• دوپپا(ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:28-02-2012   مەنبە: تۇرپان 2006-4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
    (ھېكايە) ئاپتورى: پەرھات كازىمى ئىشخانىنىڭ ئىشىكى يېنىك ۋە رىتىملىق چېكىلدى. ئىجازەتتىن كېيىن تونۇش چىراي كۈلۈمسىرەپ كىرىپ كەلدى. ئۇ

     

    (ھېكايە)

    ئاپتورى: پەرھات كازىمى

    ئىشخانىنىڭ ئىشىكى يېنىك ۋە رىتىملىق چېكىلدى. ئىجازەتتىن كېيىن تونۇش چىراي كۈلۈمسىرەپ كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ قولىدا ئاۋۋالقىدەكلا بىر تۇتام ئىش ۋارىقى بار ئىدى. دېمەك، ئۇ يەنە بىر نەرسە يېزىپ ئېلىپ كىردى. مەن ئۇنىڭ نېمە ئېلىپ كىرگەنلىكى، قايسى ژانىردا نېمىنى يازغانلىقى ھەققىدە ئىچىمدە ھەر خىل قىياسلارنى قىلىپ باقتىم. چۈنكى ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ھېكايە، شېئىر، نەسىر... قاتارلىق تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەسەر يازاتتى. يازغانلىرىنىڭ پىشقانلىرىمۇ، خاملىرىمۇ بار ئىدى.
    ئىشخانىدىكى خىزمەتداشلىرىم ئۇنىڭ مۇلايىملىقى ۋە تارتىنچاقلىقى چىقىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ، مەنىلىك كۈلۈپ قويۇشتى. ئاغزى يېنىك دىلبەر مۇئەللىم تۆمۈر يېنىمغا كېلىشىگە:
    —ھە، كىچىك يازغۇچى يەنە ئەسەر ئېلىپ كىردىڭمۇ؟— دېدى.
    تۆمۈر ۋىللىدە قىزىرىپ، يامغۇردىن كېيىنكى كېلىن كۈندەك ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قۇيدى ۋە مەن كۆرسەتكەن ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى.
    —ئۆتكەنكى ھېكايەڭ شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ. سەن ئۇ ھېكايەڭدە بىر بالىنىڭ قەلبىنى كىتابخانلارغا كۆرسىتىپ بېرىپسەن. ھەقىقىي ئەسەر دېگەن شۇنداق بولىدۇ. تېنىش بەلگىلىرىگە ۋە جۈملىلەرگە دىققەت قىل. بولۇپمۇ مۇرەككەپ جۈملىلەرنى ئىشلەتمە، چۈنكى ھېكايىلىرىڭنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئۆسمۈرلەر. مۇرەككەپ جۈملىلەرنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ. يەنە بىر گەپ ئۆزەڭ چۈشەنمىگەن سۆزلەرنى ئىشلەتمە...
    —بۇ ھېكايىنى كۆرۈپ باققان بولسىڭىز؟
    ئۇ مەن باياتىن قولىدىكى نېمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ تۇرغان ئويلىرىمنمى بىلگەندەكلا قولىدىكى كىچىك بىر بولاق ئىش ۋارىقىنى ماڭا تۇتقۇزدى.
    —بۇ قېتىم نېمىنى يازدىڭ ؟
    —دوپپا، دوپپىنى يازدىم.
    —دوپپا؟
    —شۇنداق مومامنىڭ دوپپىلىرىنى يازدىم.
    تۆمۈر چىقىپ كەتتى. خىزمەتداشلىرىم تۆمۈر ھەققىدە ھەر خىل مۇنازىرىلەرنى باشلىدى.
    —بۇ بالا چوڭ بولسا چوقۇم يازغۇچى بولىدۇ. قاراڭلار مۇختەر مۇئەللىم 20 يىللىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بىرەر ئەسەر ئېلان قىلغىنىنى بىلمەيمىز. بۇ بالا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ئوندىن ئاشتى.
    —مۇختەر مۇئەللىم ئەسەر يازمىغان بىلەن ئەڭ ياخشى كىتابخان، ئەسەرنىڭ تۇز— تەمىنىڭ تېتىغان تېتىمىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەسلىدىغۇ بۇ ئادەم تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىسە بولىدىغان ئىش ئىدى. ئەسەر ئوقۇپ بولۇپ ئالغان تەسىراتىنى سۆزلىدىمۇ، شۇنىڭ ئۆزى بىر ئوبزور...
    مەن ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي تۆمۈرنىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇشقا باشلىدىم. ھېكايىگە تەلىق نۇسخىسىدا ماۋزۇ قۇيۇلۇپ، ماۋزۇنىڭ يېنىغا بادام دوپپا، چىمەن دوپپا نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلگەن ھەم قېرىنداش قەلەمدە سىزىلغان قىستۇرما رەسسىممۇ بار ئىدى. ھېكايە مۇنداق باشلانغان ئىدى.
    « مومام دوپپا تىكىشكە شۇنداق ئۇستا. تىككەن دوپپىلىرى شۇنداق چىرايلىق. يىراق يېقىندىكى تۇغقانلارغا دوپپا تىكىپ سوغا قىلىپ تۇرىدۇ. دۆلەتباغدىكى تۇغقىنىمىز ئارىپ ئاكامنى دوپپا سودىسى قىلامدىكىن دەيمەن. ھەر قېتىم چىقسا مايلىشىپ كەتكەن كونا دوپپىسىنى كىيىپ كېلىدۇ. ئۇنى بىچارە كۆرسىتىپ تۇرغان شۇ كۆرۈمسىز مايلاشقان دوپپىنى كۆرسە مومام قاراپ تۇراتتىمۇ... ساندۇققا سېلىپ قويغان دوپپىلىرىدىن بىرنى بېشىغا كىيگۈزۈپ قويىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭغۇ ئاغزى ياغلىق، مومامنى بىر ماختايدىغان بولسا مومام ھارۋىسغا مېۋە پىششىقىدا بىرە سېۋەت مېۋە ، قىشتا بىرەر خالتا چامغۇر بولسىمۇ سېلىپ سېلىپ بېرىدۇ. بىر قېتىم مەن يېڭى دوپپىنى بېشىغا كىيىپ گىدىيىپ ئولتۇرغان ئارىپ ئاكىنىڭ كونا دوپپىسىنى ئاچىقىپ ئېتىۋىتەي، يەنە مۇشۇ دوپپىسىنى كىيىپ كېلىپ مومامنىڭ دوپپىسىدىن بىرىگە زىيان سالمىسۇن دەپ شارتلا ئالدىمدە تالاغا ماڭدىم.
    —مۇراتجان بالام دوپپامنى نەگە ئېلىپ بارىسەن؟
    —كونىراپ كېتىپتۇ تاشلىۋىتىمەن.
    —بالىسەندە بالا، يېڭىنى كۆرۈپ كونىسىنى ئۇنتۇپ كەتسەڭ بولمايدۇ. بۇ دوپپىنىڭ ھەر بىر تىكىچىدە ئايتۇراخان ئايلامنىڭ يۈرەك قېنى بار. كۆز قارچوقۇمدەك ئاسراپ كىيىپ كېلىۋاتىمەن بۇ دوپپىنى، ئۇنداق ئالتۇنغا بەرگۈسىز سىپتا، كاتتا تىكىلگەن دوپپىنى كۆز قارچۇقۇمدا ساقلىغاندەك ساقلايمەن...
    مومامنىڭ چىرايىدا رازىمەنلىك كۈلكىسى جىلۋىلەندى. مومام ئاتامغا دەپ يەنە ھارۋىسىغا ئىككى خالتا ئاققۇناق سېلىپ بەردى. ئارىپ ئاكا كەتتى.
    —موما، ئاتاملار سەن تىككەن دوپپىنى شۇنچە ئۇزاق كىيىدۇ بۇ ئارىپئاكام ئايدا ئىككىنى كىيمەيدىغاندۇ؟ بازاردىن ئۆتكۈچە چوقۇم سېتىۋېتىدۇ.
    —گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ، دەيدىغان گەپ بار ئۇنداق گەپ قىلما.
    —راست ئەمەسمۇ؟ قارا ئۇنىڭ تۈلكىلىگىگە.
    —كىچىك بالا دېگەن ئۇنداق گەپ قىلمايدىغان...
    مومامنىڭ تىككەن دوپپىسىنى كىيمىسەم بىر يېرىم ئېچىلىپ قالغاندەك، بىر يېرىم كامدەك ھېس قىلىمەن. شۇڭىمىكىن دوپپامنى بېشىمدىن چۈشۈرمەي كىيىمەن. مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگىچىمۇ دوپپا كىيىپ يۈردۈم. تولۇقسىز ئوتتۇرىغا يېزا مەركىزىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىشقا توغرا كەلدى. مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققىپمۇ دوپپا كىيىپ يۈردۈم. ساۋاقداشلىرىم ئۇزۇن دەلپەكلىك شەپكىلەرنى كىيىپ يۈرۈشەتتى. مېنىڭ دوپپا كىيىپ يۈرۈشىمنى ياقتۇرمىدى بولغاي « موللام » دەيدىغان بولىۋالىدى. نېمە دېسە دېسۇن، مەن مومام تىككەن چىرايلىق دوپپامنى كىيىمەن. بىراق تۇرسۇننىڭ دوپپامنى بېشىمدىن بىر شاپىلاق ئۇرۇپ ئۇچۇرۋىتىشى جېنىمغا تەگدى. بۇ ھال نەچچە قېتىم بولدى. مەنمۇ بوش كەلمىدىم. ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتىۋىلىپ بىرگە بىر تەڭ تۇرۇپ كەلدى.
    كىچىكىمدىن باشلاپ مومامنىڭ دوپپا تىكىشىگە ياردەملىشىپ كەلگەنمەن. مومام دوپپىنىڭ تۈبۈلۈكىنى، كېزىكىنى، توقۇچىنى شىلىملىسا مەن شىلىم سۈرۈپ، دوپپا پۈتسە كەپكە ( دوپپا قېلىپى ) كىيگۈزۈپ كىيگۈزۈپ بېرىشەتتىم.
    ھېلىمۇ ئىسىمدە كىچىك ۋاقتىمدا مومامنىڭ دوپپا تىكىشىگە قاراپ مەنمۇ دوپپا تىكىمەن دەپ تۇرۋالغىنىم.
    —ئوغۇل بالا دېگەن دوپپا تىكسە بولمايدۇ، ماڭ ئويۇنىڭنى ئوينا، ئوغۇل بالا دوپپا تىككەن نەدە بار، دەپ يېنىدىن قوغلايتتىيۇ، مىنۇت ئۆتمەي، ھاي، مۇراتجان، قېنى سەن؟ يېنىمغا كەل! دەپ چاقىراتتى.
    شۇنداق قىلىپ مومام ماڭىمۇ دوپپا تىكىشنى ئۆگەتكەن ئىدى. مەن پىلتىكۈچنى پاختىلاپ بولۇپ شىرىققا ئۆتكۈزۈمەن دەپ پىلتىكۈچنى نەچچە قېتىم قولۇمغا سانجىۋالغان ئىدىم. راستىنى دېسەم ئۇ دوپپىدا مومامنىڭ ئەجرى كۆپ ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ دوپپىنى مەن تىككەن ھېسابلاندى. مومام « مۇراتجاننىڭ دوپپىسى » دەپ ئاتىدى. مەن تىككەن ئۇ تۇنجى دوپپامنى بوۋامغا كىيگۈزۈپ قويغانغانلىم ھېلىقىدە ئىسىمدە. بوۋام سارغايغان چىشلىرىنى چىقىرىپ تازا كۈلۈپ كەتكەن ئىدى. مېنىڭ تىككەن دوپپامنى مومام ھازىرغىچە ساقلاۋاتىدۇ.
    مەن مومامنىڭ تىككەن دوپپىلىرىنىڭ سانىنى بىلمەيمەن. مومانىڭ تىككەن دوپپىلىرىنى كىيمىگەن تۇغقىنىمىز يوق بولسا كېرەك، شۇڭىمىكىن تۇغقانلارنىڭ ھەممىسى مومامنى ئۇلۇغلاپ بېشىدا كۆتەرگىدەك قىلىشىدۇ.
    بىر كۈنى مەن مومامنىڭ تىككەن قىزىل گۈللۈك، زەر توقۇشلۇق دوپپىسىنىڭ پۈتۈشىگە قولۇمغا ئېلىپ تۇرۇپ:
    —مومام، بۇ دوپپا سەن تىككەن دوپپىلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى دېسەك بولغۇدەك، بۇ دوپپىنى ساقلاپ قويايلى،—دېدىم.
    —ھەي، مەن تىككەن ئەڭ ئېسىل دوپپىنى كونىلىققا قارىشتۇرۇش يىللىرى، دوپپا كېسىش دولقۇنىدا كېسىۋىتىشكەن.
    —كىم كېستۈرۋەتكەن؟
    —بوۋاڭ بولمامدۇ؟ شۇنداق ئاچچىقىم كەلگەن ئىدى. قىزىل يەڭلىكلەر «دوپپا كۆيدۈرىمىز، دوپپا قېيىمىز» دەپ كەلگەندىلا ئۆيگە كىرىپ، كونا دوپپىسىدىن بىرىنى كىيىپ چىقىپ تۇرسىمۇ بولىدىغان نېمە، يا بولمىسا دوپپىنى قوينىغا تىقىۋېلىپ ھېلى بىرى كۆيدۈرۋەتتى، دېسىمۇ ساقلىنىپ قالىدىغان دوپپا ئىدى. مەن ئۇ دوپپىنى مىڭ بىر جاپادا شۇنداق كۆڭۈل قويۇپ تىككەن ئىدىم. سەن بىلمەيسەن ئۇ چاغلاردا ئىش ئېغىر، يەيدىغىنىمىز نورمىلىق. كىچىك ئاپاڭ گۈلسۈمخان ئەمچەكتە ئىدى. ئىشلىرىمنى قىلىپ بولۇپ، بالا بېقىپ چۈشلۈك دەم ئېلىشلاردا خەق ئۇخلاپ ئارام ئالسا ئۇخلىماي، گۈلسۈمخانغا شېكەر ئېلىپ بېرىشكە كۆزۈم قىيماي، يىپ، قارا دۇخاۋا سېتىۋېلىپ بوۋاڭغا دوپپا تىككەن ئىدىم. شۇنداق ئوخشاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ دوپپىغا قارىغان ئادەمنىڭ قارىغۇسى كېلەتتى. بىر كۈن كىيگىنى بولۇپ قالدى...
    —بۇ دوپپاڭنىڭ چىرايلىقلىقىدا گەپ يوق موما.
    —ياق، ئۇ دوپپىنىڭ تىكىلىشىلا ئەمەس، گۈللىنىڭ رەڭگىنىڭ ئىچىشىنى دېمەيسەن. كۆزۈمنى يۇمساممۇ شۇ دوپپا كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. شۇ يىلى ئۆزەم پىلە بېقىپ پىلىلەر تۇلا ئۆلۈپ ئاران بىر سېۋەت غوزا ئالغان ئىدىم. ئۇنى يوقارقى مەھەللىدىكى ھېزىزئاخۇن ئۇستامغا يىپقا تېگىشىپ كېلىپ تىككەن. جۈجەملىكتىن يوپۇرماق ئالساڭ خەق كۆرۈپ قالسا ئىش بار. كاپىتالىزم يولىغا ماڭدى، دەپ كۈرەش، پىپەن قىلىدىغان چاغلار ئىدى. كۈندۈزى قايسى جۈجەمنىڭ يوپۇرمىقى كۆپ، ئاسان ئالغىلى بولىدۇ، شۇنى كۆرۈپ قۇيۇپ كۆز باغلىغاندا ياكى كېچىسى چىقىپ ئېلىپ باققان پىلىلەرنىڭ بەدىلىگە كەلگەن ئىدى... شۇنداق جاپادا پۈتكەنلىكتىنمىكىن ئۇ دوپپا شۇنداق ئوخشاپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تالاي دوپپىلارنى تىكتىم ئۇنداق ئوخشىغان، چىرايلىق دوپپا تىكىپ باقمىدىم.
    مەن كىچىكىمدىنلا مومامنىڭ دوپپا تىككىنى كۆرۈپ، دوپپا تىكىشنىڭ تەسلىكىنى بىلگەچكىمۇ دوپپىنىڭ قەدرىنى قىلمىغانلارنى كۆرسەم چايناپ پۈركۈۋەتكۈم كېلىدۇ.
    مەن بوۋام كىيىپ كونىراپ كەتكەن ئەمما پىتىدىن چۈشۈپ كەتمىگەن دوپپىلارنى يىغىپ قويدۇم. بۇرۇن موماممۇ يىغىپ قويغان ئىكەن. قازناقتىكى ئۇيۇقتا ئىككى رەت دوپپا بار. كىيىن دوپپا كۆرگەزمىسى ئاچىمەن. ئۇ دوپپىلارنىڭ گۈللىرىلا ئۇن نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ...
    ئاكام ئۇسۇلغا ئۇستا ئىدى. تويلارغا باردىمۇ بولدى. ئوتتۇرىدىن چۈشمەي ئۇسۇل ئوينايدۇ. يېقىندىن بۇيان يۇرتىمىزدا تويدا ئۇسۇل ئوينىغا ئەرلەرنىڭ بېشىغا دوپپا كىيگۈزۈش، ئاياللارنىڭ بوينىغا رەڭدار شارپا ئېسىپ قويىدىغان ئادەت مودا بولدى. ئاكام ئېلىپ كەلگەن دوپپىلارنى كۆرگەن مومام ئاچچىقلاپ كېتەتتى. ھېلىمۇ ئىسمدە بىر قېتىم مومام
    —توۋۋا، مۇشۇمۇ دوپپا بولدىمۇ—ھە؟ گۈلىنى قولىدا تىكىشكە ئېرىنسىمۇ مەيلى، تۈزۈك قىيسا بولمامدۇ؟ شىرىققا پاختا ئۆتكۈزۈش ئېغىر كەلگەن بولسا نەچچە قات رەختنى ماشىنىدا شىرىۋەتسىمۇ بولاتتىغۇ؟ قەغەز ئالغىنىنى بۇ خەقنىڭ... دەپ تېرىكىپ، ئاكامغا، بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ساختا دوپپا كىيگۈزۈپ قويسا پىرقىرىتىپ ئېتىۋەت. باشقا كىيىدىغان نەرسىگە ئۇنداق ساختىلىق قىلسا قانداق بولىدۇ... دېدى.
    —پىرقىرىتىپ ئېتىۋەتسەم باش كىيىمىگە مەن ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولۇپ قالمامدىمەن؟ رەسمىيەت ئۈچۈنلا تارقىتىدىغان دوپپىلار بۇ موما،— دېدى ئاكام چاي ئىچكەن پەرۋاسىزلا.
    —ئۇنداق بولمايدۇ. كۆزگە ئىلمىغاندەك ئۇنداق بۇسۇرۇق لاتتىغا، مايماق گۈل قىيىپ چاپلىغان، كېرەكسىز قەغەزدىن تىككەن دوپپىنى كىيشنىڭ ئۆزى نومۇس... ئۆتمۈشتمۇچۇ تويلاردا ئۇسۇلچىلارغا دوپپا كىيگۈزۈش، دوپپىسىغا پۇل قىستۇرىدىغان ئادەت بار ئىدى. ئۇ دوپپىلارنى شۇ يۇرتتىكى ئەڭ ئۇستا دوپپىچىغا تىكتۈرۈپ ئۇسۇلچىلارغا كىيگۈزۈپ قوياتتى.
    ئادەم دېگەنگە قېرىلىق يەتسە بىرلا يىلدا قېرىپ قالىدىكەن. مومامغا بۇ يىل قېرىلىق يەتتى. تىككەن دوپپىسى ئۆزىگە يارىماي كۆڭلى يېرىم بولۇپ «يىڭنە ئىشى قولۇمغا يەل كېلىدىغان بولۇپ قاپتۇ» دەپ مومام دوپپا تىكمەس بولۇپ قالدى. بوۋاممۇ مومام تىككەن دوپپىنى چوتكىلىۋىتىپ. گۈللىرىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتسىمۇ كېيىۋەردى. مەنمۇ مومام تىكەن دوپپىلىرىمنى ئالماشتۇرۇپ كىچىك كېلىپ قالسىمۇ كىيىپ يۈردۈم. « 1— ئىيۇن بالىلار بايرىمى » لىق پائالىيەتكە مەنمۇ تاللاندىم. سەھنىگە كونا دوپپىنى كىيىپ چىقسام بولماس. مومامغا :
    —موما، نېمىشقا دوپپا تىكمەس بولۇپ قالدىڭ؟ ماڭا بىر دوپپا تىكىپ بەرگىنە؟— دېدىم. مومام بۇرۇنقىدەك بىرلا جاۋابنى :
    —تىكىپ بەرسەمغۇ بولاتتى. يىڭنە ئىشى قولۇمغا يەل كېلىدىغان بولۇپ قاپتۇ،—دەيتتى.
    مومام بۇ يىل كۈچىدىن قالدى. مەن مومامنى زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ھارۋىغا سېلىپ تۇغقانلارنىڭكىگە ئېلىپ بارىمەن. مومام مېنىڭدىن شۇنداق رازى.
    مەن يەنە مومامنى بازاردىكى تۇغقانلارنىڭكىگە ئېلىپ باردىم. ياناشىمىزدا سەل كەچ قالدۇق. يەكشەنبە بازىرىغا كەلگەندە بازار يىغىلغان بولۇپ نەچچە تازىلىق ئىشچىسى يامداقلىرىنى ئىشقا سېلىپ توپا توزۇتۇپ سۈپۈرۋاتاتتى. ئېشەكنى ئىتلىكلىتىپ ئۆتۈپ كەتتىم. سەل ماڭا— ماڭلماي ساۋاقدىشىم تۇرسۇننىڭ چاقارغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم.
    —ھەجەپ ياخشى سەن ئۇچرىدىڭ ئاداش. ئاكام كېلىمەن دەپ كەلمەي قورقۇپ تۇراتتىم. ھارۋاڭغا بۇلارنى سىلىۋالاي.
    —بۇ نېمە؟
    —كۆرمىدىڭمۇ قەغەز.
    —بۇنى نېمە قىلىسەن؟
    —كېلىن ئاچام سەيپۇڭ. دوپپا تىكىدۇ.
    —بۇ ئەخلەتخانىدىن تېرىۋالغان قەغەزلەردىن قانداقمۇ دوپپا تىككىلى بولار؟ قارا ئاۋۇنىڭدا ئېشەك تېزىكى بارمۇ نېمە؟
    —ئۆيگە ئېلىپ بارغاندا يەنە ئىلغايدۇ. مەھەللىمىزدىكى دوكانچىدىن تاماكا بولىقىنىڭ، ھاراق پوتۇلكىسىنىڭ قېپى... لارنى ئالىدىغان. ئەمدى ئۇ كىشىمۇ ساتىمەن، دەيدۇ. شۇڭا يەكشەنبە بازارغا كېلىپ پۇل كەتمەيدىغان قەغەز تېرىپ دوپپاچىلىق قىلىۋاتىدۇ.




    ھالقىلىق سۆزلەر : دوپپا، بالىلار


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار