ئاپتورى: يۈسۈپجان ئەخمىدى
ئۈمىد
ئادەمنىڭ غول يىلتىزى ئۈمىد دېگەن
دېمەككى، كۆكلەر ئادەم ئۈمىد بىلەن...
* *
بوۋايغا زوقۇم كەلدى، يېشى سەكسەن،
بەستىگە يارىشىپتۇ يوغان كەتمەن.
سانىسام، بوۋاي تىككەن سەككىز كۆچەت،
كۆرۈندى سەككىز جەننەت بولۇپ روشەن.
ئۈمىددۇر چالنى باغقا يېتەكلىگەن،
ئارزۇسى ھەر كۆچەتتە چېچەكلىگەن.
* *
ياتاقتا جىددىي كېسەل، سەزمەيدۇ ئۇ،
ئەزرائىل ئەتراپىدا ئايلانسىمۇ.
ئۈمىدى چىڭ كىرىچتۇر ئۈزۈلمەيدۇ،
ئەجەلنىڭ ئېزىقىدا چاينالسىمۇ.
بىردىنلا چاقناپ كەتتى ئۈمىد نۇرى
دوختۇرنىڭ قايچىسىدىن - پىچىقىدىن.
ھاياتلىق سۈيى دەۋرەپ ئاقتى قايتا،
ئۈمىدنىڭ بىلەكچىلىك ئېچىقىدىن.
ئاھ، ئۈمىد، ئۆلۈككىمۇ جان بېرىسەن،
تىرىككە نان بېرىسەن، شان بېرىسەن.
مەڭگۈلۈك بەدەل
ئۈمىدىڭنى ئۈزمە ئالدىراپ،
يار بېغىدا كۈلىسەن تېخى.
كۆرمىدىڭمۇ چېچەكلەپتۇ ئاق،
يېرىلسىمۇ ئالمىنىڭ شېخى؟!
يېرىلسىمۇ ئالمىنىڭ شېخى،
چېچەكلەيدۇ، مېۋە بېرىدۇ.
چىدام دېگەن نەقەدەر ئۇلۇغ،
كۆڭۈللەرگە جىلۋە بېرىدۇ.
ئۈمىدىڭنى ئۈزمە ئالدىراپ،
زەربىلەرگە چىدىغىن، چىدا!
يار بىلەمدۇ ساداقىتىڭنى،
روھ بولمىسا سەندە جان پىدا؟!
«سۆيگۈنىڭمۇ سىنىقى تولا»
بىر - بىرىدىن قىيىندۇر ئۆتكەل.
ئاسان ئەمەس سۆيۈش - سۆيۈلۈش،
پەقەت ھايات مەڭگۈلۈك بەدەل.
ئۈمىد −− يۇلتۇز، زەمزەم، گۈلشەن
ئۈمىد بىر يورۇق يۇلتۇز ماڭلايدىكى،
يورۇتار ئۇزاق ھايات سەپىرىنى؛
ئۈمىد بىر زەمزەم ئىرۇر تاڭلايدىكى،
يېڭىدۇ مۈشكۈللەرنىڭ خەتىرىنى؛
ئۈمىد بىر گۈلشەن ئىرۇر تاڭلاردىكى،
پۈركۈيدۇ ئۈمىدۋارغا ئەتىرىنى.
|