قىرغاق ۋە دېڭىز

يوللانغان ۋاقتى:20-08-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: {dede:adminname /}   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
شېئىرلار

(1)

قىرغاق ۋە دېڭىز

(شېئىرلار)

 

ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي

 

بەك قارام توختىماي چايقىلار دېڭىز ،

قىرغاقنىڭ لېۋىنى قانمايدۇ سۆيۈپ .

تارتارمىش مىھرىنى قىيالماي قىرغاق ،

ۋەسلىگە يېتەلمەي ئۆتەرمىش كۆيۈپ .

 

ئاشىقمىش ئەزەلدىن ئۇلار ئىككىسى ،

قانمايلا يۈرۈيمىش بىر-بىرىگە دائىم .

دېڭىزنىڭ داۋالغۇپ ئۆزىنى ئۇرۇشى ،

ئىكەنغۇ- قىرغاققا قىلغىنى تازىم .

 

ئالارمىش بىر كۈنى قوينىغا دېڭىز ،

قىرغاقنى تامامەن ۋاقتى سائىتى .

شۇ سەۋەپ توختىماي دولقۇنلار ئىمىش،

قالمىغاچ دەقىقە سەۋىر تاقىتى .

 

(2)

كىمكىنە

 

كىمكىنە ئېرىقنى  بىرگە ئاتلىغان ؟

كىمكىنە قەدەمنى بىرگە تاشلىغان ؟

كىمكىنە رىسقىنى بىرگە باغلىغان ؟

كىمكىنە بەختىنى بىرگە تاللىغان ؟

 

كىمكىنە بىر مېنى يىقىلىپ يۆلىگەن ؟

كىمكىنە مىھرىدىن بېرىلىپ سۆيگەن ؟

كىمكىنە بىر تاتلىق جىلمىيىپ كۈلگەن ؟

كىمكىنە مېنى دەپ قىينىلىپ ئۆلگەن ؟

 

كىمكىنە قولۇمنى  تۇتماقچى بولغان ؟

كىمكىنە كۆڭلۈمنى ئۇتماقچى بولغان ؟

كىمكىنە يۈرىكىمنى يۇلماقچى بولغان ؟

كىمكىنە ئاھ مېنى بۇلماقچى بولغان ؟

 

كىمكىنە ئالدىمدىن ئۆتمەكچى بولغان ؟

كىمكىنە دېڭزىمدىن ئۈزمەكچى بولغان ؟

كىمكىنە باغرىمغا چۆكمەكچى بولغان ؟

كىمكىنە مەن ئۈچۈن ئۆلمەكچى بولغان ؟

 

كىمكىنە لەۋلىرى ئىسمىمنى يۈتكەن ؟

كىمكىنە تەلمۈرۈپ كېلشىمنى كۈتكەن ؟

كىمكىنە دېڭىزدىن جىسمىمنى سۈزگەن ؟

كىمكىنە يۈرىكىمنى بېرىشمنى كۈتكەن ؟

 

كىمكىنە قۇچاقلار كەرمەكچى بولغان ؟

كىمكىنە قىزىل گۈل بەرمەكچى بولغان ؟

كىمكىنە يېنىمغا كەلمەكچى بولغان ؟

كىمكىنە سىرىمنى يەشمەكچى بولغان ؟

 

(3)

بەلكىم بۇ بىر كۈتمىگەن قىسمەت

  

چۇۋۇلغاندەك ئادەم ئۇۋىسى ،

ھەممىلا يەر مىغ-مىغ ئادەمنىڭ

ئىڭرىماقتا تاپىنى ئاستىدا ...

 

بىر-بىرىدىن ئالدىراش ئادەم ،

بىر-بىرىنى يەيدىغان كەبىي .

كەڭ-تارلىقى نامالۇم شەھەر ،

كىم ئەقىللىق كىملەر بەك سەبىي ؟

 

بىر دوستۇمنى ئىزلىمەك بولۇپ،

تېل نومۇرىغا تېلفۇن ئۇرۇپ .

ئۇلىنىشقا ئامالسىز تېلىفۇن ،

باتارىيە ئېلىنغان يۇلۇپ،

ياكى سېلىنىپ قويۇلغان قۇلۇپ ...

 

چىقىمەن دىگەن ئالدىڭغا تېخى ،

كۆرۈنمىدى سايىسى ھېلھەم .

قالدى بەلكىم قىستاڭچىلىقتا ،

ساقلىماققا ئامالسىز بىردەم .

 

توۋلىغىنىم شۇنداق ناخشىتى ،

نەدە بولساق دىدار غەنىمەت .

كېتىپ قالدىم ئامان بول دوستۇم ،

بەلكىم بۇ بىر كۈتمىگەن قىسمەت .

 

(ئاپتۇر : شاڭخەي ئۈنۋېرسىتىتى  شىنجاڭ  قەشقەر      قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىدا )

上海市嘉定区城中路20号上海大学新疆培训2班(男生6号宿舍楼631宿舍)开来木.乌布力

 

 

 

 

 

 

 




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار