بىر بېشىمنى ئۇردۇم مىڭ تاشقا

يوللانغان ۋاقتى:25-02-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
بىر بېشىمنى ئۇردۇم مىڭ تاشقا

 بىر بېشىمنى ئۇردۇم مىڭ تاشقا

ئابدۇرېشىت ئېلى

شېئىر ئوقۇشتىن ئاۋۋالقى بىر سائەت

ئىزدىگىنىم تۈن ئەمەس
دېرىزىدىن سۇزۇلغان.
غۇۋا كوچا چىرىغى
بىر ئاشىقتۇر سېغىنىشقا لىق تولغان.

يىراقتىكى كۈلەڭگە
مېنىڭ باشقا بىر خىيالىمدۇر، بەلكىم…
كۈلداندىكى جىمجىتلىق
قالايمىقان ئەسلىمىلەر…
بىر نەرسىنى چۈشەندۈرمەكچى بولىدۇ ھەركىم.

قۇرساقنىڭ ئېچىشى
ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان خۇمار
كارىدوردىكى بىرسىنىڭ تېۋىشى…
بۇلارنى نېمە باسار؟

شېئىر ئوقۇغۇم كەلدى بىردىنلا
ئۇنىڭ ھېچنېمىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ ئەسلا.

كېچە، بىر قىز ياكى مەن

كېچىنىڭ يالغۇزلۇقى بىلەن
بىر قىزنىڭ تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ يارىنى كۈتۈشىنىڭ نېمە پەرقى بار.
دېرىزىدىكى ئاي
ئۇنىڭ يېشى بولغان سەۋەبلىك
ھەسرەتلىك چاقنار.

ئۇنىڭغا ھەمراھ بولسام دەيمەن
دەردىنى ئاڭلىسام دەيمەن
باردۇر بەلكىم مېنىڭمۇ دەردىم
مەنمۇ ئەسلى غەمسىز بىر ئەردىم
ئاۋۇ شامالدەك
كوچىلارنى كىزىپ يۈرەتتىم…
بىلمەيمەن…
ئاشۇ بىلمىگەندىن باشلاپ
بىر تونىلغا كىرىپ قالدىم
بىرسىنى سۆيۈپ قالدىم
ئۇ يۈرىۋەردى ئاۋۋالقىدەك
مەن بىر-بىرلەپ ئۆلۈپ قالدىم.

مەن ئۇنىڭغا سۆزلىدىم
گۈزەل بىر ھېكايە
ياكى ئۇ ماڭا.
ئىككىمىزدىن بىرىمىز مەۋجۇت
نەمخۇش قاراڭغۇلۇقتا.

تالاغا قارىغان دېرىزەم

‏ئۇ تالاغا قارايدۇ
‏غەمكىن، جىمجىت.
‏خوشنا كوچىدىكى بىرسى
‏دائىم بۇنى قالىدۇ سىزىپ.

‏ئۆزىنى ئاقلىمايدۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ
‏يالغانچىلىق قىلىپ مېنىڭدەك.
‏بىر قاچا ئاچچىق سۈيقاشقا ئوخشايدۇ
‏ئىككىمىز ئارىسىدىكى كېپىنەك.

‏مېنىڭ نەزەرىمدە ئۇ بەختىيار
‏ئاي نۇرىدەك، قاراڭغۇلۇقتەك ھەم
‏مۇشۇ مىسرادىكى پەردە
‏پىچىرلاشتى ئۇنىڭ بىلەن…

‏بىر بېشىمنى ئۇردۇم مىڭ تاشقا

‏‏شېئىرلىرىم تۈگىدى
‏ئوقۇپ بەرمەي بىر پارچىسىنىمۇ
‏قول تۇتۇشۇپ ماڭماي يانمۇ – يان
‏باغلاردا كۈز ھۇشقىتىدۇ.

‏كۆڭلۈم يېرىم قۇلۇڭنى سىقتىم
‏باھارنى سەزدىم
‏تۇرار ئىدىڭ ئالدىمدا
‏مەندەكلا جىم.

‏ئىككىمىز ئارىسىدا بىر سۆز
‏يوشۇرىدۇ ئۆزىنى.
‏قارشىمىزدا تاش ئورۇندۇق
‏چاقىرىدۇ بىز ئىككىمىزنى.

‏بەلكىم كېتەرسەن
‏ئاۋۇ دوقمۇشتىن قايرىلىپلا يۈتەرسەن
‏ئىزىڭ قالار بىر ھېكايىنى
‏ماڭا شۇ ئارقىلىق بىلدۈرەرسەن.

‏ھېچكىم يوق مەندىن باشقا،
‏باقتىم ئاستا قۇياشقا.
‏ئېھتىمال كېيىنكىسى چۈشۈم بولۇشى مۇمكىن
‏بىر بېشىمنى ئۇردۇم مىڭ تاشقا.

بىر تال غازاڭ ئاياغ ئاستىمدا

‏‏ئۆزى ھەققىدە ئويلىنار
‏تۇپراقنى قۇچاقلاپ
‏بىر تال غازاڭ ئاياغ ئاستىمدا…
‏پىچىرلايمەن كۈندۈزگە:
‏بىردەم ئۆتتى
‏باھاردىن كۈزگە كىرگۈچە.

غازاڭ بوپتۇ يۇلتۇزلۇق كېچە‏

قەلىمىمنى تىرەپ قەغەزگە
‏ئولتۇردۇم باھاردىن كۈزگىچە
‏يازغىنىم مۇشۇ سۆز:
‏غازاڭ بوپتۇ يۇلتۇزلۇق كېچە.
‏‏
‏غازاڭلىق يوللار

‏تۆكۈلدى مىسرالار
‏جىمجىت، پەرىشان.
‏باھار ئۇنى تىرىۋالار
‏ئۇقار بەلكىم زەڭگەر ئاسمان.

‏گۈللەر پىچىرلايدۇ
‏تەكلىماكان ئۇسسۇل ئوينايدۇ.
‏يوللار سۇزۇلۇپ ياتىدۇ
‏ئاياغ ئاستىمدا بىرسى سېنى سورايدۇ.
‏…

‏كۆرمىدىم دەيمەن،
‏ئاندىن چېكىت ئۇرىمەن.


‏‏ئۇنىڭ تەنھالىقى

‏ئۇنىڭ تەنھالىقى غېرىپ
‏يالغۇز بۇۋايدەك ئاپتاپسۇنغان.
‏بەلكىم ئۇ ئۇخلار
‏مۇشۇ مىسرادىكى ئاسمانسىمان.

‏ئۇنىڭ ئىسمى غۇۋا
‏دېرىزىلەرنىڭ قارشى تەرىپىدە.
‏سۇغا چىقتى بىر قىزچاق گۇيا
‏چىلەك كۆتۈرۈپ «م» ھەرىپىدە.

‏يوللار ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن تۇتۇندى
‏سۇ ئوزىگە يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
‏گۈللەر ئېچىلىپ توزىدى
‏ئەسلى بۇ يەردە ھېچنېمە يوق ئىدى!




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار