• نېمەتۇللا مۆجىزى

    يوللانغان ۋاقتى:20-02-2012   مەنبە: 未知   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    مۇقام پىشىۋاسى مۆجىزى ھەققىدە ئوچېرىك

     

    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى
       
    موللائىسمەتۇللا بننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى(تۆۋەندە مۆجىزى-دەپ ئېلىنىدۇ) مۆجىزى داڭلىق مۇقامچى ياكى مۇقامشۇناس ئەمەس، ئەمما، ئۇ مەلىكە ئاماننىسا، قېدىرخان ياركەندى كەبى مۇقام پىشىۋالىرىمىزنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە قەلەمگە ئېلىپ كىلاسسىكلا شتۇرغان ۋە بىزگىچە يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىجتىھارلىق مۇقام ئاشىناسى.شۇڭا ئۇنى مۇقام پىشىۋالىرى قاتارىدا ساناش ئەلۋەتتە ئەھمىيەتلىك ئىش دەپ قارايمىز.
    مۆجىزى ئۆزىنىڭ يىگانە ئەسىرى«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»ناملىق ئەسىرى بىلەن مەشھۇر. بۇ، ئەسەر 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا دۇنياغا كەلگەن بۇلۇپ، «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»نىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا دۇنياغا كەلگەنلىگى تاسادىپى بىر ئىش ئەمەس. شۇنداق ئۇيغۇر ئەدەبىيات -سەنئىتى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى بۆلۈنمىچىلىگى ۋە ئاپپاق خوجا ئەۋلادلىرىدىن بولغان چوڭ خوجا بۇرھانىدىن بىلەن كىچىك خوجا خوجاجاھان بۆلۈ نمىچىلىگىنى باستۇرۇپ، شىنجاڭ رايونىنى بىرلىككەكەلتۈرۈش بىلەن بار لىققا كەلگەن نىسپىي تېنىچ شارائىتتا يەنە بىر قېتىم گۈللىنىش دەۋرىگە دەدەم قويۇپ، 19-ئەسىرگە كەلگەندە چىرىكلەشكەن چىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى بىلەن يەرلىك فىئودا كۈچلەرنىڭ پاجىئەلىك زۇلۇم-سىتە ملىرىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن دىخانلار قوزغىلاڭلىرىغا ماسلىشىپ راسا يۇقۇرى پەللىگە چىققان ئىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ بۇ قېتىمقى تەرە ققىيات دولقۇنى ياركەندخانلىقى (مىلادى 1514-1678-يىللار) ئاغدۇرۇلغا ندىن كېيىن ئاپپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەلادلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدا ۋەيران بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۈشتەك ئومۇمى ئىستەكنىڭ تۈرۈتكىسى بىلەن باشلانغان بولسا، خەلقنى نادانلىق ۋە قالا قلىقتىن قۇتقۇزۇش، مىللى مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مىللى زۇلۇم ۋە فىئوداللىق زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى مىللى-دىمۇگىراتىك ئىددىۋىي ئېقىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن يۇقۇرى پەللىگە چقتى.
    بۇ دەۋىر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر يازغۇچى، شائىرلار ئەدەبىيات سەھنىسىگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل ژانىر ۋە مەزمۇندىكى ئەسەر لىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆركەم مەنزىرىسىنى مەيدانغا كەلتۈردى.
    بۇ دەۋىر ئىچىدە يەنە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى بويىچىمۇ بىر مۇنچە جانلىنىشلار بارلىققا كەلدى. يەنى؛ 1820_1828- يىللاردا قەشقەر دىخانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى نازۇگۇم ھەققىدە توقۇلغان «نازۇگۇم» قىسسىسى بىلەن «نازۇگۇم» ناخشىسى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە تارقالدى.خوتەن«قاراقاش ناخشىسى»،قەشقەر«قىزىلگۇل ناخشىسى»،تۇرپان«مايىمخان ناخشىسى»، قۇمۇل«يارسەمەن ناخشىسى»، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئانارخان»، «ئويناڭ تۆرەم»، «بىۋاپا نادان يارىم»، «خارابىڭمەن»، «دادەي»، «سارىخان»، «ئاللا يارىم»، «ھاي-ھاي ئۆلەن» قاتارلىق ناخشىلىرىمۇ كەڭ تارقالدى. ئۇلۇغ ئالىم ئەبۇ نەسىرفارابىنىڭ«رىسالەئى مۇغەنىيۇن»، «كىتابۇلمۇسىقى»، «كالامىفۇلمۇ سىقى»قاتارلىققاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن زەھرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ «ئەسرارى مۇسىقى» ناملىق كىتاۋى شۇدەۋىردىكى ئۇستا خەتتاتلار تەر ىپىدى قايتا كۆچۈرۈپ چىقىلدى.



    ھالقىلىق سۆزلەر : مۇقام پىشىۋالىرىمىز


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار