• نېمەتۇللا مۆجىزى(2)

    يوللانغان ۋاقتى:20-02-2012   مەنبە: 未知   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى بويىچە كۆتۈرۈلگەن بۇ قېتىمقى تەرەققىيات دولقۇنىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىگى شۇكى، يەر
    ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى بويىچە كۆتۈرۈلگەن بۇ قېتىمقى تەرەققىيات دولقۇنىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىگى شۇكى، يەرلىك ھۆۈمرانلار تەبىقىسىد ىكى بىر قىسىم ئوقۇمۇشلۇق زاتلارمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ ئۇيغۇر ئەدبىيات- سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشتى. بۇ يەردە 1811-يىلى زوھۇرى، ئىمىرى قاتارلىق شائىرلارنى ئوردىسىغا توپلاپ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بولغان لۇتفى ۋە ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شېئىرلىرىدىن ھەم ئىران شائىرلىرىدىن ھاپىز شىرازى قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنە ئېلىپ «باياز» ناملىق بىر توپلام تۈزدۈرگەن قۇمۇل ۋاڭى ئەردىشىر، 1813-يىلى موللا يۇنۇس ياركەندىنىڭ ئەلىشىر ناۋايىنىڭ«خەمسە»سىنى نەسىرلەشتۈرۈپ چىقىشقا تەشەببۇسكار بولغان ياكەند ھاكىم بېگى مىرزا ھۈسەييىن بەگ،1841-يىلى تۇردۇش ئاخۇن كاتىپ غېرىبىنىڭ «كىتابى غېرىپ»ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقىشقا تەشەببۇسكار بولغان قەشقەر ھاكىم بېگى زوھىردىن، 1939-يىلى ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ «مۇھەببەتنامە» ناملىق داستانلار توپلىمىنى يېزىپ چىقىشقا تەشەببۇسكار بولغان تۇرپان ۋاڭى ئەپرىدۇن ۋە مەزكۇر«تەۋارىخى مۇسىقيۇن» رىسالىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە تەشەببۇسكار بولغان خوتەن ھاكىم بېگى مۇھەممەد ئەلىشىر بىننى ئابدۇمۆمىن بەگ(ئەلىشىر ھېكىم بەگ)لەرنى كۆرسىتىشكە بۇلىدۇ.
    دىمەك، مۆجىزىنىڭ بۇ«تەۋارىخى مۇسىقيۇن»رىسالىسى ئۇيغۇر ئەدە بىيات-سەنئىتىنىڭ 18-ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يېرىمىدىن باشلىنىپ، 19-ئەسىردە يۇقۇرى پەللىگە چىققان تەرەققىيات دولقۇنىنىڭ سەمەرىلىر ىدىن بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
       «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»(«مۇزىكىچىلار تارىخى»)ناملىق يىگانە كىلا سسىك رىسالىسى بىلەن ئۆز دەۋرىدىكى ۋە بۈگۈنكى جامائەتچىلىككە كەڭ تونۇلغان ھەمدە ئۇيغۇر «تەزكىرە ئەدەبىياتى» ژانىرىنى بېيىتقان ئاتاغلىق ئەدىپ، مۇزىكاشۇناس موللا نېمەتۇللا ئوغلى موللا ئىسمەتۇللا مۆجىزىنىڭ ھاياتى ۋە جىدادىي پائالىيتى ھەققىدە ئاز بولمىغان تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە بۇ توغرىسىدا تەپسىلى ۋە تولۇق مەلۇماتلارغا ئىگە بولغىنىمىز يوق. شۇڭا ئۇنىڭ كىملىگى، قاچان، قاچان، قايەردە ياشىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن پەقەت ئۇنىڭ ئاشۇ«تەۋارىخى مۇسىقيۇن» ناملىق يىگانە رىسالىسىگە مۇراجەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
      مۆجىزى«تەۋارىخى مۇسىقيۇن»ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمە ئورنىد ىكى بايانىدا ۋە خاتىمىسىگە بېغىشلانغان بەزى بايانلاردىن ئۇنىڭ، بۇ مۇزىكانىتلار رىسالىسىنى ئۆزىگە زامانداش بولغان خوتەن ھاكىمى ئەلىشىر ھېكىمەگنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېزىپ چىقىپ، خوتەن خەلقىگە تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان. بىز بۇنىڭدىن مۆجىزىنىڭ خوتەن دىيارىدا ياشاپ، شۇجايدا ئىجادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇنلانغانلىقىنى «نېمەتۇللا»ئۇنىڭ ئۆز ئىسى،«ئىسمەتۇللا»ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئىكىنلىگى، «مۆجىزى» ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى ئىكەنلىگىنى بىلەلەيمىز، ھەمدە بۇ ئەسەرنى 1828-يىلىدىن باشلاپ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خوتەنگە ھېكىمبەگ قىلىپ تەيىنلەنگەن ۋە 1882-يىلى ۋاپات بولغان ئەلىشىر ھېكىمبەگنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن يېزىپ چىققانلىغىغا قارىغاندا، مۆجىزى ئەنە شۇ ئەلىشىر ھېكىمبەگ بىلەن زامانداش بۇلۇپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى ئىنىقلىغىلى بولمىسىمۇ،لېكىن، 19-ئەسەرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن بىلىملىك زات،تارىخچى مۇھەممەد ئابدۇللا بەگھاجىمنىڭ«خوتەن تارىخى»(بۇ ئەسەر ئازاتلىقتىن كىيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا يېزىلغان بۇلۇپ،ھازىر خەلق ئارىسىدا قوليازما ھالىتىدە ساقلانماقتا،مەن بۇ قوليازمىنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىدىن پايدىلاندىم) ناملىق تارىخىي تەزكىرىسىدە «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دىن نەقىل كەلتۈرۈپ؛«مۇھەممەد ئەلىشىر ھاكىم بەگ: «ئىلمىي مۇسىىقيۇن تەرەننۇمكى، مەۋجىپ سۇدۇر ۋە بائىسى ئەيشى ھۇزۇر دۇركىم پادىشاھتى گاداغىچە،ئەۋلىيادىن تەرسا غىچە ھەممە ئىنسان بۇ پەندىن شادىمان بولۇپ ھوزۇرلىنىدۇ. سەن خۇش پۈتكۈچى ئەدەبىيات مۈلكىنىڭ قۇشى شىرىن لىسانۇدۇرسەم،نە بولغايكىم ئۇشبۇ غەرىپ بولغان پەننىڭ ساھىبى تەكبىرى ۋە ئىجادىيەتچىلىرى كىملەر؟مۇغەننىيلەرگە يادىكار بىر رىسالە يېزىپ قويساڭ، دەپ پەقىرۇ غەرىبكە يارلىغ قىلدىلەر.ئەمىرگە بينائەنمۇناسىۋەتلىك تارىخ-تەزكىرىلەرنى جەملەپ خاس ئىلمىي مۇسىيقى ئۇستازلىرىدىن فىسساغۇرۇس، فارابى، پەھلىۋان مۇھەممەد كۈشتىنگىر، ئەمرى نىزامىدىن ئەلىشىر ناۋايى قاتارلىق ئۇستازلىرىمنىڭ بۇ ھەققىدە يازغان كىتاپ ۋە رىسالە ئەسەرلىرىدىن بەھرىمەن بۇلۇپ، ئاخىرى قۇدرىتىمگە لايىق ۋە ئىقتىدارىمغا مۇئاپىق بۇ رىسالىنى پۈتۈپ غېرىپ-يىتىملەر ئاتىسى،پەقىر-مىسكىنلەر رەھنامەسى،چىراغى ۋەنشاھى خوتەن ئەلى شىر ھاكىمبىگىمگە سۇندۇم، ئالەم ئەھلىگەسوغا تۇتتۇم.بۇ رىسالىگە«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دەپ ئات قويدۇم، دەپ يازغان مۆجىزى بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى ئىجادقىلغان. ئەلى شىر ھاكىمبەگ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىپ ھاياتى ئاخىرلاشقان. 1861- يىلى ۋاپات قىلغان ئەلى شىر ھاكىمبەگ قەبىرىزارلىقىغا دەپنى قىلىنغان.» دىيىلگەن بۇلۇپ، شۇ قوليازمىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا؛ مۇھەممەد ئەلى شىر ھاكىمبەگ 1798-يىلىدا ئابدۇلمۆمىن ھاكىمە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1818- يىلغىچە دىنىي مەكتەپ ۋە مەدرىسلەردە ئوقۇغان.شۇ يىللاردا خوتەنگە ھاكىم بولغان.1858-يىلى كېسەك بۇلۇپ، دۇنيادىن ئۆتكەن.40 يىل ھاكىملىق قىلغان»، دىمەك، ئەلىشىر ھاكىمبەگ بىلەن زامانداش بولغان مۆجىزى 1798-1797-يىللىرى تۇغۇلۇپ، 1858-يىلى ۋاپات بولغان خوتەن ھاكىمى ئەلىشىر ھاكىمبەگدىن ئۈچ يىل كىيىن، يەنى 1861-يىلى 63_64 ياشلىرىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىگىنى پەرەز قىلالايمىز.



    ھالقىلىق سۆزلەر : مۇقام پىشىۋالىرىمىز


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار