرىي سۈزۈكلۈك پەزلى ئەلگە پارلىسۇن،
قاينىسۇن قان، ئايلىنىپ سۆيگۈ - ئىشق قىيانىغا.
رەڭلىرى ئۆچسۇن نىقابنىڭ، رەڭلىنىپ چىقسۇن شەپەق،
كىرمىسۇن رەزگى پالاكەت كۈلكىلەر دەردخانىغا.
كۆز ئېچىپ خامۇشلۇقۇڭدىن سۆھبىتىمگە سال قۇلاق،
قالمىسۇن پىنھان كەيپتىن بۇ قاۋاق بوھرانىغا.
3
يوقالدى بىر غېرىب شاردىن، بېرىپ سەرساننى ئىزدەڭلار،
يوقالدى ئۇ شەرەپ - شاندىن، غېرىب پايخاننى ئىزدەڭلار.
يىرىك، ۋەيرانە، يېگانە، قوپال، سەت... بەلگىسى شۇلدۇر،
يوقالدى پوستىدىن قاڭقىپ، ئاشۇ جەرياننى ئىزدەڭلار.
يوقالدى بەتبەشىرە مىسرالىرى تۇغقان تۇمانلاردا،
يوقالسا چوڭلا بىر ئادەم! ئۇنى بوھراننى ئىزدەڭلار.
يوقالماس چاغدا بىر كىم ئۇنى يانىدا سەزمەيتتى،
ئاراڭلاردىن يوقالدى ئۇ، دىلى پۇشماننى ئىزدەڭلار.
كىشىگە ياقمىغان ئۇچقۇن ئۇنىڭ جىسمىنى چوغ قىلدى،
ھەسەتلەرگە ئاسان بولغان قارام گۈلخاننى ئىزدەڭلار.
سوقۇر قىلماققا كۆزلەرنى بىراۋ ئۆسەكتە قۇم چاچتى،
مانا ئۇ ئۇيقۇسىز قالدى بىدار ئىمكاننى ئىزدەڭلار.
كۆنۈككەن پەردىگە چالماس، ئۇنىڭ سەۋدالىقى غەيرى،
تېپىڭلار تەركىي ئادەتنى، گېپى تۇغياننى ئىزدەڭلار.
ئەزەلدىن قارغۇ ئامەتلەر، كۆرەڭلەرگە بوياق بولدى،
لېكىن ئامەتكە باقماڭلار، ئەجىرلىك جاننى ئىزدەڭلار.
ئۇنىڭ ئالدىدا مەبۇت يوق، كىشىنىڭ يوللىرى مەكرۇ،
ئۇزۇن يوللاردا تاق كەلگەن يېتىم كارۋاننى ئىزدەڭلار.
نەزىمگە باغلىدى تەقدىر، نەزىمگە باغلىدى زەنجىر،
ئۇنى −− مەھكۇمنى ئىزدەڭلار، جېنى ئېھساننى ئىزدەڭلار.
يوقالدى بىر خاراب بەندە، يوقالسا خەق ئۈچۈن گەپ يوق،
يوقالماق ئىزدىمەس رايى، يىرىك پىنھاننى ئىزدەڭلار.
4
ئىشق دەپ كۆيمىدى كىملەر ئىشقتا بىر پايان بارمۇ؟
ئىشق دەپ كۈيلىدى كىملەر يەنە كامىل بايان بارمۇ؟
ئىشق مەزمۇنلىرى يەڭگۈشلىنىپ تۇرغان كارامەتقۇ،
ئىشقتىن يۈرىكىڭ ئىسسىق، يەنە ئارتۇق ھايان بارمۇ؟
بۇ ئالەم ئالتە كۈنلۈك بىر سەپەر، ئۆتكۈنچىدۇر ھەممە،
ۋۇجۇدۇڭغا ئىشق تولسا بۇ ئامەتقۇ، زىيان بارمۇ؟
ئەگەر ئۇچقۇن بىلەن قەلبىڭ ئۆمۈرلۈككە كۆلەم تاپسا،
مۇھەببەت ۋەسلىدە يەتمەك تۈزۈك باشقا سايان بارمۇ؟
مۇھەببەت مەيلىدىن كەتمە، ئەكس پىنھالىقىڭ شەكسىز،
مۇھەببەت قەستىدىن ئارتۇق گۇناھ بارمۇ، چايان بارمۇ؟
5
لاپ قىلىپ ئۆچكەن يۈرەكتە سۆيگۈلەر جەريان ئەمەس،
چايقىلىپ كۆچكەن تىلەكتە ئىزگۈلەر ئىسيان ئەمەس.
شۇنچە يولدا ئالجىماستىن كۈيلىدىم بىر ناخشىنى،
جىن كۈيىدىن ئالجىغانلار ئوت يۈرەك كارۋان ئەمەس.
يار يىراقتا، مەن يىراقتا ۋەسلى دەم تايىن ئەمەس،
ۋەسلىدەمدە يار ھارارەتتىن يىراق بورھان ئەمەس.
سۈپسۈزۈك بىر ئىشقى دەردكە باغلىغان كىم ئېيتقىنا،
قاشنى بۇزماي تەكشى ئاققان سەل ئەمەس، تۇغيان ئەمەس.
بىر خەۋەر كەلسە مۇلاقەت بايرىمىغا بىر كۈنى،
ئۇنتۇسام ئالەمنى شۇ كۈن ھېچ كىشى ھەيران ئەمەس.
لاپ قىلىپ يانسا مۇھەببەت ئوتىدىن نىشان دېمە،
ئۆرتىمەي ھىجران يۈرەكنى يانغىنى گۈلخان ئەمەس.
چوققىلارغا يامىشىشتىن ئۆتتى قانچە كۈز، باھار،
تەم تولا بەخشەندىدىن، بىزگە ئۇ ئالۋان ئەمەس.
شۇنچە يولدا تەۋرىمەستىن توۋلىدىم بىر ناخشىنى،
كۈيلىرىم يۈرەك بايانى، ئۇ زەئىپ داستان ئەمەس.
سىرلىرىم ئالەمگە ئېيتسام ئەل ئۇنى غەزەل دېدى،
مەيلى بۇ رەت بۇ يۈرەكتە قالغىنى پىنھان ئەمەس.
6
تۇماننىڭ سايىسى ئۆچتى، قۇياش كۈلدى چىرايىڭدا،
ياماننىڭ بائىسى ئۆچتى، رەشىك ئۆلدى سارايىڭدا.
مېنىڭ ئىسمىم كاشال چاغلاردا ئېيتىلدى پالاكەتتىن،
تىلە ئەمدى ماڭا بىچارىگە قۇتنى دۇئايىڭدا.
سالاملار كەتتى ئالدىڭغا، ئاڭا سەن ھەر كۈنى روبىرو،
ئىلىك ئالماققا جاي يوقمۇ سېنىڭ شاھانە رايىڭدا؟
سالامنى ئالمىساڭ دەھشەت يېتەر تەختىمنى زەي تارتىپ،
خۇشاللىق يەتكۈزۈش سەنچۈن ئاسانغۇ ئىختىيارىڭدا؟!
سېنىڭ يىلتىزلىرىڭ قەلبىم ئارا مەھكەم قۇچاق يايغان،
ئاڭا جەۋھەر جۇلا يەتكۈز ۋەھى يەڭلىغ سادايىڭدا.
زېمىن كۆكلەمگە ماس كەلدى مېنىڭ قەلبىمدە كۆكلەش يوق،
ئاراچ يوقمۇ تەبەسسۇمغا ماڭا بەرگەن باھايىڭدا.
پالاكەت تاغلىرى باستى مېنى جىملەشكە سەن ھەقلىق،
تاۋابىمچۈن ئورۇن بارمۇ سېنىڭ ھەيۋەت قورايىڭدا.
سىقىلدى بىشامال پىنھان ئېگىلدى باشى ئالدىڭدا،
تۇمان كۆيسۇن، قۇياش كۈلسۇن، قۇياش يۇرتى چىرايىڭدا.
7
قايسى نۇسرەت شەۋكىتىگە تەنتەنە، خەندان قىلاي،
قايسى ئامەت بەركىتىگە ۋەسۋەسە جەريان قىلاي.
ياش بېسىپ كەلگەندە تاغلار يۈككە ھەمدەم يوق ئىدى،
قايسى ھەمدەرد رەھمىتىگە رەھمىتىم داسران قىلاي.
باش سېلى باستى بويۇمنى، تۈن بولۇپ ئۇچتى جاھان،
قايسى ھىممەت ھەرىكىتىگە بويلىرىم پايخان قىلاي.
ئاھ ! قەلەم، دەپ چەرخ ئۇرۇپ يۈردۈم سوغۇق مەيخانىدا،
قايسى ئادەت ھۆرمىتىگە بىر جېنىم مىڭ جان قىلاي،
زارلىنىش بەلكىم ئۇدۇم بوپ بۇ ۋۇجۇدتىن ئالدى جاي،
قايسى شەۋكەت ئىززىتىگە زەرنى دەپ ئىمكان قىلاي.
دوستلىرىمدىن بولدى مەلۇم مىڭ خىزىرنىڭ خىسلىتى،
قايسى خىسلەت پەرقلىرىگە باش ئېگەي كامان قىلاي.
تەرلىرىمدىن پارلىسا باش خەق ئۇنى ئامەت دېدى،
نە ئۈچۈن بۇ بىساۋاتقا گۈل بىلەن بوستان قىلاي.
قىينىلىپ يۈردۈم ئەجىردىن، بىئەجىرلەر خەستە دەپ،
بولدىلا تەر ئەجرىگە تەخسىنى ئىمكان قىلاي.
ئالجىغانلار خەق ئەمەس دىلبەر، بۇدەم ھالىم خاراب،
پەستە يول تۇرسا ئاسان، تۈزنى نېچۈن داۋان قىلاي.
ئالجىما دىلبەر شەرەپلەر يۈز ئېچىپ كەلسە ئەگەر،
ئەمدى بولدى زارلىرىمنى بوش قىلاي، پىنھان قىلاي...
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------