مەھمۇد قەشقىرى
يوللانغان ۋاقتى:15-02-2012
مەنبە:
مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 4 پارچە
بۈيۈك ئالىم، تىلشۇناس، شاھانە ئەسەر ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد قەشقىرى
مەھمۇد قەشقىرى
(1008–1105)
بۈيۈك ئالىم، تىلشۇناس، شاھانە ئەسەر ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد قەشقىرى قەشقەر ئوپالدا خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت،تىل تەكشۈرۈش،تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت، قەشقەردە مەدرىس ئېچىپ مۇددەرىسلىك قىلغان.
11-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باغداتقا بېرىپ،شۇ يەردە 1072-1074-يىللىرى ئۈچ توملۇق غايەت زور قامۇس‹‹دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك›› (‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››)نى يېزىپ تۈگەتكەن. 1076-يىلى ئالىم ئۇنى قايتا تۈزىتىپ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27- خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا ، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ‹‹جاۋاھرۇننەھۋى فى لوغەتىت تۈرك››(تۈركىي تىللار گىرامماتكىسىنىڭ جەۋھەرلىرى)ناملىق ئەسەرنى يازغانلىقىمۇ مەلۇم،بىراق،بۇ ئەسەر بىزگىچە يېتىپ كىلەلمىگەن.
مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ‹‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك›› ئەسىرى-ئەينى دەۋىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدىغان لوغەتلا بولۇپ قالماستىن،بەلكى شۇ دەۋىردە ياشىغان ناھايىتى كەڭ بىر زېمىندىكى ھەرخىل قەبىلىلەرنى تارىخى،ئېتنىك خۇسۇسىيەتلىرى،ئۆرىپ-ئادەت ۋە قائىدە-يوسۇنلىرى،مەدەنىيىتى ،ئەدەبىيات-سەنئىتى توغرىسىدا ئاجايىپ قىممەتلىك ماتىرىياللارنى بېرىدىغان غايەت زور مەنبە بولۇپ،مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئۆچمەس نامايەندە سۈپىتىدە ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتلارغىچە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.
بۈيۈك تىلشۇناس بۇۋىمىز مەھمۇد قەشقىرىينىڭ <<تۈركىي تىللار دىۋانى >> غا قاراپ باقايلى:
<< رۇم ئۆلكىسىدىن ماچىنغىچە بولغان تۈرك ئەللىرىنىڭ بويى 5000 پەرسەخ ، ئېنى 8000 پەرسەخ (1 پەرسەخ =6.24 كېلۇمېتىر ) كېلىدۇ . بۇلارنىڭ ئورنىنى ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەممىسىنى يەر يۈزى شەكىلدىكى دائىرە ئىچىدە كۆرسىتىپ ئۆتتۈم >>.
ئۇلۇغ بۇۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى يۇمۇلاق شەكىلدىكى خەرىتىنىڭ چۆرىسىدە شەرق ، غەرپ ، جەنۇب، شىمال يۆلىنىشلەر، تەرەپلەر بەزى دېڭىزلار ۋە دەريالار كۆرسىتىلگەن، ياپۇنىيەگە كەلگەندە مۇنداق دەيدۇ : << جابىرقا( ياپۇنىيەنىڭ كونا ئاتىلىشى) -ياپۇنىيىلىكلەر يىراقتا جايلاشقانلىقى ماچىن بىلەن ئۇلارنى چوڭ دېڭىزلار ئايرىپ تۇرغانلىقى ئۇلارنىڭ تىللىرى بىزگە مەلۇم ئەمەس >> دەپ كۆرسىتىلگەن .تۇنجى ياپۇنىيە خەرىتىسىنىڭ 11-ئەسىردە ئۇلۇق بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى تەرىپىدىن ئۆلچەملىك سىزىلغانلىقى بىر تەۋرەنمەس پاكىتتۇر ..
‹‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك›› ئەسىرى 11-ئەسىر ئەدەبىي ھاياتى ۋە ئەدىبىياتى توغرىسىدا بىر قەدەر ئومۇمىي مەلۇمات بېرىدىغان يىگانە مەنبەدۇر.ئەسەردە نەقىل قىلىنغان ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق شىئېر،قوشاق ۋە زور بىر تۈركۈم ماقال-تەمسىللەردىن شۇ دەۋردىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى،خېلى يۇقىرى سەۋىيىلىك ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئەدىپلەر مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ،شۇنداقلا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ بىر ئەدەبىياتشۇناس سۈپىتىدە بۇ شىئېر – قوشاقلارنى ئۆگۈنۈپ تەتقىق قىلغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ئالىم 11- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن . ئوپالدا مەدرىسە مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىسىنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان . ئالىمنىڭ ئېنىق تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە ۋاپات بولغانغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، ئەمما 97يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم.
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------