بىر،ئىككى،ئۈچ ئادەمنىڭ ھېيتگاھ خاتىرىسى
زەيتۇنەم مەمتىمىن
(1) سەن ئەزەلدىن يوقتەك ئۇنتۇلدۇڭ، مەۋجۈتلۇققا كۆنگەن تۇيغۇدا. كۆڭۈل دېگەن غاردا نېمە بار؟ سەن تۇنۇغان ھېلىقى ئادەم قالدى ئەمدى غارنىڭ سىرتىدا. (كۈنجۈت،كۈنجۈت ئىشىكىڭنى ئاچ) جىددى پەيتتە كەلمەس يادىغا. 4 |- W0 F* c- f* L' P, y- o ئۈتۈپ كېتەر سېنىڭ ئالدىڭدىن، ئاۋازىغا سالارسەن قۇلاق. تىۋىش بىلەن تۇيۇنار روھىڭ، مەيلى بولسۇن بىر تال يۇپۇرماق. سەن كىملەرگە يېپىشقان تارىخ؟ قاچتى كىملەر سېنىڭدىن يىراق. باغلىنىدۇ ئادەم ھەممىگە، ئۆتكەن زامان ئالدىڭدىن ھەر ۋاق. . v4 Z4 ~% d6 l0 A' U8 Q ھېيتگاھ ئايلاندىڭسەن نەپىس سەنئەتكە، تىزىلدىڭسەن دۇنيا تەرەپكە. قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرغاندا، خاس قىممىتىڭ ئايان بولغاندا. ئۇ بىلىدۇ قەشقەر توغرىلىق، زامان تېخى سەزگۈ بەرمەستە كونا چۈشلەر سەندىن ئۇچقاندا. / a" R% {9 i9 c$ ]1 z' S3 H (2) پەسىل بىلەن ئاخىرلاشماس كۈن، ئۇزاتقان كۈنلەر يەنە كىلىدۇ. ھۈنەرلىك بىر ئادەم ھايات قەشقەردە، ھۈنىرى بىلەن گۈلدەك ياشايدۇ. - w! P5 W' b# H ئۇ ئۇزاق ياشاپ كەلدى تارىختىن، دەرۋازاڭدىكى نەقىشلەر كەبى. شۇنچە بىجىرىم،مۈكەممەل روھنى، ئۇلۇغ بىر مۇھەببەت قۇتقۇزغان كەبى. . f, |' Q! U5 J* D ئۇنىڭ ئۈچۈن نەقەدەر قىممەتلىك توپا تام ئۆيدە، خاتىرجەم ھاياتنى ئاخىرلاشتۇرۇش. يەتكۈزمەي تۇرۇپلا ئاددى ئارزۇغا، نەقەدەر ئازاپلىق گۈزەل چەك قۇيۇش. 6 k2 ~' _4 t( _' q9 x بىر تال تاش سۆزلەيدۇ چۈشكەن يېرىدە، ۋەتەننىڭ قوينىدا ئۆتكەن كۈنىنى. بىر كېسەك تاملارغا ئېيتىدۇ چۆچەك، تىڭشىغان قۇلاققا بەرمەي ئۈنىنى. ! Z) b2 D4 g1 z (3) كەلدىم قەشقەرگە قېرىنداش ئىزلەپ، كۆزلەردە ئىسسىق نۇر كەتتىم جۇغۇلداپ. ئاڭا ئېيتارغا بىر سۆز ئويلىدىم، مەنىلەرنى سۆز يۇقاتتى ئالداپ.
ئاسمانغا قارىدىم ئوپئوخشاش ئاسمان، ھاۋارايىغا بەردى ئىزاھات. مۇقەددەس رەڭ بىلەن قالغان بىر دۇنيا، ئاخىرقى تىنىقىدا قىلماقتا پەرياد. ; C3 C+ A6 ^+ A- [& V تۈمەن دەرياسىدا ئاقماقتا قەدرىم، سۇلارنىڭ قەدرىدە ئۇلۇغدۇر دەريا. تاشۋاينىڭ چىرايى كۈرۈندى غىل-پال، ئەنە مەن ئىزدىگەن كىچىك بالىخانا.
|