ئاپتورى: ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن
(تەزمىنلەر)
1
ۋەھكى بولدۇم ئىشق ئارا بىر بىۋەفاغا مۇبتەلا،
بولمىسۇن ئەھلى ۋافا مۇنداق بەلاغا مۇبتەلا.
−− نەۋايى
ئەيلىدى قىسمەت توساتتىن ئىشق بازارىدا مېنى
سۇدىكى قۇندۇز سىياق قاشى قاراغا مۇپتىلا.
جان سەمەندەردەك كۆيۈكتە ئۆرتۈنەر شۇندىن بېرى
ئەقلى ھەيرانلىقتا بولغاچ دىلرەباغا مۇپتىلا.
نە بىلەي باشتا سېھىرگەر جىلۋىسىگە باغلىنىپ
بولمىقىمنى جان ئالار بەرقى زىياغا مۇپتىلا.
ئاي يۈزىدىن نۇر تۆكەر گاھى ماڭا، گاھ ئۆزگىگە،
دىل بېرىپ بولدۇم نېتەي كۆڭلى ئالاغا مۇپتىلا.
دەرھېكىم: لەيلى شارابىدىن شىپالىق تاپقۇسى
سۆيگۈ ئەھلى بولسا رەنجى بىداۋاغا مۇپتىلا.
كۆلتېگىن، ئىشق دەشتىدە ئۆتتۈڭ بېسىلماي چاڭقىقىڭ،
بىر ئۆمۈر ئەيلەپ ۋاپا، بولدۇڭ جاپاغا مۇپتىلا.
2
ئى كۆزۈم، بىردەم دەم ئۇر، باغرىمدا ھېچ قان قالمىدى،
ۋەي بالا، رەھىم ئەت، تېنىمدە قايغۇدىن جان قالمىدى.
−− سەككاكى
باغرى تاش يار زۇلمىدىن پۈتتى مادارىم، تاقىتىم،
دەردى ھىجران تارتقۇدەك جىسمىمدا دەرمان قالمىدى.
بىر بۇزۇلغان خانىمانىمنى تۈگەل بۇزدۇم يەنە،
ئەيلىمەكتىن تەرك جاھاننى ئۆزگە ئىمكان قالمىدى.
سۆيگۈ سەۋداسى پېشانەمگە پۈتۈلگەن قىسمىتىم،
شۇ سەۋەبتىن كەزمىگەن دەشتى - باياۋان قالمىدى.
ئوتقا ئۇردۇم مەن ئۆزۈمنى يار ئۈچۈن پەرۋانىدەك،
كەچمىگەن ئوت، ئاقمىغان دەريايى تۇفان قالمىدى.
ئەمچىدە يوقكەن ئىلاج دەردىمگە دەرمان بولغۇدەك،
مېنى قۇتقۇزماققا ياردىن ئۆزگە لوقمان قالمىدى.
ئاڭلىسام ئىشرەتتىمىش بىرى بىلەن كۆڭلى قارا،
كۆلتېگىنگە كۆڭلىدە ئەمدى ئۇنىڭ سان قالمىدى.
3
قايسى گۈلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۈلى رەناسى بار،
قايسى گۈلنىڭ بىر مېنىڭدەك ئاشىقى شەيداسى بار.
−− سەئىدى
قايسى كۈن كۆردۈم سېنى ئىشقىڭغا بولدۇم مۇپتىلا،
دىلئارامىم يوق، بېشىمدا سۆيگۈنىڭ سەۋداسى بار.
بولسىمۇ تىلدا رىۋايەت لەيلى - مەجنۇن كەچمىشى،
قايسى مەجنۇننىڭ مېنىڭدەك دىلرەبا لەيلاسى بار.
جادۇ كۆزلەر بولسىمۇ كۆپ گەرچە مەشۇقلار ئارا،
قايسى ئاشىقنىڭ ماڭا ئوخشاش كۆزى شەھلاسى بار.
سۇ ئەمەستۇر كەچكىنىم تەپتى تونۇر ئاتەش ئېقىن،
چۈنكى ئالدىمدا قىيانلىق سۆيگۈنىڭ دەرياسى بار.
نەھرى قاينامغا چۆكەرمەن دۇر - جاۋاھىر سۈزگىلى،
سەندىن ئۆزگە قايسى ھۆرنىڭ مەن كەبى غەۋۋاسى بار.
كۆلتېگىن، جانىڭنى جانانغا تەسەددۇق ئەيلىگىن،
قايسىبىر جاننىڭ سېنىڭدەك سەرۋى بوي بەرناسى بار.
4
كۆرۈپ شۇل يۈزنى، ئەي كۆز، مۇبتەلا قىلغان مېنى سەنسەن،
قارارۇ سەبرۇ ھوشۇمدىن جۇدا قىلغان مېنى سەنسەن.
−− ئايازى
باھار ئەييامىدا گۈليۈز گۈزەللەر ئەنجۇمەنىنىڭ
گۈلى بىر شاھسەنەمگە مەھلىيا قىلغان مېنى سەنسەن.
ئىشق پەيكانىغا باغرىم نىشان بولغاننى كۆرسەڭمۇ،
سېلىپ كۆرمەسكە قەستەن دىليارا قىلغان مېنى سەنسەن.
غۇرۇرۇمدىن ئىدى پەست كۆككە بويسۇنغان ئەزىم تاغلار،
نىگار ئىشىكىدە تەلمۈرتۈپ گادا قىلغان مېنى سەنسەن.
كۆيۈكنىڭ يالقۇنىدا خۇددى زەردەك ئېرىتىپ، تاۋلاپ،
سۇۋاشقانغا خەتەرلىك ئوت - لاۋا قىلغان مېنى سەنسەن.
سېلىپ دەردى پىراقلارغا، يۈرەك زەخمىنى ئۇلغايتىپ،
ئىشق مەلھىمىگە زار بىدەۋا قىلغان مېنى سەنسەن.
سۆيۈپ يارنى، سۆيۈلمەستىن ئۆتەرمۇ كۆلتېگىن زارلاپ،
ۋاپادىن بىنەزەر بەختى قارا قىلغان مېنى سەنسەن.
5
ئەگەر ھەريەردە بولسام مەن كۆڭۈل سەندىن جۇدا بولماس،
مەگەر مىڭ يىل نەۋا قىلسام سېنىڭ دەردىڭ ئادا بولماس.
−− مەشرەپ
جاھان ئەھلى ئارا كۆپ بولسىمۇ ھۆسنۈڭگە شەيدالار،
بىراق ئىشقىڭدا ھېچكىم مەن كەبى مەجنۇن - گادا بولماس.
سىنار ئاشىقنى ئالەمدە تۈمەن سەۋدايۇ كەچمىشلەر،
لېكىن مەندەك ئېغىر دەردى پىراققا مۇپتىلا بولماس.
جاھان گۈلزارىدا كۆپ رەڭ - پۇراقى ئۆزگىچە گۈللەر،
گۈلى رەنا دېگەنلەرمۇ سېنىڭدەك دىلرەبا بولماس.
سېنىڭ ئىشقىڭدا مۇڭزار ئەيلىگەن سەۋدايى بۇلبۇلمەن،
ئىشق ئىزھارىدىن ئارتۇق يېقىملىق خۇشناۋا بولماس.
ئىپار ھىدلاپ يۈرەر گەرچە سېنى ئەگىپ كېپىنەكلەر،
بىراق بۇلبۇل كەبى ئىشقىڭغا شەيدا، جانپىدا بولماس.
جېنى ھەلقۇمغا يەتتى كۆلتېگىننىڭ ئىشق ئازابىدىن،
سۆيۈكتىن باشقىسى جان زەخمىگە ھەرگىز داۋا بولماس.
6
چىقماغىل گۈلگۈن ئۆيۈڭدىن كېچەدە، ئەي شوخى باش،
ئەل ئارا غەۋغا تۈشەر كېچە تۇغۇپتۇر دەپ قۇياش.
−− قەلەندەر
دەرئىمىش يۇرت ئەھلى نەسلىڭنى پەرىلەر زاتىدىن،
ئايلىنار بەزەن جېدەلگە ھېچ ئۈزۈلمەس دەتالاش.
مەندىمۇ قوزغار گۇمان ئىنسانلىقىڭ يا ھۆرلۈكۈڭ،
بارمىكىن خۇلقۇڭدا ياكى سېھىرگەرلىك −− كۆز بوياش.
قىيغىتىپ يۈرسەڭ كېيىكتەك يەلپۈنەر چاچ سۇمبۇلۇڭ،
جان ئالار قاراقچى كۆزلەر، جادۇ كىرپىك، سۈرمە قاش.
لال سىپاتىڭنى سىزىشقا سۆز تاپالماستىن تىلىم،
سۈرىتىڭنى كەلتۈرەلمەس ئەينىچە ھەيكەلتىراش.
ساڭا كۆيگەنلەر ھېسابسىزدۇر، يۈرەرسەن بىنەزەر،
تۆكسىمۇ زارىنى ئېيتىپ كۆزلىرىدىن قانۇ ياش.
مىڭ يوشۇرساڭمۇ خىيالىڭ مېنى ئوۋلاش قەستىدە،
ئىچ سىرىڭنى كۆلتېگىنگە كۆزلىرىڭ ئەيلەيدۇ پاش.
7
كۆرگۈزۈپ يۈز، كۆرمەدىم بىر مېھرى جاناندىن ۋەفا،
نەدەيىن جاناننى، ئۇشبۇ كۆرمەدىم جاندىن ۋەفا.
−− خۇشھال غەرىب
سېھرىدە ئوۋلاپ كۆڭۈل سالدى كۆيۈككە ئول پەرى،
كۆرمىدى لەۋزى ھالاللىق ئەھدى يالغاندىن ۋاپا.
بىر سۆيۈلمەكتىن تىرىلسەم، چاڭقىتىپ مىڭ ئۆلتۈرەر،
زاتى ئىنسانغا كېلەرمۇ خۇلقى شەيتاندىن ۋاپا.
تۇرسا ئالەم باغرى جەننەت ئەھلى ئىشق سەيلانىغا،
نەدە كۈتمەك يارىنى دوزاخقا سالغاندىن ۋاپا.
ئىڭرىغاي قانغا تولۇپ سۆيگۈ ئازابىدىن يۈرەك،
كۆرمىگەچ ئىشققا بەدەل دەپ جاننى ئالغاندىن ۋاپا.
زار بولۇپ ۋەسلىگە يارنىڭ سەل كەبى سەۋرىم تاشار،
كۆرگىچە سەكراتتا ئۇ كۆڭلى خىراماندىن ۋاپا.
ئۆتتى ئۆمرۈڭ، كۆلتېگىن، كۆرمەي جاپادىن باشقىنى،
كۈتمىگىن، ئى جان، مېنىڭدەك ئۆمرى ۋەيراندىن ۋاپا.
8
كۈندۈزۈمدۇر كېچە ئول خۇرشىدى تابان بولمىسا،
قامىتىم خەمدۇر ئەگەر سەرۋى خىرامان بولمىسا.
−− ئەرشى
يارنى دەپ بىرلا ئەمەس جاندىن كېچەرمەن مېڭ قېتىم،
نە ئىشى جاننىڭ ماڭا قوينۇمدا جانان بولمىسا.
سۆيگۈدىن شەربەت ئىچىپ ئۆمرۈم چىنارى ياشنىغاي،
جان كۆيەر ئىشقى پەيزىنى سۈرمەككە ئىمكان بولمىسا.
قۇدرىتىدۇر سۆيگۈنىڭ مەردانىلىك - بەرداشلىقىم،
دەمدۇ ئاشىق ئەھلى يۇرت ئىشقىم نامايان بولمىسا.
بوغسا ھىجراننىڭ ئازابى قانسىرايدۇ دىل يارام،
جان ئازابى ئۇلغىيار دەردىمگە دەرمان بولمىسا.
توغرا ئېيتقان كونىلار زەرقەدرىنى زەرگەر بىلۇر،
كىم يېتەر قەدرىمگە دىلكەش يار - قەدىردان بولمىسا.
كۆلتېگىن، ئارزۇ - مۇرادنىڭ شامىغا پەرۋانە بول،
مەنىسى بولماس ياشاشنىڭ دىلدا ئارمان بولمىسا.
9
ساڭا مەقسەت مېنى ئىشقىڭدا زارۇ مۇبتەلا قىلماق،
ماڭا ھەم ئارزۇ جەنۇ جەھانىمنى فىدا قىلماق.
−− زوھۇرى
ئۇدۇم ئەتمىش گۈزەللەر ئىشق يولىدا بىۋاپالىقنى،
مىزانىم −− ئىشقنى بىلمەك ئېتىقاد، يارغا ۋاپا قىلماق.
يۈرەرسەن نەچچە كۈنلەر ئاي كەبى چېھرىڭنى كۆرسەتمەي،
ماڭا ئادەت سېنىڭ ئىشقىڭدا بۇلبۇلدەك ناۋا قىلماق.
ساڭا ئەرمەك تونۇشلار بەزمىسىدە ئوينىماق - كۈلمەك،
مېنىڭ مەيلىمگە يات ھۆرلەر بىلەن ئەيشى ھاۋا قىلماق.
سېنىڭ قەستىڭ مېنى دەردى پىراق ئىلكىدە كۆيدۈرمەك،
ماڭا مەقسەت ئېرۇر ئۆمرىڭگە شادلىق - قۇت ئادا قىلماق.
سالارسەن باغرى تاشلىقتىن ماڭا دوزاخ ئازابىنى،
ئىشق ئەھلىگە يات ئۆز يارىغا مۇنچە جاپا قىلماق.
بېرىپ بەرداش سىناققا، كۆلتېگىن، يار كۆڭلىنى ئىزدە،
كۆڭۈلدىن سۆيگۈ رىشتىنى ئۈزەر قىلچە خاتا قىلماق.
10
گۈل ياقا چاك ئەيلىدى رۇخسارى ھالىڭنى كۆرۈپ،
سەرۋى ئەرئەر تىترەدى نازۇك نىھالىڭنى كۆرۈپ.
−− مەھزۇن
باغقا كىرسەڭ تارقىتىپ تاڭغى شەپەقتەك نۇر - جۇلا،
ئەيلىدى بۇلبۇل ناۋا گۈلگۈن جامالىڭنى كۆرۈپ.
سىرغىدى شەبنەم سىمابتەك غۇنچە گۈللەر بەرگىدىن،
ئالمىدەك مەڭزىڭدىكى دۇردانە خالىڭنى كۆرۈپ.
كۆكتە يۇلتۇز قالدى ھەيرەتتە كۆزۈڭ شەھلاسىدىن،
ئايپەرى رەشك ئەيلىدى قاشى ھىلاھىڭنى كۆرۈپ.
جىلۋە - نازىڭ لال ئېتەر ئەقلىنى ئالەم ئەھلىنىڭ،
ھۆر - پەرىلەر ئۇردى ئاھ، بەرقى كامالىڭنى كۆرۈپ.
تاشلىدىڭ ئوتقا، بىراق ھالىمغا پەرۋا ئەتمىدىڭ،
زارلىدى ئىشق ئەھلى ئاشىققا ئۇۋالىڭنى كۆرۈپ.
يارنى سۆيدۈم بىر ئۆمۈر كۆرمەي سۆيۈلمەك بەختىنى،
كۆلتېگىن تاپقاي مۇراد ئۆلسە ۋىسالىڭنى كۆرۈپ.
11
دىلرەبا، ۋەسلىڭنى ئىزدەپ بىنەۋا بولدۇم نىتەي،
بۇ كۆڭۈل ئاخىر فىراقىڭدا گەدا بولدۇم نىتەي.
−− سالىھى
كۈنسېرى قەلبىمدە ئىشقىڭ ئۇلغىيىپ گۈلخان كەبى،
سەرۋى قەد زىبالىقىڭغا مەھلىيا بولدۇم نىتەي.
بوينى باغلانغان كېيىكتەك سۇمبۇلۇڭغا چىرمىلىپ،
ئىختىيارىم، دىلئارامىمدىن جۇدا بولدۇم نىتەي.
ئاينى توسقاندەك بۇلۇت كۆرسەتمىدىڭ دىلدار ماڭا،
تارتقۇسىز دەردۇ ئازابقا مۇپتىلا بولدۇم نىتەي.
جانغا سالدىڭ ئوت - كۆيۈك، بەرمەي بەدەلگە بىر سۆيۈك،
ئىشق تېغىنىڭ زەخمىدىن باغرىم يارا بولدۇم نىتەي.
تەلبە سەرسانمەن ئېزىپ ھوشتىن جۇنۇن سەھراسىدا،
باغرى تاشقا مەڭگۈ سادىق جانپىدا بولدۇم نىتەي.
كۆلتېگىن، يارغا ۋاپا قىلساڭ ساڭا ياندى جاپا،
يەتتى جان ھەلقۇمغا ئەمدى بىداۋا بولدۇم نىتەي.
*********
|