• قېرىنداش(ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:13-01-2012   مەنبە: تەربىيىچى ژۇرنىلى   مۇھەررىر: admin   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    ئۇكام كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان مېھرى ئىسسىق بالا. ئۇ بۇ يىل توققۇز ياش. سەل سېرىق چاچلىرى ئاچ سېرىق ئۆڭىگە تولىمۇ ياراشقان

    ئاپتورى: پەرھات كازىمى

    ئۇكام كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان مېھرى ئىسسىق بالا. ئۇ بۇ يىل توققۇز ياش. سەل سېرىق چاچلىرى ئاچ سېرىق ئۆڭىگە تولىمۇ ياراشقان. ئۇنىڭ قويۇق قارا ئەگىم قاشلىرى، بوز قۇرۇغان كىشمىش ئۈزۈمدەك چوڭ نۇرلۇق كۆزلىرىگە شۇنداق ياراشقان. تۆگىنىڭ كىرپىكىدەك ئۇزۇن، كەينىگە ئېگىلىپ تۇرىدىغان كىرپىكلىرى، ئۇستا چىش دوختۇرى ياساپ قۇيغاندەك رەتلىك، ئاق چىشلىرى ھەردەم مېنىڭ ھەسىتىمنى قوزغايتتى. بۇ تەرىپلەر گەپلەر ئاپامنىڭ ئېغزىدىن چىققان جۇمۇ. ئاپامنىڭ دېيىشىچە ئاپام ئۇكام تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى قىز بالا بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان ئىكەن. ئاپام ئۇكام كىچىك ۋاقتىدا ياغلىق چىگىپ كۆرۈپ «پاھ، پاھ، ئوغۇل بالا چىغىڭدا بۇنداق چىرايلىق، قىز بالا بولغان بولساڭ پەرىلەرنىڭ ئۆزى بۇلاتتىڭكەنسەن بالام..» دەپ باغرىغا بېسىپ سۆيۈپ كېتەتتى. مەن بۇنداق چاغلاردا چوڭ بولۇپ قالغان بولساممۇ دومسىيىپ تالاغا چىقىپ كېتەتتىم. ئاپامنىڭ مېنى سۆيۈپ قويغىنىنى ئەسلىيەلمەيتتىم. ئاپام مېنىمۇ ئۇكامدەك چېغىمدا شۇنداق ئەركىلىتىپ چوڭ قىلغان دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرەتتىم.
    مەن تۇرۇپلا ئاكا بولۇپ قالغىنىمغا پۇشايمان قىلىپ قالدىم. مېنىڭ مۇنداق دېيىشىمگە يەنە شۇ ئۇكام سەۋەبچى. ئۇنى ئاتا- ئانام قانچە ئامراقلىق قىلغانچە شۇنچە كۆپ ئاغرىپ قالاتتى. مەن ئۇنى «كېسەل كۆرپىسى» دەۋالغان ئىدىم. ھەپتىدە بىرەر قېتىم ئاغرىمىسا كۈنى كەچ بولمايدىغاندەك ئاغرىپلا تۇراتتى. شۇڭىمىكىن ئاتا-ئانام ئۇنى « ۋاي» دەپ كېتەتتى. مېنىڭمۇ ئۇكىسى بار ساۋاقداشلىرىم بار. ئۇلار ئۆي ئىشلىرىنى ئىككىسى بۆلۈشۈۋېلىپ بىردەمدە تۈگىتىپ ئوينايدىكەن. مەن بولسام ھەممە ئىشنى ئۆزۈم قىلىمەن. « كېسەل كۆرپىسى» بولسا يامغۇردا قىلغان چۈجىدەك تۈگۈلۈپ يۈرگىنى يۈرگەن. تېخى ئۇنىڭغا «قۇۋۋەت بولىدۇ» دەپ ئايرىم تاماق ئېتىپ بېرىشى، تاتلىق- تۈرۈم، مېۋە-چېۋىلەرنى بېرىشلىرىچۇ. بۇنداق دېسەم «بۇ بالىنى ئاتا-ئانىسى ئۆگەيلەيدىكەن» دەپ قالماڭلار. مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ ئۆز بالىسى. مېنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. بىراق، بەزىدە ئۇكامغا ئامراقلىق قىلغىنىنى كۆرسەم كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ شۇ.
    مەنمۇ ئۇكامنى ئاتا-ئانامغا كۆرسەتمەي ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرىغا تازا سېلىۋالىمەن. مەن توپ تېپىشكە بەك ئامراق بولغاچقا پايپىقىم شىۋەر بولۇپ پۇراپلا تۇراتتى. كۈندە كەچتە ئۇكامغا يۇغۇزىمەن. ئەسلىدىغۇ پۇتۇمنى يۇغاندا يۇۋەسسەملا بولىدىغان ئىش. قەستەن ئۇكامغا يۇغۇزىمەن. ئىشقىلىپ ئۇكامنىڭ كۈچى يېتىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدۇرىمەن. ئاتام مېنى ئىشقا بۇيرۇسا مەن ئۇكامنى بۇيرۇيمەن. بۇنى ئاتام بىلىپ قالسا «ئىتنى بۇيرۇسا، ئىت قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ» دەپ كايىيتتى. بىزگە پۇل بەرگەندە ئۆزۈمنىڭكىنى خەجلەپ بولۇپ ئۇكامنىڭكىنى ئالداپ ئىلىۋالىمەن. بۇنداق چاغلاردا ئاكا بولۇپ قالغىنىمغا خۇشال بولۇپ كېتىمەن.
    ئەمدى ئۇكامغا راستىنىلا ئۆچ بولدۇم. ئۆزىغۇ تۈزۈك ئوينىمايدۇ. مېنىمۇ ئوينىغىلى قويمايدىغان بولدى. دوستلىرىم بىلەن نۇقتا توپ تېپىشتە بەسلىشىپ دەپتىرىمنى ئۇتتۇرۇۋەتكىنىمنى، پۇلىنى قانداق ئالداپ ئېلىۋالغىنىمنى ... ھەممىنى ئاپامغا دەپ ئەدىۋىمنى بەرگۈزىدىغان بولۇۋالدى. مەنمۇ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ قىلىپ ئۇنى ئالدىۋېتىپ ئۆز ئويۇنۇم بىلەن بولىدىغان بولدۇم. بىراق، ئۇنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ئەمدى ئاسانغا چۈشمەيدىغان بولۇپ قالدى. مەھەللىدىكى دوستلار بىرىمىز بىر كويدىن تىكىشىپ توپ تەپمەكچى بولۇشتۇق. يېنىمدىكى بول بىر كويغا ئۈچ موچەن كەملەيتتى. ئۇكامغا شۇنچە يالۋۇرساممۇ بەرمىدى. ئۇرماقچىمۇ بولدۇم. ئاخىرى ئامال تاپتىم.
    _ چوغلان، پۇلۇڭنى بېرىپ تۇر، بولمىسا ئۈلۈشكۈن تاۋۇزنى جىق يەۋېلىپ ئىككى مۇ يەرنى سۇغارغىنىڭنى...
    _ مانا ئاكا ئال. بالىلارغا دېمە_ ھە_ ، دەپ يىغلامسىراپ پۈرلىشىپ كەتكەن بەش موچەننى بەردى.
    مېنىڭ ھەر خىل ئاماللىرىم ئۇنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپ تۇراتتى. كەچكى مۇزاكىرە ۋاقتىدا جوزىغا دەپتىرىنى يايسىلا « ھە، ھىم» دېسەم قوزىدەك ياۋاشلىق بىلەن كاڭدا يېتىپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئاپامغا مېنى چېقىشنى توختاتقىنى يوق بۇ شۇمنىڭ.
    ئۇ ئون بەش كۈن يوقىلىدىغان بولدى. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا قانىتى يېشىلگەن كەپتەردەك بولۇپ كەتتىم. ئۇكام دائىم « ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» بولىدىغان بولغاچقا «يازلىق لاگېر» غا تاللانغان ئىدى.
    ئۇ كەتتى. مەن ئۆزۈم بەگ، ئۆزۈم خان.
    ئىككى كۈن ئۆتۈپ نېمىشقىكىن بەدىنىمدە بىرەر ئەزايىم كەمدەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ئاپام بىرەر ئىشقا بۇيرۇسا ئارقامغا ياكى ئىككى يېنىمغا قارايتتىم. ئۇكام يوق. ئۆزۈم قىلاتتىم. پۇلۇم تۈگىسە «بانكا» م بولمىغاچ ئاپتاپتا قالغان ھەشقىپىچەكتەك سالپىيىپ قالاتتىم. كېچىلىرى ئۆگزىدە يالغۇز يېتىپ ئۇكامنىڭ ئورنىغا قارايتتىم. يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قارىغىنىمچە ئۇكامنى بوزەك قىلغان، ئالدىغان ئىشلىرىمنى ئەسلەپ پۇشايمان قىلىپ يازنىڭ غۇر_ غۇر شاماللىرىغا ئەللەيلىنىپ ئۇخلاپ قالاتتىم.
    كۈنلىرىم ئۇكامنى سېغىنىش بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى. شۇ كۈنلەردە يىراق يېزىدىكى تاغام كېلىپ قالدى. كەتكۈچە مېنىمۇ ئېلىپ كەتتى. يېزىدىكى خۇشال كۈنلەرمۇ ئۇكامغا بۇلغان سېغىنىشىمنى باسالمىدى. قوينى كەڭ يېزىدا يەنىلا شەھەر ئەتراپىدىكى شۇ كىچىككىنە ئۆيىمىزنى، ئۇكام بىلەن بىللە ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. تاغام بىلەن قوغۇنچىلارنىڭ قوغۇنلىرىنى توشۇپ بېرىپ كۈنىگە ئون كويدىن ئىشلىدىم. پۇل تاپماق نېمە ئۇنداق تەس. بەش كۈندە ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كۆسەيدەكلا بولۇپ قالدىم. مەن ئاتامدىن كەلگەن تېلېفوننى ئېلىپ ئەتىسى ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. يانچۇقۇمدا ئۆزۈم ئىشلەپ تاپقان، يەنە قۇلۇمدا تاغام ئۇنىمىساممۇ «يوللوغۇم» دەپ بەرگەن ئون يۈەن پۇل بار. ئاپتوبۇسنىڭ ئۈستىدە ئىككى تاغار قوغۇنچۇ تېخى. يول بويى بۇ پۇللارنى نېمىگە خەجلەش توغرىسىدا بىر قارارغا كېلەلمىدىم. ئاخىرى پۇتبول ئىلىشقا تايىن تاپتىم. بېكەتتە ئاتام مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ھويلىمىزغا كىرىشىمىزگە ئۇكام كۈلۈمسىرىگىنىچە يۈگۈرۈپ چىقتى. يۈرىكىم «ۋىژژىدە» قىلىپ كەتتى. قېرىنداشلىق مېھرى شۇ بولسا كېرەك. ئۇكامنى چىڭ قۇچاقلاپ دۈمبىلىرىگە يېنىك ئۇرۇپ كەتتىم. ئۇكام مەن تەسۋىلىگىنىمدىنمۇ چىرايلىق ئىدى. ئۇكام ياتاق ئۆيدىن بىر پۇتبول كۆتۈرۈپ چىقتى.
    _ ئاكا ساڭا بۇ توپنى ئالغاچ كەلدىم. ئىلىيارنىڭكىدىن ياخشى. ئەمدى ئۇنىڭدىن توپ سورىمايدىغان بولدۇڭ،_ دېمەسمۇ ئۇكامغا قايتا_ قايتا رەھمەت ئېيتىپ توپنى نەچچىنى تېپىپ باقتىم.
    _ پۇلۇڭنى باشقا نېمىگە خەجلىسەڭ بولمامدۇ؟ ئاۋارە بولۇپ،_ دېدىم خۇشاللىقىمنى باسالماي.
    ئاتا_ ئانىمىز بىزنىڭ بۇ سۆزلىرىمىزدىن تەسىرلەندى بولغاي. بىر_ بىرىگە قاراپ كۈلۈشۈپ قويۇشتى.
    _ ئاپا، بۇ ئەللىك يۈەننى مەن تاغام بىلەن قوغۇن توشۇپ ئۆزۈم تاپتىم. ئۇكام ئىككىمىزگە ئوخشاش تەنتەربىيە مايكىسى ئىلىپ بەر،_ دەپ پۇلنى ئۇزاتتىم.
    ئاپام مېنىڭ ئۇكام بىلەن ئوخشاش رەڭدىكى كىيىم كىيمەيدىغان خۇيۇمنىڭ ئۆزگەرگىنىگە خۇشال بولدىمۇ ياكى ئۇكام ئىككىمىزنىڭ قېرىنداشلىقىدىن سۈيۈندىمۇ ۋە ياكى مەن ئىشلەپ تاپقان پۇلنى قۇلىغا ئېلىپ «بالام تاپقان پۇل» دەپ ھاياجانلاندىمۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ ئۇكام ئىككىمىزنى باغرىغا باستى. ئاپامدىن ئانىلارغىلا خاس ئىللىق پۇراق مېنى جەننەتكە باشلىماقتا ئىدى. شۇ چاغدا بىر كۈچلۈك قۇل بىزنى چىڭ قۇچاقلىدى. بۇ ئاتامنىڭ قۇلى ئىدى...

    2004_ يىلى 6_ ئاي(پىچان)
    «تەربىيىچى» ژۇرنىلى 2005- يىلى 4-سان
     




    ھالقىلىق سۆزلەر : ئائىلە، قېرىنداش، مېھىر


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار