(ھېكايە) ئاپتورى: پەرھات كازىمى ئىسمىمنىڭ مەڭلىك بولۇپ قالغانلىقىغا ئاچچىقىم بار. ئاتا—ئاناممۇ قىزىق ئىكەن، شۇنداقمۇ ئىسىم قويغان بارمۇ؟ سىنىپىمىزدىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئىسىملىرى بىر بىرىدىن چىرايلىق، مەنىلىك. مېنىڭ ئىسمىم ھەم كونا ھەم يېقىمسىز. مەن بەدىنىمدىكى مەڭلەرگە شۇنداق ئۆچ. كىم مەڭگە ئۆچ ئەمەس. ئاپئاق سىلىق تېرىسىگە ماشتەك، پۇرچاقتەك، چىۋىن پوقىدەك قارا مەڭ چىقىپ قالسا كىم ئۆچ بولمايدۇ—ھە؟ |


|