مومامنىڭ چىرايىغا قارىدىم. گۇگۇم چۈشكەن بولغاچقا مومامنىڭ چىرايىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلمىدىم. بەلكىم تاتىرىپ كەتكەندۇ. ئەتىسى مەكتەپتىن كەلسەم مومام ئاجىزلاشقان، نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزىۋىتىپتۇ. قارىسام يېنىدا مېنىڭ دوپپام تۇرۇپتۇ. قارىغاندا ماڭا دوپپا تىكىپ بېرىدىغاندەك قىلاتتى. مومامنىڭ تىككەن دوپپىسى ئىككى ھەپتىدە ئاران پۈتتى. گۈللىرى بۇرۇنقى دوپپىلارنىڭ گۈلىرىدەك نەپىس، چىرايلىق ئەمەس ئىدى. مەن مومامغا « بۇ دوپپا شۇنداق چىرايلىق تىكىلىپتۇ، گۈللىرى شۇنداق چىرايلىق ئىكەن... » دېدىم. مومام مېنىڭ خۇشامەت قىلۋاتقىنىمنى بىلىۋالغان چىغى مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى. ئۇ دوپپىنى شۇ زامان كىيىۋالدى. مانا دوپپىچى مومامدىن ئايرىلىپ قالغىلى بىر يىل بولاي دېدى. مومامنىڭ ماڭا تىكىپ بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى دوپپىسى كونىراپ ئۆڭۈپ كەتتى. ئاپامنىڭ قولىدىن دوپپا تىكىش كەلمەيدۇ. ئۆزەم تىكەي دېسەم قالماشتۇرالمايمەن. بۇرۇن قانداق تىكەن بولغىيتىم. مەن مومامنىڭ كېسىپ، گۈللىرىنى تىكىپ قويغان دوپپىسى تېپىپ مومامنىڭ دوپپا تىكىنىدەك ۋە ماڭا ئۆگەتكىنىدەك تىكىشكە باشلىدىم. خوشنىمىز ئايىمخان ئانامنىڭ ياردىمىدە تازا قاملاشمىسىمۇ دوپپا تىكتىم. مانا ھازىر مومام پۈتتۈرەلمىگەن دوپپىنى مەن تىكىپ كىيىۋاتىمەن. ئوغۇل بالا دوپپا تىككەن نەدە بار دەپ قالماڭ. مانا مەن دوپپا تىكتىم. مېنىڭ دوپپىغا بولغان مېھرىم مومامغا بولغان ھۆرمىتىمدەك چوڭقۇر. «تۇرپان» 2006 — يىلى 4— سان |


