• نېمەتۇللا مۆجىزى(5)

    يوللانغان ۋاقتى:20-02-2012   مەنبە: 未知   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    مۆجىزى ئەسىرىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇد، بەرباپ، تەمبۇر قاتارلىق چالغۇ ئەسۋاپلىرىنى ئىجادقىلغانلىقى، تەمبۇرغ
     مۆجىزى ئەسىرىدە يەنە  ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇد، بەرباپ، تەمبۇر قاتارلىق چالغۇ ئەسۋاپلىرىنى ئىجادقىلغانلىقى، تەمبۇرغا قوي، ئۆچكىلەرنىڭ ئۈ چىيىدىن تار ئىشىپ سالغانلىقى، مۇزىكا ساھەسىدىكى بەزى شەخسلەر نىڭ قىسمەن تۆھپىلىرىنى كونكىرتلاشتۇرۇپ، تەپسىلى بايان قىلىدۇ. مەسىلەن، ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ قالۇندىن ئىبارەت مۇزىكا ئەسۋابىنى ۋە «راك»، «ئوششاق»،«ئۆزھال» قاتارلىق مۇقاملارنى مەرغۇللىرى بىلەن ئىجاد قىلغانلىقى، يۈسۈپ سەككاكىنىڭ«بايات»مۇقامىنى ئىجاد قىلغانلىقى، ناۋايىنىڭ«ناۋا» مۇقامىنى ئىجادقىلىپ تارقاتقانلىغى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ غەزەللىرىنى سېلىپ ئېيىتقانلىغى، مۇھەممەد كۇشتىگىرنىڭ «چارىگاھ» مۇقامىنى ئىجاد قىلىپ،ئۇنىڭغا مەلانا تۇتىينىڭ بىر غەزىلىنى سالغانلىقى، «دۇگاھ»مۇقامىنى ئىجاد قىلىپ ئۇنىڭغا ئەمىر خسرەۋدېھلەۋىينىڭ بىر غەزىلىنى سالغانلىقى،«پەنجىگاھ» مۇقامىنى ئىجاد قىلىپ،ئۇنىڭغا مەلانا كاتىپنىڭ بىر غەزىلىنى سالغانلىقى،لۇتفىينىڭ مۇقاملارغا بەدىئىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسەتكەنلىگى، قېدىرخان ياركەندىينىڭ بولسا راۋاپ، ھەشتار (سەككىز تارىلىق چالغۇ ئەسۋابى)نى ئىختىرا قىلغانلىقىدەك تەپسىلاتلانى ئەستايدىل،ئىنچىكە بايان قىلغان. بۇلار بىزنىڭ ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋا پلىر ىنىڭ مەيدانغا كېلىش ۋە مۇكەممەللىشىش تارىخىنى تەتقىق قىلىشىمىد ىكى مۇھىم ماتىريال ھىساپلىنىدۇ.
    ئەسەرنىڭ ئۈچىنچى قىسمى ئاساسەن خاتىمە بۇلۇپ،ئۇنىڭدا بۇ كىتاپ كىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن،قاچان،قەيەردە،نېمە ئۈچۈن يېزىلغانلىقى ۋە مۇئەللىپنىڭ كىتاپنىڭ يېزىلىشىغا تەشەببۇسچى بولغان خوتەن ھاكىمى ئەلىشىر ھېكىمبەگكە بولغان مىننەددارلىقى ئىزھار قىلىنغان.
    شۇنى ئالاھىدە قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى،بۇ رىسالىدە گەرچە ھەقىيقى تارىخ بىلەن رىۋايەتلەر ئارلاشتۇرۋېتىلگەن ھەمدە بىرقىسىم مۇزىكا ئەسۋا پلىرىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئىلاھى تۈسكە كىرگۈزۈپ قويۇلغان. مەسىلەن؛ داپنىڭ كەشىپ قىلىنىشى سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىگە باغلاپ چۈشە ندۈرۈلسە،نەينىڭ كەشىپ قىلىنىشى پارىس رىۋايەتلىرىدىكى جەمشىتنىڭ خوتۇنى مەلىكەدىلسۆزگە باغلاپ قويۇلغان.ئۇنىڭدىن باشقا، پەقەت چاچما ئۇدارلىق مۇزىكىلارلا مۇزىكا ھىساپلىنىپ،خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ئىجاد قىلىنىپ،كەڭ ئەۋىج ئالغان ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى مۇقاملارغا («چوڭ نەغمە»،«داستان»، «مەشرەپ»قاتارلىق قىسىملارنى ئۆزئىچىگە ئالغان مۇزىكىلارغا)ئېتىۋارسىز قارىلىپ، مۇقاملارنىڭ نامى مەلۇم داڭلىق شائىر،ئالىم ياكى سازەندىلەرنىڭ نامى بىلەن باغلاپ قويۇلغان،قىسقىسى، مۇقام چۈشەنچىلىرىنىڭ كونكىرىت تارىخي ئۆزگىرىشلىرى ھىساپقا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىز ئۇنىڭدا كەلتۈرۈلگەن بىر قاتار تارىخىي مەلۇماتلار دىن بىز شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز كى،«مۇقام»ئاتالغۇسى ھەرقايسى تارىخىي دەۋىرلەردە بىر-بىردىن پەرىقلىق بولغان كونكىرىت ئۇقۇمغا ئىگە بۇلۇپ كەلگەن.بۇرۇنقى چاغلاردا«مۇقام»چۈشەنچىسى سەۋيىسى خېلىلا يۇقۇرى بولغان،بىرقانچە مەرغۇلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر مەشھۇر مۇزىكىنى كۆرسەتكەن بولسا،كېيىكى دەۋقرلەردە«چوڭ نەغمە»،«داستان»،«مەشرەپ»تىن ئىبارەت ئۈچ قىسىملىق مۇزىكا گۇر پىلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغان.شۇنداق قىلىپ، تارىختىكى ئايرىم شەخىسلەرنىڭ ئىجادىيتى دەپ تىلغا ئېلىنغان مۇزىكىلارنىڭ نامى كېيىكى پەيىتتە خەلق ئاممىسىنىڭ كوللىكتىپ ئىجادى بولغان يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ ھەجىملدىكى مۇزىكىلىق گەۋدىنى ئىپادىلىشى پەقەت 16-ئەسىر دىن كېيىنكى ئىش.



    ھالقىلىق سۆزلەر : مۇقام پىشىۋالىرىمىز


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار