قىدىرخان يەركەندى
مۇقام پىشىۋاسى يۈسۈپ قىدىرخان يەركەندى ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق مۇزىكا شۇناسى ھەم مەشھۇر شائىرى ئىدى.
تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا يۈسۈپ قىدىرخان يەركەندى، سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى،داڭىق مۇزىكا شۇناس ۋە ئاتاغلىق شائىر بۇلۇپ،سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەشھۇر خانلىرىدىن بىرى ئابدۇرېشدخاننىڭ ئوردىسىدا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن قابىل دۆلەت ئەربابى.ئۇ داڭلىق مۇزىكاشۇناس ۋە شائىر بۇلۇپلا قالماي بەلكى،ئاتاغلىق دۆلەت ئەربابى سۈپىتىدە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ بىرلىگى، تەرەققىياتى ۋە مەدەنىي ھاياتىنىڭ جانلىنىشىدا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان مەشھۇر تارىخى شەخىس.
مۇقام پىشىۋاسى يۈسۈپ قىدىرخان يەركەندىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ھازىرغىچە ئىنىق مەلۇمات يوق، ھەم بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلارمۇ بىرقەدەر يىتەرسىز. ئەمما يۈسۈپ قىدىرخاننىڭ ئىسىمى مىلادى 18-ئەسىر مەنبە لىرىدىن «تارىخى قەشقەر»(موللا مىر سالىھ قەشقەرنىڭ ئەسىرى،1985-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن «چىڭگىزنامە»نامى بىلەن نەشىر قىلىنغان)دىگەن نام بىلەن كۆزگە چېلىقىدۇ.ھەم بۇ ئەسەردە «مەرد مۇسقى ۋە نەزىم پىشە ئىدى»(مۇزىكا ۋە شائىرلىقنى كەسىپ قىلغان ئەر ئىدى) دەپ تەرپلىنىدۇ. بۇ يۈسۈپ قىدىرخان يەركەندىنىڭ سەئىدىيە خانلىقى قۇرلۇشتىن بۇرۇن بەدەخشاندىكى زەپەر قەلئەسىگە، سۇلتان سەئىدخان خىزمىتىگە كەلگەن ۋاقتى بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ «قەشقەرى»تەخەللۇسى بىلەن ئېيتىلىشى ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقى جەنۇبى شىنجاڭدىن (بۇلۇپمۇ قەشقەر، يەركەن تەۋەسىدىن)ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيا تەرەپلەرگە چىققان ئۇيغۇرلاردىن ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «قەشقەرى»دېگەن نامنىڭ قوشۇپ ئېيتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا يەنە، 19-ئەسىردە ياشىغان خوتەنلىك مۇقام پىشىۋاسى،مۇزىكا شۇناس، تارىخچى موللا ئىسمەتۇللا بىننى نېمەتۇللا مۆجىزى ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «تەۋارىخى مۇسقىيۇن»دا قىدىرخان يەركەندى ئۈستىدە توختۇلۇپ؛ «مۇزىكا ئىلمىنىڭ 13-پىرى قىدىرخان يەركەندىدۇر، بۇ پەندە(مۇزىكا ساھىسىدە) بۇ ئەزىزدەك ماھارەت كۆرسەتكەن ئۇستاز ئاز. بۇ ئەزىز كۆپرەك ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر ناۋايى ھەزرەتلىرىنىڭ غەزەللىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتاتتى.ئالەم ئۆتۈپ ئۇنىڭدەك خۇش ئاۋاز ئادەم بولمىغان دىيىشكە بۇلىدۇ...ئۇ ئابدۇرېشىدخان پادىشاھتىن ئىككى يىل كىيىن ئالەمدىن ئۆتكەن»(«تەۋارىخى مۇسقىيۇن»مىللەتلەر نەشىرياتى 1982-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 58-،59-بەتلەر)دەپ خاتىرلەپ قالدۇرغان،بۇلۇپ،سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەشھۇر سۇلتانى ئابدۇرەشىدخان مىلادى 1520-يىلى پەرغانەدە تۇغۇلۇپ، 1533-يىلى دادىسى سەئدخاننىڭ ئورنىغا خان بولغان، 1569-يىلى ۋاپات بولغان.(«ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» 2-قىسىم. «شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى» 1993-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى،545-بەت). كىين، يەنى 1985-يىلى يەركەند خەلقى ئىچىدىن تېپىلغان «دىۋان قىدىرى»نىڭ«مۇقەددىمە» سىدىن مەلۇم بولىشىچە؛ قىدىرخان يەركەندى يىگىتلىك مەزگىللىرىدەئۆزىنىڭ شائىرلىق ۋە مۇزىكانىتلىق تالانتى بىلەن سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد سۇلتان (ۋاپاتى تەخمىينەن 1523_1524) نىڭ ئىلتىپاتىغا نائىل بۇلۇپ، مۇھەممەد سۇلتاننىڭ يېقىن ھەمراھى ۋە دوستى سۈپىتىدە خۇراساندا،ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا شاھزادە، بەگزادىلەر بىلەن ئەشى-ئىشرەت ئىچىدە ياشىغان.دەل مۇشۇ چاغلاردا سۇلتان ئابدۇرەشىدخان خۇراساندا، يەنى 1520-يىلى تۇغۇلغان، سۇلتان ئابدۇرەشىدخان تۇغۇلغاندا، قىدىرخان بەزمە-مەشرەپلەرگە قاتنىشىپ غەزەل ئوقۇپ،ناخشا، مۇقام ئېيتالايدىغان بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ، شۇچاغلاردا ئۇنى 20ياشتا دەپ ھىساپلىسىاق،ئۇ، 1569-يىلى ۋاپات بولغان سۇلتان ئابدۇرەشەدخاندىن ئىككى يىل كىيىن ۋاپات بولغان بولسا،ئۇ ھالدا،ئۇ 1571-1572-يىلىرى ۋاپات بولغان بۇلۇپ چىقىدۇ، دىمەك، ئۆزيۇرتىنىڭ نامىنى ئىسمىنىڭ ئورنىغا تەخەللۇس ئورنىدا قوشقان شائىر، مۇقام پىشىۋاسى قېدىرخان يەركەندى، 1572-يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پايتەختى يەركەند شەھىرىدە89-90 يارشلاردا ۋاپات بولغان دىيشكە بۇلىدۇ.
قىدىرخان سەئدىيەخانلىقىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتتە تازا گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرى- ئابدۇرەشدخان زامانىسىدا ياشىدى.ئابدۇرەشىدخان ئۆزدەۋرىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر، تەرەققىي پەرۋەر، ئىلىم-مەرىپەتنى قىزغىن سۆيىدىغان دىيانەتلىك كىشىسى بولغاچقا، ئۇ قىدىرخانغا ئوخشاش ھەر جەھەتتىن يىتىشكەن تالانىت ئىگىلىرىنى ناھايتى قەدىرلىدى.ھەتتا قىدىرخاننى،«غىزا دىمۇ، يېتىپ-قوپۇشتىمۇ يېنىدىن ئاجراتمىدى»(«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»مىللەتلەر نەشىرياتى 1982-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 59-بەت)، چۈنكى قىدىرخان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىلىم-پەن، مەدنىيەت ئىشلىرى بويىچە قابىل ۋەزىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ھەمىيشە خانغا پايدىلىق پىكىر،مەسلەھەت، تەكلىپلەرنى بىرىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ بىرلىگى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن بىجاندىللىق بىلەن كۆپلەپ كۈچ چىقارغاندىن باشقا،خاننىڭ خەلق ئىچىدىكى ئىززەت-ئابروي ۋە ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشكە تىرشىپ كەلگەن ئىدى.دەرۋەقە ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدىكى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، خەلق تۇرمۇشى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە ئائىت ئىشلاردا كۆپۈنچە دانا ۋەزىر قىدىرخاننىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى قۇبۇل قىلىناتتى.چۈنكى قىدىرخان ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋاز، چىۋەر قوللىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئىرىتىپ كەلگەن مۇقام كۈيلىرى، پاساھەتلىك شېئىرلىرى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىگە خاس مۆتىۋەرانە ئىسىل پەزىلەتلىرى بىلەن سەئىدىيە خانلىقى ئوردىسى بىلەن كەڭ خەلق ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، ھەردائىم خەلق ئارىسىدىكى ئىشلارغا ئارلىشىپ، خەلقنىڭ ئارزۇ-تەلەپ، دەرت-ئەھۋاللىرىنى ئۆزى بىۋاستە ئاڭلايتتى. شۇنداق، ئۇ «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» دا خاتىرلەنگىنىدەك: «جەندە- كۇلاھ كىيىپ يۈرۈر ئىردى»(«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»مىللەتلەر نەشىرياتى 1982-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 34-بەت)، شۇڭا ئو ھەر ۋاقىت خەلق تەلىپىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي مەدەنىيەت جەھەتلەردە گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
مۇقام پىشىۋاسى قىدىرخان يەركەندىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى يۈكسەك ئورنى، تارىخ بەتلىرىدىكى ئۇنتۇلماس سىماسى، ئۇنىڭ مۇقام-مۇزىكا ساھىسىدىكى شۆھرەتلىك ئەمگەكلىرى بىلەن ئەبەدىيلىككە ئىگە بولغان. دەرۋەقە قىدىرخان كىچىگىدىن باشلاپلا مۇزىكا چېلىشقا ماھىر بۇلۇپ، ئۇيغۇر مۇقام-مۇزىيكىسى ئىلمىدا ئۇنىڭدەك ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن ئۇستازلار كەم تېپىلىدۇ.شۇڭا ئۇ، بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا، يەنى 19-ئەسىردىكى مۇقام-مۇزىكا ۋە مۇزىكا شۇناسلار قامۇسى-دەپ ھىساپلاشقا بۇلىدىغان نامايەندە ئەسەر«تاۋارىخى مۇسىقىيۇن»دا، ئۇ «مۇزىكا ئىلمىنىڭ 13-پىرى»دەپ، يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنغان.شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇقام-مۇزىكا جەھەتتىكى نام-شۆھرىتى 15-ئەسىردىكى سەئىدىيە سۇلتانلىقى تەۋەسىدىن ھالقىپ ئىراق، ئىران، تەبرىز(ھازىرقى ئىراننىڭ غەربى شىمالىدىكى قەدىمىي شەھەر)،خارەزىم، سەمەرقەند، ئەندىخان، ئىستامبۇل، كەشمىر، بەلىخ، شىراز(قىدىمىكى ئىراننىڭ سىياسى، مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى)قاتارلىق جايلارغا كەڭ تارقالغان ئىدى.تارىخى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئاشۇ دەۋىردە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسيىدىكى ھەرقايسى جايلاردىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرمۇقام-مۇزىكا ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ئارلىقنى يىراق كۆرمەي سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پايتەختى يەركەندكە-ئۇستاز قىدىرخاننىڭ يېنىغا كىلىشكەن ئىدى.بۇنىڭغا قارىغاندا، يەنەبىر تەرەپتىن يەركەند ئەينى دەۋىردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەشھۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلانغانلىقى شەك-شۈبھىسىز.قىدىرخان يەركەندى ئۆزىنىڭ بەدىئىي-سەنئەت ۋە مۇزىكانىتلىق ھاياتىدا مۇقام-مۇزىكا چالغۇ ئەسۋاپلىرىدىن راۋاپنى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلغان ھەمدە «ھەشتار»ناملىق سەككىز تارلىق بىر چالغۇ ئەسۋاپنى كەشىپ قىلغان. شۇنداقلا ئۇ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ بىلەن بىرقاتار ئىجادىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. دىمەك، ئۇستاز قىدىرخان يەركەندىنىڭ راۋاپقا ئوخشاش بەزى چالغۇلارنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە «ھەشتار»ناملىق چالغۇ ئەسۋاپنى كەشىپ قىلىشى، ئەينى دەۋىر ئۇيغۇر مۇقام -مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئىنتايىن زور تەرەققىيات دەۋرىگە كىرىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە مۇقام-مۇزىكا سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىش ۋە مۇكەممەللىشىش جەريانىدا بەزى بىر چالغۇ ئەسۋاپلارغا مۇھتاج بولغانلىقىنى، بۇ مۇھتاجلىقنى بولسا، قىدىرخان يەركەندىگە ئوخشاش مۇقام پىشىۋالىرىنىڭ سەزگۈرلۈك بىلەن بايقىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
قىدىرخان يەركەندى ئۆز ئىجادىي پائالىيتى جەريانىدا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەرىپەت يۇلتۇزلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت، مۇقام-مۇزىكا ساھەسىدىكى ھەمنەپەس، دەۋىرداشلىرىدىن مەۋلانا خۇلقى، ئايازى، نەفىسى(ئاماننىساخان)،مىرزا مىرەك چالىش قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر شائىر، مۇزىكانىتلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرۇپ، بەلكى ئۇلارنى يىتەكلەپ سەئىدىيە خانلىقى مەدەنىيتى، بۇلۇپمۇ ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقان.
قىدىرخان يەركەندىنىڭ «دىۋانى قىدىرى» ناملىق بىر نەزىريىۋىي، ئىلمىي ماقالىلەر ۋە مۇزىكا ھەققىدىكى مۇپەسسەل رىسالىلەردىن تۈزۈلگەن «دىۋان»ئى بولغانلىقى مەلۇم. تەتقىقات ئارقىلىق دەلىللەش ۋە قىدىرخاننىڭ ئابدۇرەشدخان دۆلەت ھاكىمىىيىتىدىكى ئىتىبارىدىن قارىغاندا؛ ئۇنىڭ «دىۋان قىدىرى»ناملىق توپلىمىنى سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ شارائىت يارىتىپ بىرىشى، ئىلھام ۋە مەدەتكارلىقى نەتىجىسىدە مەيدانغا چىقارغان دىيىشكە بۇلىدۇ.چۈنكى، شۇنداق قىلىش ئەينى دەۋردىكى بىر تارىخى ئەنئەنە بۇلۇپلا قالماي، ئۇستاز قىدىرخان بۇ «دىۋانى»دا ئەينى دەۋىردە تازا يۈكسىلىش باسقۇچىغا كىرگەن مۇقام-مۇزىكا ئىلمى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي، نەزىريەۋىي ماقالىلەرنى ۋە مۇزىكا ئىلمى، مۇقام مۇزىكا پىشىۋالىرى ھەققىدە بىرقانچە رىسالىلەرنى يېزىپ، بۇ ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مەنلىك ۋە ئەھمىيەتلىك پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان.
قىدىرخان يەركەندىنىڭ ئۇيغۇر مۇقام-مۇزىكا سەنئىتىگە قوشقان ئەڭ زور تۆھپىسى، ئۇ 12مۇقامنى مەلىكە ئاماننىساخان ۋە ئاماننىساخاننىڭ ئاتىسى مەھمۇد ئاكا ھەم ئۆزى يىتىشتۈرگەن ئجتىھاتلىق شاگىتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا سېستېمىلاشتۇرۇپ رەتلەپ چىقتى ۋە ئۇنىڭ تېكىستلىرىنى يېڭىلىدى.بۇ قېتىمقى يېڭىلاشتا ئەمىر نىزامىدن ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ساپ تۈركي تىلدىكى پاساھەتلىك شېئىر-غەزەللىرى ئاساسلىق سالماقنى ئىگەللەيتتى.شۇنداق قىلىپ، ئۇ ناۋايىنىڭ شېئىر-غەزەللىرىنى مۇقاملارغا ئاساسلىق تېكىسىت سۈپىتىدە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ناۋايىنىڭ شۆھرىتىنى خەلقى-ئالەمگە يەنەبىر قېتىم تېىىمۇ كەڭ تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.چۈنكى شۇ دەۋىردە قىدىرخانغا ئوخشاش ئەينى دەۋىر «زىيالىلىرى»ئەلىشىر ناۋايىنىڭ نەپىس ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان شېئىرلىرىنى ناھايتى زور ئىخلاس ۋە سۆيۈنۈش بىلەن ئوقۇيتتى ۋە ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ شېئىرلارنى يازاتتى.شۇڭا ئۇ كۆپلىگەن مۇقام تېكىستلىرىنى ناۋايىنىڭ لېرىك شېئىرلىرىدىن تالاندى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەلىشىر ناۋايى لېرىكىلىرىنىڭ خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقىلىشى ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئۇلىشىپ، بۈگۈنگىچە يىتىپ كېلەلىشىدە ئۇستاز قىدىرخان يەركەندىنىڭ مۇناسىپ تۆھپىسى بار.
مۇقام پىشىۋاسى قىدىرخان يەركەندىنىڭ«دىۋان قىدىرى»ناملىق بىر ئەسىرىنىڭ بارلىقى نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئېيتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئەسەر ياكى بۇ ئەسەرگە ئائىت قوليازما مەلۇماتلار تېخى مەلۇم بولمىغان ئىدى.پەقەت 1985-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن قىدىرخاننىڭ«دىۋان قىدىرى»ناملىق بىر ئەسىرىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر خاتىرلەنگەن قوليازما خاتىرە بىلەن قىدىرخاننىڭ ئۆزى، ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ۋە «دىۋان»نى توپلاپ، تۈزۈش ھەققىدە ئۆز قولى بىلەن يازغان، «دىۋاننىڭ مۇقەددىمىسى» يەركەندخەلقى ئىچىدىن تېپىلدى. گەرچە بۇ «مۇقەددىمە» قىدىرخاننىڭ ئومۇمى ھاياتى ئەھۋالى ۋە «دىۋان»نىڭ ئەھۋالىنى تولۇق يۇرۇتۇپ بىرەلمىسىمۇ، لېكىن، بۇ «مۇقەددىمە» ئۇستاز قىدىرخان ۋە ئۇنىڭ دىۋانى توغرىسىدا بىزنى ئاز بولمىغان بىردىن-بىر ئىشەنچىلىك مەلۇمات بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.
يەركەندتىن تپىلىپ،«دىۋانى قىدىرى»نىڭ «مۇقەددىمىسى» دەپ قارىلىۋاتقان بۇ، بىر پارچە ئەسەر 27 بەت ( ئەسلىدە 28 بەت بۇلۇپ، بىرىنجى بېتى يۇقۇلۇپ كەتكەن) بۇلۇپ، پاتلانغان خوتەن قەغىزىنىڭ ھەر بىر بېتىگە 13 قۇردىن پارىسچە يېزىلغان يېىزلغان بۇلۇپ، ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ «مۇقەددىمە»نىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا باشقا خەتتات-مۇنشىيلار(كاتىپ)لار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكى ئىنىق.چۈنكى تەتقىقاتلار دىن قارىغاندا، قىدىرخاننىڭ ئۆزئارا قاپىيلىك تۈزگەن ئۆزئارا بىر يۈرۈش سېستېمىغا ئىگە جۈملىلىرىنىڭ كۆپ جايلىرى ئورۇنسىز تىنىش بەلگىلىرى بىلەن بۇزۇپ تاشلانغان.گەرچە خاتا ھالدا بولسىمۇ، بۇ «مۇقەددىمە»نى كۆچۈرگەن كاتىپ ئىشتىياق بىلەن پەش ۋە باشقا تىنىش بەلگىلىرىنى قىزىل سىياھتا قويىۋەرگەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە قوليازما تازا ياخشى ساقلىنالمىغان، مۇقاۋىسىمۇ يوق، ھەتتا بۇ مۇقەددىمىنىڭ قاچان يېىزلغانلىقى توغرىسىدىمۇ ئاپتۇر ھېچنەرسە يېزىپ قالدۇرمىغان.كۆچۈرگۈچى كاتىپمۇ بۇ ئەسەرنى قاچان كۆچۈرگەنلىگى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسمى- ئەھۋالىغا دائىر ھېچنەرسە يېزىپ قويمىغان. ئەمما،«دىۋانى قىدىرى» نىڭ «مۇقەددىمە»سىدە بايان قىلىنىشىچە، شائىر، مۇزىكا شۇناس قىدىرخان ئۆزىنىڭ ياشلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا تۈرلۈك بەزمە، مەشرەپ، ئولتۇرۇشلارغا قاتاشقان ۋە بۇ خىل سورۇنلاردا يولۇقتۇرغان، ئۆزىگە بىرقەدەر تەسىر قىلغان ئەھۋاللار ئۈستىدە ۋە ئەنئەنىۋىي ئىشىق-مۇھەببەت ھىسسياتلىرىنى شېئىر مىسرالىرىغا تىزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ بۇنداق كۆپ خىل تېمىدىكى پاساھەتلىك شېئىرلىرى، كۆپۈنچە ئۆزى ئورۇنلىغان ۋە ئىجاد قىلىنغان مۇقام-مۇزىكا كۈيلىرىگە سېلىنىپ ئورۇنلىنىپ دەسلەپ خان، خانزادىلەرنىڭ ئالقشىغا ئېرىشكەن، ئاندىن ئاستا-ئاستا خەلق ئىچىگە تارقىلىپ، قولدىن-قولغا ئۆتۈپ كەڭ تارقالغان.باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، «مۇقەددىمە»دىن مەلۇم بولىشىچە؛قىدىرخان يەركەندى يىگىتلىك مەزگىللىرىدەئۆزىنىڭ شائىرلىق ۋە مۇزىكانىتلىق تالانتى بىلەن سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد سۇلتان (ۋاپاتى تەخمىينەن 1523_1524)نىڭ ئىلتىپاتىغا نائىل بۇلۇپ، مۇھەممەد سۇلتاننىڭ يېقىن ھەمراھى ۋە دوستى سۈپىتىدە خۇراساندا،ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا شاھزادە، بەگزادىلەر بىلەن ئەشى-ئىشرەت ئىچىدە ياشىغانلىقىنى،مۇقام كۈيلىرىگە سېلىپ ئېيىتقان ياكى ئوقۇغان غەزەللىرىنىڭ ئوردا ۋە خەلق ئىچىگە تارقالغانلىقىنى، شاھزادىلەر كۆپ قېتىم ئۇنىڭغا يازغانلىرىنى توپلاپ دىۋان قىلىپ چىقىشقا تەكلىپ بەرگەن بولسىمۇ،لېكىن ئۆزىدىن باشقا مەشھۇر شائىرلارنىڭ شۇنچە پاساھەتلىك دىۋانلىرى بار يەردە، ئۆزىنىڭ دىۋانىنى تۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلىدۇ. ھەمدە ئۆز بايانلىرى داۋامىدا شاھزادە مۇھەممەد سۇلتاننى مۇنداق تەرىپلەيدۇ:
«تەبىئىي دەرۋىش ئۆزى شاھ نىشان،
شاھ دەرۋىش مۇھەممەد سۇلتان.»(مەمىتىمن يۈسۈپ نەشىرگە تەييارلىغان؛ «‹دىۋان قىدىرى›نىڭ مۇقەددىمىسى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 1986-يىل نەشرى 33- بەت)
«مۇقەددىمە»دە مۇغۇلىستان(چىغاتاي خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى دەۋىرلىرىدە ئاساسەن پۈتكۈل جەنۇبى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربى قىسمىنى ئۆزئىچىگە ئالغان غەربى چاغاتاي خانلىقى دائىرىسى موغۇلىستان دەپ ئاتىلاتتى)زېمىنلىرىنىڭ قايتىدىن بىرلىككە كىلىپ،سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرلىشى ۋە بۇ خانلىقنىڭ پادىشاھى سۇلتان سەئىدخان گۈزەل سۆز ۋە دۇردانىلىرى بىلەن ئالاھىدە تەرەپلىنىپ، خەلقنىڭ ئۇ قۇياش تەرىپىگە ئاغقانلىقى، يۈسۈپ قىدىرخاننىڭ ئۆزىمۇ ئۇ پادىشاھ ھوزۇرىنى، شۇ ئاستانىنى (يەركەندشەھرىنى) تاۋاپگاھ ئەيلىگە نلىكىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بۇلۇدۇكى، يۈسۈپ قىدىرخان سۇلتان سەئىدخان ھوزۇرىغا (يەركەندكە)مىلادى 1520-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا(مۇھەمەد سۇلتان ۋاپاتىدىن كېيىن) كەلگەن.
قىدىرخان يەركەندى ئۆزىنىڭ بۇ «مۇقەددىمە»سىدە ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ بۇ ئالىي سۇلالە(سەئىدىيە خانلىقى)نىڭ بەندىسى، بۇ كەڭرى ماكاننىڭ تۇغما مىراسخورى، خانداىلىقنىڭ خىزمەتكارى ئىكەنلىگىنى قەيىت قىلىپ ئۆتۈپ،تۈۋەندىكى مەسنىۋىينى يازىدۇ:
«ئاتام بۇ ئاستانىنىڭ خاك بىزى(خاك بىزى-تۇپراق چاچقۇچىسى)
ئانام ھەم بۇ ساراي بوستان كېنىزى.
ئۇڭا ئۆز گەر بۇلاي بۇلبۇل ۋە گەر زاغ،
كىم ئۇشبۇ دۇركى بولغاي گۈلشەنۇ باغ.
ۋەلى بىر ئۆمۈر،بۇ گۈلشەندىن ھاۋاجىس، (ھاۋاجىس- سېغىنىش، ئەسلەش)
قىلىپ جانىمغا ھىجران رەنجى ھەدىس.» (مەمىتىمن يۈسۈپ نەشىرگە تەييارلىغان؛ «‹دىۋان قىدىرى› نىڭ مۇقەددىمىسى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 1986-يىل نەشرى 44- بەت)
بۇ مەسنىۋىيدىن يەنە قىدىرخان ياركەندىنىڭ يىلتىز تۇپرىغىنىڭ يەركەندتىن ئىكەنلىگىنى ئانىسىنىڭ ئەسلىدە ساراي(ئوردا) كېنىزەكلىر ىدىن ئىكەنلىكىنى، گەرچە كۆڭلى ئازار يەپ، ئايرىلىش ئازابى تارتقان بولسىمۇ، بۇ گۈلشەننى(يەركەندشەھرىنى) يەنىلا بىر ئۆمۈر ئەسلەپ تۇرغانلىقىنى بىلىۋېلىش مۇمكىن.
«مۇقەددىمە»نىڭ كېيىنكى سەھىپىلىرىدە قىدىرخان يەركەندى ئۆزىنىڭ سۇلتان سەئىدخان ۋە سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ھوزۇرىدا يۈرگەن مەزگىللەردىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيتى ئەھۋالىنى مۇنداق بايان قىلىپ ئۆتىدۇ:
«...ئۇنىڭ ئاپتاپتەك پىكىرىدىن ئۈزلىكسىز تۆكىلىۋاتقان تەرتىپلەر قۇياش تاغلاردىن تۈرلۈك جاۋاھىرلارنى پەيدا قىلغاندەك،كۆڭلۈم كېنىنى ئىسىل گۈھەرلەر بىلەن زىننەتلەپ؛بۇلۇت ئالقىنىدىن غايەت زور كۈچ چىقىرىپ،تۇپراقتىن تۈرلۈك رەيھانلارنى ئاشكارە قىلغاندەك خاتىرەم بوستانلىقىنى لەتىپلەر گۈللىرى بىلەن بىزەتتى.تىللاردىن ئۈنچە ياغدۇرغۇچى مەجلىسلەردە بەزى بېيىتلىرىم ئېيتىلىپ،بەزى ئولتۇرۇشلاردا بەزى غەزەللىرىم گۈھەر چاچار قوللار بىلەن يېزىلاتتى،گاھىدا ئىبادەتلىرىمدىكى قۇسۇرلار ئۆزگەرتىلىپ ئەيىپلەردىن پاڭ قىلىناتتى ۋە گاھى مەنزىللىرىمدىكى قاملاشماسلىقلار تۈزتىلىپ،نۇقسانلاردىن خالى قىلىناتتى. بەزى بېيىتلىرىمدىن مۇناسىپ بولمىغان سۆزلەر چىقىرلىپ...بىر شاھانە ئۈنچە تەرتىلغاندەك،بىرەر سۆزكەلتۈرلەتتى، بەزى غەزىلىمدىكى بىرەر قاملاشمىغان بېتىتكە سىزىق تارتىلىپ،بىر دەستا...ئىچىدە ئالتۇن قەسىر ياسىغاندەك بىر بېيىت كىرگۈزىلەتتى...»، «بۇ بېيىتلار ئايۋانى، ئول ئىسلاھ قىلىنغان نەقىش نىگارلىرىدىن چىن رەسىمخانلىرىنىڭ قىزغىنىشىنى كەلتۈرىدىغان ۋە بۇ غەزەل بوستانى ئەھمىيەت بىرىش باھارىدىن جەننەتنى يالغۇز قالدۇرىدىغان بۇلۇشقا باشلاپ، نەزەر سالغۇچىلار ۆكزلىرىگە ئوياتلىقراق، ئەھلى دىللار كۆزلىرىگە سۈيۈملۈك بۇلۇپ،ھۆرمىتى كۆپ،شۆھرىتى نۇرغۇن بولدى.ھەقىقەتەن:
بولدى چۈن شاھ سۈردى ئىسلاھ ئېتەرگە خامە(قەلەم).
ھەر بەيتى شاھ بەيتى،ھەرنامە،شاھنامە.
مەن بۇ ۋەيرانىنى ئول جاۋاھىرلار بىلەن نەق خەزىنە قىلغانلىقىمدىن ھەيران ۋە مۇتەپەككۇر،بۇ قەسىدىنى ئول مەشئەللەر نۇرى بىلەن يۇرۇتقانلىقىم پىكرىدىن ھەيرەتتە قالدىم» (مەمىتىمن يۈسۈپ نەشىرگە تەييارلىغان؛ «‹دىۋان قىدىرى›نىڭ مۇقەددىمىسى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 1986-يىل نەشرى 44-،46- بەتلەر)
ئۇ ھەمىيشە ئوردا ۋە بەزمىلەردە ھەمسۆھبەت بۇلۇپ كىلىۋاتقان سۇلتان مەھمۇد ئۆلۈپ كىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا، سۇلتان مەھمۇد ئىبنى ئەھمەد سۇلتان ئولتۇرغاندىن كىيىن، بۇ كىشى قىدىرخانغا يازغان شېئىرلىرىنى توپلاش توغرىسىدا ئىلتىپات قىلىپ مۇنداق دىگەن:
«ئولۇس تەبئىڭ سەھاب يامغۇرىدىن،
بۇلۇپ سىراپ ئەل،نەزەمىڭ،دۇرىدىن.
سۆزۈڭ بەر ئەۋجى فەلەك چەكتى ئەلەمنى،
كى سۆردۈڭ ئەرشى لەھىغە قەلەمنى.
ۋە لېكىن بىر قەدەر پىكرى فەرىشان،
بەنا تۈننە ئىشىدەك بولمىش فەرىشان.
تىلەرمىز بۇ فەرىشان بولسا مەجمۇئە
رەۋان بولكىم ئەمەستۇر ئۆزرمەسمۇئ...(مەمىتىمن يۈسۈپ نەشىرگە تەييارلىغان؛ «‹دىۋان قىدىرى›نىڭ مۇقەددىمىسى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 1986-يىل نەشرى 3-،4- بەتلەر)
مۇشۇ ئىلتىپاتتىن كىيىن قىدىرخان ئۆز شېئىرلىرىنى توپلاشقا كىرىشكەن.ئۇنىڭ «مۇقەددىمە»دە ئېيىتىشىچە؛ خەلق ئارىسىدا تارىلىپ يۈرگەن بېيىتلىرى 2000دىن ئارتۇق ئىكەن.بۇنىڭدىن قارىغاندا تارالمىغانلىرىمۇ خېلى كۆپ بولىشى مۇمكىن.
قىدىرخان ئۆزىنىڭ كېيىنكى مەسنىۋىيلىرىدە ۋە بايانلىرىدا،ئۆزىنىڭ شاھنىڭ پەرمەنى بىلەن(ئابدۇرەشىدخاننىڭ پەرمانى بىلەن)ئۆز دىۋانىنى تۈزۈشكە كىرىشكەنلىگىنى، غەزەللىرىنى 32 ھەرىپ بىلەن تەرتىپلەپ تۈزگەنلىگىنى، ھەر بىر تەرتىپتىكى غەزىلىدە باشقىلارنىڭ دىۋانىغا ئوخشىمايدىغان يېڭىچە بەدىئىي ئۇسلۇپ گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىگىنى ئالاھىدە ئېيتىپ ئۆتىدۇ ۋەبۇ «دىۋان قىدىرى»دا نۇرغۇن قەسىدە ۋە باشقا جىلىدلارنىڭ بارلىقىنى ئىزاھلاشنى ئۇنۇتمايدۇ. ئۇنىڭ دىيىشىچە، «دىۋان» توققۇز مۇجەللەت (جىلىد-باپ ياكى قىسىم) قىلىپ تۈزۈلگەن. يەنى:1.«روھنى ئارتتۇرۇچلىرى»، 2.«تاللانغان ۋەزىنەتلىكلىرى»، 3.«شاھانە بېيىت ۋە پايدىلىقلىرى»، 4.«لەتافەت ئارلاش ۋە يىتىشكەنلىرى»، 5.«ئۇلۇغلاش ھېسسىياتىنى قوزغايدىغان،كۆڭۈلگە ياقارلىرى»، 6.«مىسلىسىز تاق بېيىتلىرى»، 7.«لەتىف ۋە راۋانلىقى مۇقەررەر مۇئەممالار»، 8.«تەبىئىيلىكى ئاشكارا ۋە تۇتاش غەزەللەر»، 9.«رىغبەتلىنەرلىك ۋە مۆتىدىللىكلىرى»قاتارلىق ئەسەرلىرى بارلىقىنى ئېيىتقان ۋە بۇ بېيىت، شېئىرلار ئۆز خىلى بويىچە رەتلەندى»دەپ «مۇقەددىمە»نى يېزىشتىكى مەقسەتلىرىنى بايان قىلغان. ھەمدە، قىدىرخان يەركەندى ئۆزى «مۇندەرىجە»ۋە «مۇقەددىمە»دەپ ئاتىغان مەزكۇر ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا:«ئەرىز ئولدۇركىم،بۇ پەرىشان بېيىتلار شەرھى قىلىنىپ تەرتىپ تېپىشتىن ۋە بۇباغلىنىشقا كىرىشتىن بۇرۇن بەزىسى ئوتتۇرا ياشتا دىيىلگەن بولسا،بەزىسى كىچىكلىكتە دىيىلگەن ئىدى.بەزىسى تازا ساق ۋاقىتتا بولسا،بەزىسى مەسىتلىكتە،بەزىسى ھۇشيارلىقتا بولسا، بەزىسى دىۋانىلىقتا يېزىلغان ئىدى.ئۇلاردا بۇزۇق تەرەپلەرنىڭ بۇلىشى مۇمكىن بولغانلىقتىن،توپلاشقا جۈرئەت قىلىنمىغان ئىدى.ئەمما خەلق ئارىسىغا تارالغانلىرى مىڭ بىتىيت ئىككى مىڭ بىتىت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق ئىدى.ئارتۇقراق ياكى كەمراقكىم،ئۇلار ئۆزلىرى توپلىغان بۇلۇپ، ناھايتى مەشھۇر بولغان ئىدى.يېزىلىپ تارقالغان ۋە شۆھرەت قازانغانلىرىدىن بۆلىكلىرىنى باشقىلار ئارىسىدىن چىقارماق قىيىن،بەلكى مۇمكىن ئەمەس كۆرۈندى. شۇ جەھەتتىن ھەرقايسى سۆز ئۆز يېرىدە نەزىم تىزمىسىغا كىردى...
يۈز گۈل ئارىسىدا بىر تىكەن بولسا كېرەك،
يۈز ياخشى ئىچىدە بىر يامان بولسا كېرەك.
مىڭ جام ئىچىلسە شۇنداغكىم ئابىھايات،
قۇرۇق يەر ئاستىدىمۇ دۇررى ئەدەن بولسا كېرەك.»(مەمىتىمن يۈسۈپ نەشىرگە تەييارلىغان؛ «‹دىۋان قىدىرى›نىڭ مۇقەددىمىسى»قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 1986-يىل نەشرى 3-،4- بەتلەر)دىگەنلەرنى يېزىش ئارقىلىق،«دىۋان»تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەن غەزەللىرىنىڭ ئۆز ھايات مۇساپىسىنىڭ ھەرقايسى مەزگىللىرىدىكى ئىجادىيتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىگىنى،ئوخشىمىغان شارائىتتا يېزىلغان غەزەللىرى ئىچىدە بەزى ناباپراق لىرىنىڭمۇ بارلىقىنى،بۇ نۇرغۇن غەزەللىرىنىڭ خەلق ئىچىدە تارقىلىپ،مەشھۇر بولغانلىقى ۋە خەلق تەرىپىدىن توپلام(دىۋان)قىلىنىپ شۆھرەت قازانغانلىقىنى،بۇ توپلاملار تەركىبىگە كىرگەن غەزەللەر «دىۋان»غا كىرگۈزۈلگەندە،ئۇلارنىڭ ئەسلى ھالىتى ساقلاپ قېلىنغانلىقى،بۇلار ئىچىدىكى ناچارراقلىرىنى چىقىرۋېتىشكە مۇمكىن بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ.بۇنىڭدىن قارىغاندا شائىرنىڭ دىۋانى خېلى زور ھەجىمدىكى بىر نەچچە بۆلۈملۈك دىۋان بۇلىشى مۇمكىنلىگنى «دىۋان»غا كىرگۈزۈلگەن غەزەللەرنىڭ 98_99پىرسەنتىنىڭ ئالاھىدە تاللانغان ۋە تاۋلانغان نادىر ئەسەرلەر ئىكەنلىگىنى بىلىش مۇمكىن.قىدىرخان يەركەندى يەنە،بۇ «مۇقەددىمە»سىنىڭ ئاخىرىدىكى بىر رۇبائىسىدا:«مەدەنىيەتلىك رەسۇلىللا؛ئىلىم ئىھلىنى بايلىق ھىساپلا، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلغان كىشى مېنى ھۆرمەت قىلغان بولىدۇ،دىگەن»دىيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىلىم-مەرىپەت قارىشىنى گەۋدىلەندۈرگەن...
«دىۋان قىدىرى»توققۇز پارچە شېئىرلار توپلىمىدىن تۈزۈلگەن چوڭ ھەجىملىك ئەسەر بۇلۇپ، تېخى ھازىرغىچە تېپىلمىدى.شۇنداقتىمۇ، شۇنىسى ئايانكى، قىدىرخان يەركەندى ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر مۇزىكىسى 12مۇقامنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە سەرىپ قىلدى.شۇڭا ئۇ«دىۋان قىدىرى»ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئىچىگە مۇقامغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغان كۆپلىگەن شېئىرىي پارچىلارنى كىرگۈزگەنلىكى مەلۇم.ئۇ بىر شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازغان:
كەمبەغىل كىيسە كۇلاھنى،
شەيىخلىرىڭ ئادەم ئەمەس.
ئۆلگىچە ئېيىتسام مۇقام،
مەن ئۈچۈن ماتەم ئەمەس.(«‹دىۋان قىدىرى›نىڭ مۇقەددىمىسى»قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 1986-يىل نەشرى 6- بەت)
ئۇ، يەنە بىر شېئىرىدا مۇقامنىڭ بۈيۈك قىممىتىنى تەرەپلەپ:
مۇقام جەھاندا تاڭنىڭ سەباسى،
جەھانغە جانكى قالۇن سەداسى.
ھېچ تەڭ كېلەلمەس بۇلبۇل نەۋاسى،
ئالەمدە يوقكى بۇنىڭ بەھاسى.(«‹دىۋان قىدىرى›نىڭ مۇقەددىمىسى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 1986-يىل نەشرى 6- بەت)
دەپ يازغان بولسا،ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى شېئىرىدا؛
ھەشتارىمىز قىلسا خەندان دىيارىمنىڭ گۈلىستانىدا،
قۇزغۇن ئۆلۈپ،بۇلبۇل كۈلەر نەغمە مەشرەپ داستانىدا.
ئو ئىككى چوڭ تولۇن ئايدەك دىل رىشتەگە مەشئەل ياقار
ئۇنىڭ ئەمەس،بۇنىڭ ئەمەس-دىلكەتەلەر بوستانىدا.
دەپ يېزىپ ئەينى دەۋىردىكى زالىم،ۋەھشىي كۈچلەرنىڭ مۇقامنى رەتلەشكە قارشى تۇرغانلىقىنى پاش قىلىدۇ ۋە مۇقامغا بولغان چەكسىز ھۆرمەت-ئەقىيدىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
«12مۇقام»ئاھاڭلىرىغا سېلىپ ئېيتىلغان قىدىرخاننىڭ تۆۋەندىكى شېئىرى مۇقامنىڭ تىغ ئۇچچى بىۋاستە ھالدا جاھالەتلەك فىئوداللىق تۈزۈمگە قارىتىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
فەلەكتىن بىر سەدا كەلمىش ساچىپ ھەردەم ھەلاۋەتنى،
گەداي ئىزلەپمۇ جەننەتتىن تاپالماس ئۇ سەخاۋەتنى.
ئەتا قىلسا مۇنارىمنى ياساپ كەۋسەرۇ ھەل تاشتىن،
قىدىر ئۆلمەس مۇقام ئىچرە قىلىپ گۇمران جەھالەتنى. (مۇھەممەد زۇنۇن،ئابدۇكېرىم راخمان؛ «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدبىياتنىڭ ئاساسلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1981-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.282-بەت)
«دىۋان قىدىرى»دا يەنە ئىسلام دىينىغا كىرگىلى ئۇنىمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەپ ئىستىلاسىغا قارشى كۈرۈشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان«تىگىشىلگەن قان» ناملىق شېئىرى بۇلۇپ ئۇنىڭدا:
قىلىچ نەيزە ئۇرۇلماقتا تۈمەنمىڭ ئاجىزە جانغە،
تۆكۈلگەن لەختە قانلارنى تېگىشتى بىر مۇسۇلمانغە.
جەھاننى قەتلى ئەتمەككە سېتىپ قۇللارنى سۇلتانغە،
دىيارىمنى خەراب قىلدى چېچىپ دىشۋارنى ھەريانغە.
تەجاۋۇز قەتلى ئاملاردىن كۆمۈلسەكمۇ بەياۋانغە،
ئىگىلمەسكە قەسەم قىلدۇق ئەرەپلەردەك شەھىدانغە.(مۇھەممەد زۇنۇن،ئابدۇكېرىم راخمان؛ «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدبىياتنىڭ ئاساسلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1981-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.283-بەت).دەپ يازىدۇ.
قىدىرخان ياركەندى ئۆزىنىڭ مۇزىكانىتلىق ھاياتى جەريانىدا باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدىن باشقا، يەنە «ھەشتار»ناملىق سەككىز تارلىق چالغۇ ئەسۋاپنى كەشىپ قىلغان ھەم «ۋىسال»ناملىق بىر مۇقامنى ئىجاد قىلىپ شاگىرتلىرىغا ئۈگەتكەنىدى.
گەرچە بۇ مۇقام پىشىۋاسىنىڭ ئەسەرلىرى ھازىرغىچە بىزنىڭ قولىمىزغا تولۇغى بىلەن يىتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كاتتا مەنىۋىي بايلىقى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئاغىزاكى غەيرى ماددىي مەدەنىيتى بولغان 12مۇقامنى رەتلەپ سېستىمىلا شتۇرغانلىقىدەك ئۇلۇغ تۆھپىسى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارخىدا مۇناسىپ ئورۇن تۇتۇشقا تامامەن ھەقلىق.
|


