مۆجىزىنىڭ يۇقۇرى ئىستىداتى ھەرقانداق كىشىنى ئۇنىڭ ئۆز ئۆمرىدە كۆپلىگەن ئىلمىي ۋە بەدىئىي ئەسەرلەرنى يازغانلىغى ھەققىدىكى پەرەزدىن خالى قىلمايدۇ.ئەپسۇسكى ئۇنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن بىزگە يىتىپ كەلگىنى پەقەت«تەۋارىخى مۇسىقيۇن»نىڭ تەخمىينەن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا(1919-يىلدىن بۇرۇن)كۆچۈرۈلگەن بىر قول يازما نۇسخىسى ھازىرجۇڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقاتى ئېنىستىتو تىدا ساقلانماقتا.
رىسالىنىڭ شېئىر بىلەن بىرىلگەن خاتىمىسىدىكى:
پۈتۈك تارىخىن تارىخىن دېپ ئىدىم،
بىلەلمەسمىىكىن دىپ ئەجەپ غەم يىدىم.
(رىسالە يېزىلغان تارىخنى«تارىخىن»دىدىم،
بىلمەسمىكىن دەپ تولىمۇ غەم يىدىم)
دېگەن مىسرالاردىكى«تارىخىن»دېگەن سۆزنىڭ ئەبجەت ھىساۋى بويىچە:1271 بولىدىغانلىغىغا ئاساسەن،ئەسەرنىڭ ھېجىرىيە 1271- يىلى(مىلادى 1854-1855-يىلى) يېزىلغانلىقىغا ئىنىق ھۆكۈم قىلالايمىز.
«تەۋارىخى مۇسىىقىيۇن» بىزنى ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىغىنىڭ،ئېنىقراغى ئۇيغۇر مۇقامچىلىغىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى،ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىش جەريانى،ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىق تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان داڭلىق مۇزىكا ئۇستىلىرى (مۇقامچىلار) ھەققىدىكى قىممەتلىك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىسىل تارىخى ھۆججەتتۇر.
بۇ ئەسەر ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بۇلۇپ،بىرىنچى قىسمىدا ئەسەر مۇئەللىپى مۆجىزى ئۆزىنىڭ تەرجىمھالىغا ئائىت قىسمەن بايانلار ۋە ھەمدۇ سانالار بىرىلگەن.ئىككىنچى قىسمىدا ئەسەر مۇئەللىپىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتقاندا«بىرەر ناخشا،مۇقام ئىجادقىلغان ياكى بىرەر چالغۇ ئەسۋاپ ياسىغان،ياكى بۇ ئىلىم توغرىسىدا بىرەر رىسالە يېزىپ داڭچىقارغان» شەخىسلەر يەنى خەىز، پىسساغۇرۇس(پىپاگور)، ئەبۇ نەسىر فارابى، مەۋلانا ئىلى، خۇقەشاھابىدىن،ئابدۇللا مەرۋايىت، ئابدۇرەھمانجامى، نىزامىدىدن ئەلىشىر ناۋايى، مۇھەممەد خارەزىمى، نامان سەمەرقەندى، مەۋلانا سايىپ بەلخى،شەيىخ سەپاپى سەمەرقەندى، قىدىرخان ياركەندى،پەھلىۋان مۇھەممەد كۇشتىگىر،مەلانا لۇتفى،يۈسۈپ سەككاكى، ئاماننىساخان (نەفىسى) قاتارلىق 17 نەپەر تارىخى شەخىسنىڭ قىسمەن تەرجىمھالى، مۇزىكا ئىلمىگە قوشقان تۆھپىسى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ تالانت ۋە ماھارىتىگە باھا بىرىلگەن،مەدىھيە ئوقۇلغان.ئەينى دەۋىردە ئوتتۇرغا قويۇلغان مۇقام نەغمىلىرى،چالغۇ ئەسۋاپلىرى تارىخى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى بايان قىلىنغان.
|


