ئاپتورى: قاسىمجان ئوسمان غازى
سۆيگۈ تېشى
چىمەننىڭ كۆزلىرى رەڭلەندى رەڭدە،
سەنمۇ ئاچ كۆزۈڭنى تولغانما سەنەم.
شۇنچە شوخ شولىلار ئويناپ كۆكسۈڭدە،
دەۋرىتىپ كەلدىڭسەن قەلبىمنى لالەم.
سۈلكەتلەر لاۋۇلدار تولغان چېھرىڭدە،
مەست قىلىپ ھەر تۈننى نۇر يۈزلۈك پارەم.
زاھىتمەن ئاھ ئۇرۇپ تۈندەك چېچىڭدا،
يۇلۇنغان تېلىدىن تامىمەن بىر - بىر.
شەپەق رەڭ تاڭلاردەك بولسام يېنىڭدا،
ئالۋۇندەك ئۆتمۈشۈم تىترەرمۇ دىر - دىر.
ھىجراننىڭ كىيىمى ئارتىلىپ تاشقا،
سۆزلەنمەي ئۇنتۇلار يۈرەكتىكى سىر.
باغرىمنى ئەزمەكتە شۇ تاشتەك ئازاب،
بۇ تاشتىن ئەڭ نەپىس قەدەھ چېپىلغان.
قېنىم تەشۋىشىدىن قۇيسام گەر شاراب،
تەشنالىق كەيپىدە ھەممە ئۇنتۇلغان.
كەل جانان جۇدالىق ئۆكسۈسۇن قاراپ،
بۇ تاشقا سۆيگۈنىڭ ئىسمى يېزىلغان.
ۋۇجۇد ئۆيىدىكى پىچىرلاش
يامغۇر ئۇ ئاسماننىڭ باغرىدىن تامغان،
يىپلىرى ئۈزۈلگەن رەڭدار ئاپتاپتا.
يېنىمدا ئۇخلىغان ئايسەن خىرامان،
مەست بولۇپ مەن قۇيغان سەرخۇش شارابتا.
قۇرغاقلىق تەن تاشلاپ كەلمىشتە قالغان،
بوشىغان پەيتىڭنىڭ سۆزى قاراقتا.
ئاپپاق قار گوياكى باغرىمدا تۇرقۇڭ،
چاقماقمەن كېچەڭدە سېنى يورۇتقان.
چۈشلەردىن توزۇغان تۇپراقتۇر زۇلفۇڭ،
ئىلكىدە ئەڭ مەھكەم تەننى چىرمىغان.
سەھەرنىڭ نۇرلىرى يۇمشاق قوللىرىڭ،
كۆكرىكىم ئۇنىڭغا كۆمۈلگەن ئورمان.
ئارمىنىم ھەردەقىق مۇنبەت يېرىڭدە،
ئۈندۈرۈش كۆكلەرگە بوي سوزغۇر شەمشاد.
قىلسا ئۇ تاغلارنى چىن يار ئۆزىگە،
قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەر ئوقۇشار پەرياد.
كۆز نۇرى نۇر چاچار ۋۇجۇد ئۆيۈمگە،
قايتقان نۇر بۇ يەردە تاپقۇسى مۇراد.
كەچ كۈز مەكتۇپى
مەن بۈگۈن كەچ كۈزگە كىرىپ كېتىمەن،
ياش تۇرۇپ سارغايغان يوپۇرماق كەبى.
كەچۈرگىن يەنىلا ئوماق يۇلتۇزۇم،
بۇ سۆيگۈ يولىدا بولمىدىم نەبى.
مەن بۈگۈن كەچ كۈزگە كىرىپ كېتىمەن،
گۇگۇمدا تارقىغان تۇمانلار ئارا.
ناتونۇش كۆرۈنگەن كۆلەڭگەڭ چاقنار،
ئارمىنىڭ كېچەمگە كۆمۈلگەن يارا.
مەن بۈگۈن كەچ كۈزگە كىرىپ كېتىمەن،
ئۇزاتقىن ئوت قالاپ ئورمان ئىچىدە.
تىترىگەن ۋۇجۇدۇم تاشلىنار ساڭا،
تۇنجى رەت يېزىشقان خەتنىڭ بېتىدە.
باھارنى كۆكلىتىپ بەرگەن خەتلىرىم
قولۇڭدا ئېرىسۇن، يىغلىسۇن ئاياز.
بولمايمەن قىش، يەنە بولمايمەن باھار،
بۇ قەلبىم مەڭگۈلۈك كەچ كۈزۈڭگە زار.
ھىجران ساداسى
ئاڭلايمەن بىر سادا يىراق يەرلەردىن،
شۇ سادا قەيەردە راست سۆزىنى دەر.
كۆرىمەن مۇشەققەت يەنە يەتكۈچە،
ھاياتتا مىڭ تەقدىر مېنى شەرەتلەر.
ھەر قېتىم ئۇزىتىپ چىقسام ئارقاڭدىن،
كۆزلىرىڭ ھىجراننىڭ رەڭگىگە كىرەر.
يۈرىكىم شۇ ھېسقا مەڭگۈ قەرزدار،
بۇ ئازاب ئورنىغا كىم بەدەل بېرەر.
بىلىمەن، سەن سادا ئەكسىگە ئاشىق،
سېمايى مېنىڭدەك بولسىكەن دەيسەن.
قىينىلىپ ئايرىلىش پەيتى كەلگەندە،
يۈزلىنىپ كېچىگە ئېرىش ئىزدەيسەن.
قىيادىكى خىيال
نەم تۇيغۇ ئىلكىدىن چىقتىم ئېسەكەپ،
دۈپۈلدەپ سوققاندا يەرنىڭ يۈرىكى.
بۇ كېچە باغرىدا پارلايدۇ يۇلتۇز،
يېتەرمۇ ئارزۇغا يارنىڭ تىلىكى.
كەلمەكتە ئەڭ ئىللىق دېڭىز شامىلى،
يۈزۈمنى، چېچىمنى يۇيغان سۇ مىسال.
بىر كېچە ئۇخلىماي چىقتىم قىيادا،
زارلىنىپ نۇر كۈتكەن تۈن قۇشى مىسال.
ئۇچايلى بۇ تاڭدىن يەنە بىر تاڭغا،
كەلگىن يار سۆيگۈدە بولايلى غەرق.
ۋىسالغا يەتكەندە ئارمان غۇنچىسى،
نە بولسۇن تۈن بىلەن كۈنلەردە پەرق.
|