تومۇز ناخشىسى

يوللانغان ۋاقتى:03-02-2012   مەنبە: تارىم 2010-يىلى 12-سا   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
تارىم ژۇرنىلنىڭ 2010-يىللىق 12-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

        تومۇز ناخشىسى

 

  ئابلىكىم مۇھەممەت

 

        پىچىرلاش

 

باھارنىڭ شامىلى پىچىرلار تىنماي،
كۆكەرگەن تاللارنىڭ قۇلاقلىرىغا.
قۇشلارنىڭ ناخشىسى چىچەك ئاچىدۇ،
ئويغانغان بىخلارنىڭ زىناقلىرىغا.

 

ئۆچەكتىن قىمىرلاپ تۇردى يۈرىكىم،
ياشارغان ھاياتنىڭ ھىدىنى ئېلىپ.
نىمانچە ئۇزۇن چۈش ئېغىر قىش دىگەن،
يىراقلار بارغانچە پۇشۇلداپ تىنىپ.

 

يېڭى كۆك،نەۋرۇزنىڭ جىلۋىسى ئىچرە
بىر ياشنى ئۇزارتار مەمنۇنلۇق بىلەن.
خۇش ھاۋا تارايدۇ شالاڭ چاچلارنى
تۈنجى رەت ھاياتنى كۆرسىتىپ لېۋەن.

 

سۈپ-سۈزۈك سەھەردە سۈزۈك ئادەملەر،
ئاقىدۇ ئۆزىنىڭ ئېقىنلىرىغا.
بىرسىنى ئىزدىشەر ئەتراپقا قاراپ،
ھېچكىشى ئوخشىماس يېقىنلىرىغا.

 

بىر تارام بولۇپلا ئاقتىم قۇملۇققا،
شور باسقان ساھىلنىڭ قولىنى تۇتۇپ.
بۇ قۇتلۇق كۈنلەرنىڭ مەسىتلىكى بىلەن،
دەردىمنى بىر پەسكە كەتتىم ئۇنۇتۇپ.

 


            تومۇز ناخشىسى

 

 

كۆيمەكتە بۇ جانلار سەنمۇ كۆي جانان،
مۇز قاتقان ھۇجراڭدىن ئېرىپلا چىققىن.
ئەسىرلەپ چاڭقىغان بارخانلىرىمغا،
تاش بولغان ئالمىدەك كۆكسۈڭنى ياققىن.

 

كەڭ ئېقىن ئىچىدە ئازلا سۈيى بار
دەريادەك ياشىدىم ئۈنسىز ئىنتىلىپ.
چىللىغىن قۇملۇقتا باراي مەن تېزرەك،
تۇرالماي قالساممۇ بۇ رەت يىقىلىپ.

 

يىقىلغان توغراقنىڭ ئاۋازلىرىغا
قۇلاق سال،بۇ مېنىڭ ئاخىرقى زارىم.
مىڭ ياشلار چۈشلەردەك كەتتى سارغىيىپ،
موزىيدا ئۆچمەكتە ئاجىز سادايىم.
 




ھالقىلىق سۆزلەر : تومۇز،ساكارائۇلى


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار