سەن ئېيتقان ناخشا

يوللانغان ۋاقتى:26-06-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
سەن ئېيتقان ناخشا


سەن ئېيتقان ناخشا

كەچكۈزگە ئەگىشىپ كەلگىنىڭ قىزىق،
بىلىسەن كۆپ ئۆتمەي قارلار ياغىدۇ.
دەرەخلەر چېچەكلەپ كەتكىنى بىلەن،
كۆڭۈللەر شاخلاردا مۇز بوپ قاتىدۇ.

گۈل بولۇش ئالدىدا تۇر ماقتا ھەممە،
سوغۇقنىڭ ئېچىلغان لەۋلىرى ئارا.
ھاياتتا گۈل ئۈزۈپ يۈرسەممۇ لىكىن،
باھارسىز كۈنلەرگە قالدىم يەنىلا.

خۇش-خەۋەر كەلمىدى ماڭا ھېچ كىمدىن،
شىۋىرغان ھۇۋلايدۇ خىياللىرىمدا.
يۈرەكنى قان قىلىپ ئۆتتى سەن ئېيتقان-
غازاندەك سارغىيىپ ئۈزۈلگەن ناخشا.




ھالقىلىق سۆزلەر : سەن ئېيتقان ناخشا


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار