• ئالىم، مۇتەپەككۇر، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ

    يوللانغان ۋاقتى:11-02-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇرنامايەندىسى بولغان تالانتلىق ئالىم، مۇتەپەككۇر، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ

                ئالىم، مۇتەپەككۇر، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ

    قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى بولغان تالانتلىق ئالىم، مۇتەپەككۇر، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019-يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ياش مەزگىللىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ھەمدە كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. ئەدىب ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق بەدىئىي قامۇسىنى ھىجىرىيە 462-يىلى (مىلادىيە 1069-يىلى) قەشقەردە يېزىپ، ئۇنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان. قاراخانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلىق ئۈنۋانى بېرىپ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچى ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان. ئەدىب مىلادىيە 1085-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.

    ھازىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھىجىرىيە 410-يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلۇپ، ھىجىرىيە 478-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغانلىقى، جەسىتىنىڭ دەسلەپ قەشقەر شەھىرىنى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا كېسىپ ئۆتىدىغان تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى دۆلەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق «بارىگاھ» دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغانلىقى، ھىجىرىيە 514-يىلى ئۇ جايدىن ھازىرقى جايغا يۆتكەپ دەپنە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خېلى كۆپ پاكىتلار ساقلانماقتا.

    يۈسۈپ خاس ھاجىپننىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق داستانى 1069 – 1070 – يىللىرى قەشقەردە يېزىلغان . 85 باب ، 290 ،13 مىسرا .
    «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ، كۆپ دەۋرلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈرەش قىلىپ ئىجتىھات بىلەن قولغا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت دۇردانىسى . ئۇ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت ھاۋاسىدا ، مەركەزلىك ھەم كونكرېت ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىلمىي ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى تەۋرەتكىلى بولمايدىغان ئورنىنى تىكلىگەن .
    مەيلى ئىدىيىۋى مەزمۇن ، مەيلى بەدىئىي شەكىلدىن قارىغاندا ، «قۇتادغۇبىلىك» ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تىپىك نەمۇنىسى بولۇپ ، ئۇ ئاساسلىقى قاراخانىيلارنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى چاغدىكى ئاڭ ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . ئومۇمەن ، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ قارشى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ھاسىل قىلغان .
    «قۇتادغۇبىلىك»تە ئادالەت گەۋدە قىلىنغان باراۋەر ، ئىناق ۋە خاتىرجەم غايىۋى جەمئىيەت سۈرەتلەنگەن . خىسلەتلىك يېرى شۇكى ، مۇئەللىپ ئەسەردە مۇنداق غايىۋى جەمئىيەتنى سۈرەتلەش بىلەنلا قالماي ، يەنە بۇ غايىۋى جەمئىيەتكە بارىدىغان يول ئۈستىدە دادىل ئىزدەنگەن . بۇ يول قانۇن ، ئەخلاق ۋە بىلىمدىن ئىبارەت . قانۇن — بۇ غايىۋى جەمئىيەتنى يۆلەپ تۇرىدىغان تېرەك . ئەخلاق — بۇ غايىۋى جەمئىيەتنىڭ ئىچكى بۆلەكلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان رىشتە . بىلىم — قانۇننىڭ ئىشقا ئېشىشى ، ئەخلاقنىڭ ھۆرمەتكە ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تۈپ ئاساس .
    داستان ۋەقەلىكى باشتىن – ئاخىر دېگۈدەك ئۈچ چوڭ مۇناسىۋەتكە ۋەكىللىك قىلغۇچى تۆت پېرسوناژنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىشى ۋە مۇنازىرىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ ، مۇئەللىپ مۇشۇنداق سۆزلىشىش ۋە مۇنازىرىلەر ئارقىلىق جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنى بايان قىلغان . جەمئىيەتتىكى ھەرخىل تەبىقە ، گۇرۇڭلارنىڭ ئورنى ، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ئەھۋالى — ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە كۈچ چىقىرىپ ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تەرغىباتچىلىق رولىنى ئويناپ ، مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى مۇجەسسەملەپ چىققان . شۇنداق بولغاچقا ، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ ، مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شاھانە ئەسەر سۈپىتىدە گەۋدىلىنىپ تۇرغان .
    «قۇتادغۇبىلىك» تە مەركىزىي ئىدىيە مەركەزلىك ۋە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىش ئۈچۈن توققۇز نەپەر پېرسوناژ ئوبرازى يارىتىلغان . ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۈنتۇغدى ، ئايتولدى ، ئۆگدۈلمىش ، ئودغۇرمىش قاتارلىق تۆت نەپەر پېرسوناژ ئاساسىي ئوبراز بولۇپ ، ئۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي تەسۋىرلەر بېرىلگەن .
    كۈنتۇغدى قانۇن ، ئادالەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان . ئۇ بىلىملىك ، ئىقتىدارلىق ، ئىستېداتلىق ئادىل ھۆكۈمران ، «كىم ئەقىل – پاراسەتلىك بولسا ، ئۇنى يۈكسەلدۈرىدىغان» ، «ئەتراپىغا دۇنيادىكى ھەرخىل ئىدراكلىق ، بىلىملىك كىشىلەر زىچ توپلانغان» ، «ئەلنى تۈزەپ ، ئوڭشاپ ن خەلقنى بېيىتقان ، ئۇنىڭ زامانىدا بۆرە بىلەن قوي بىللە سۇ ئىچكەن» ئۇلۇغ شەخس سۈپىتىدە ئوقۇرمەن تەسەۋۋۇرىدا گەۋدىلىنىدۇ .
    داستاندا ئايتولدى كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ۋەزىرى بولۇپ ، بەخت – سائادەت سىمۋولى قىلىنغان . ئۆگدۈلمىش ئايتولدىنىڭ ئوغلى ۋە ئىز باسارى ، ئۇ بىلىم ۋە ئەقىل – پاراسەتنىڭ سىمۋولى . ئودغۇرمىش كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ مەملىكىتىدە بىر غاردا پىنھان تۇرمۇشنى تاللىغان زاھىد بولۇپ ، قانائەت ۋە ئاقىۋەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان .
    دېمەك ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك»تە ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي ، سىياسىي ، ئىدىيىۋى سىستېمىسىنى مانا مۇشۇ تۆت ئاساسىي پېرسوناژ ئارىسىدىكى سۆھبەت ، مۇنازىرە ۋە دراماتىك توقۇنۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ ، جەمئىيەتنى ، جۈملىدىن دۆلەتنى قانۇن ، بىلىم ۋە ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى بىر قاتار غايىۋى قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن ، ئۆز دەۋرىدىكى رېئاللىقنى ئىسلاھ قىلىشقا قارىتىلغان بەزىبىر ئىجتىمائىي تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان . رېئاللىقنى پەردازلاپ كۆرسەتمەستىن ، بەلكى ئۇنىڭدىكى مەۋجۇت ئىللەتلەرنى دادىللىق ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلغان ھەم سۆككەن ، ئادالەتلىكلەر ، پەزىلەتلىكلەر ، بىلىملىكلەر ھەم ئىستېداتلىقلار كۆپ بولغان غايىۋى بىر دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن .

    «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئۆرنەكلەر

    بىلىك ئوقۇش ئەردەمىن ئاسىغىن ئايۇر
    (بىلىم بىلەن ئەقىلنىڭ پەزىلەت ۋە پايدىلىرى بايانىدا)

    تىلەكىم سۆز ئەردى ئاي بىلگە بۆگۈ ،
    ئوقۇشۇغ بىلىكىگ ئۆزۈم سۆزلەگۈ .

    ئوقۇش ئول بۇلا تەگ قاراڭغۇ تۈنى ،
    بىلىك ئول يارۇقلۇق يارۇتتى سەنى .

    ئوقۇشۇن ئاغار ئول بىلىكتىن بەدۈر ،
    بۇ ئىلى بىلە ئەر ئاغىرلىق كۆرۈر .

    ئوقۇش بولسا ئەسىل بولۇر بولسا ئەر ،
    بىلىك بولسا بەگلىك قىلۇر قىلسا ئەر .

    كىمەڭدە ئوقۇش بولسا ئەسىل بولۇر ،
    قايۇدا بىلىك بولسا بەگلىك بولۇر .

    [تىلەگىم ئىدى سۆز ، ئەي ئالىم ھېكىم ،
    ئەقىل ۋە بىلىمدىن سۆزلەش مەقسىتىم .

    ئەقىلدۇر چىراغدەك قاراڭغۇ تۈنى ،
    بىلىم ئۇ يورۇقلۇق ، يۇرۇتقاي سېنى .

    ئۆسەر ئەر ئەقىلدىن ، بىلىمدىن بۇيۇر ،
    بۇ ئىككى بىلەن ئەر قەدىرلىك بولۇر .
    . . . . .
    ئەقىل بولسا ، ئېسىل بولۇر بولسا ئەر ،
    بىلىم بولسا ، بەگلىك قىلۇر قىلسا ئەر .

    ئەقىل كىمدە بولسا ، بولۇر ئۇ ئېسىل ،
    بىلىم كىمدە بولسا ، بولۇر خان ئۇ ، بىل .] ① «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، «قۇتادغۇبىلىك» ، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1984 – يىلى نەشرى .»
     




    ھالقىلىق سۆزلەر : ساكارائۇلى


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار