• نېمەتۇللا مۆجىزى(3)

    يوللانغان ۋاقتى:20-02-2012   مەنبە: 未知   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    تەۋارىخى مۇسىقيۇننىڭ مۇقەددىمىسىدىكى بايانلار يەنە بىزنى ئىسمەتۇللا مۆجىزىنىڭ ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى پۇختا
        «تەۋارىخى مۇسىقيۇن»نىڭ مۇقەددىمىسىدىكى بايانلار يەنە بىزنى ئىسمەتۇللا مۆجىزىنىڭ ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى پۇختا ئىگەللىگەن زاما نىسىنىڭ يۇقۇرى بىلىملىك كىشىسى ئىكەنلىگى، ئۇنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن تەرققىي پەرۋەر ئالىملار،ئۆلىما،پازىللارغا بۇلۇپمۇ ھەزرىتى مىرزا ئەلىشىر ناۋايىغا چەكسىز ئىخلاس باغلاپ ئۇنىڭ ئەسەر لىرىنى قېتىرقىنىپ ئۈگەنگەنلىگى ۋە پارىسچە ئەسەرلەردىن «تارىخىي رەشىدىي»،«تەۋارىخى رەۋزەتۇسسەفا»، «تارىخي ئەجەم» قاتارلىقلارنى، ئەرەپچە ئەسەرلەردىن «تارىخى تەبەرى»، «تەۋارىخى ھۆكۈما»، «تەۋارىخى ئەرەپ» قاتارلىقلار نى ئگۈنۈپ ئۆزلەشتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.
        مۆجىزىنىڭ شۇزاماندىكى ئرلغار پىكىرلىك، تەرەققىي پەرۋەر، ئىلىم -پەن ۋە مەدەنىيەت، سەنئەتنى ئالاھىدە قەدىرلەيدىغان بىلىملىك كىشى ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە، رىسالىدىكى فىسساغۇرۇس(يۇنان پەيلا سوپى پىپاگور) ئۇلۇغ ئالىم پارابى سۆزلىرىدىن نەقىل قىلىپ ئېيىتقان تۆۋەندىكى ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن كۆرسىتىپ ئۆتۈش كوپايە؛«ئۆزەڭنى تۈزلىمەي تۇرۇپ كىشىگە نەسىھەت قىلما،ئەيىپىڭنى ساڭا كۆرسەتكەن كىشىنى دوسىت بىلەپ ئەزىز تۇت،چىرايلىق لىباس كىيىپ يۈرگىچە چىرايلىق سۆزقىلىپ يۈرۈشنى ئۈگەنگىل،ياخشى سۆزنى ئەيتۇرغە قۇدرەتىڭ بولماسا ياخشى سۆزنى ئېيىتقۇچىدىن ئۈگەنگىل،ئىلىم ئۆرگەنىشتىن نۇمۇس قىلما،ئىلىمسىزلىكتىن نۇمۇس قىل...»(«تەۋارىخى مۇسىقيۇن»مىللەتلەر نەشىرياتىنىڭ 1982-يىل نەشرى،27-بەت)،يۈزيىل ئىبادەت قىلىپ ئالالمىغان فەيزىنى مېنىڭ قانۇنىمنىڭ سىملارىدىن ئالغايسىز» («تەۋارىخى مۇسىقيۇن» مىللەتلەر نەشىرياتىنىڭ 1982-يىل نەشرى،29-بەت)مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ ئەھمىيىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەر ئەمىلىيەتتە مۆجىزىنىڭ ئۆزدۇنيا قارىشىنىڭ ئىنكاسى بۇلۇپ، بۇيەردە ئۇلارنى ئەينى زاماندىكى نادانلىق، تەركىدۇنياچىلىق ۋە قۇللۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچى جاھىل كۈچلەرگە قارىتىپ ئېتىلغان ئوق،خەلق ئاممىسىغا بىرىلگەن سەمىيمى مەسلەھەت سۈپىتىدە قوللانغان.
    «تەۋارىخى مۇسىقيۇن»دا خوتەن ھاكىمى ئەلىشىر ھېكىمبەگ مۆجىزىنى مۇنداق تەرىپلەيدۇ: «سەنكىم كەسبىڭ ھەم مۇسىقۇدۇر(مۇزىكا) ھەم ئەبيات(شېئىر،بېيىت) مەملىكەتنىڭ بۇلبۇلۋار سۇلتانى،ئەدەبىيات مۈلكىنىڭ تۇتى شىرىن لىسانىدۇرسەن(لىسان-تىل سۆز) ھەم خۇش پۈتكۈچى ھەم دىلكەش ئەيتقۇچى سەندۇرسەن.مۇشۇ غەرب پەننىڭ كەشپىياتچىلىرى تار ىخىدىن بىر رىسالە پۈتۈپ،باشقا سازەندىلەرگە يادىكار قىلساڭ قانداق؟» («تەۋارىخى مۇسىقيۇن» مىللەتلەر نەشىرياتىنىڭ 1982-يىل نەشرى ، 25-بەت).ئەينى دەۋىر بەدىئىي ئەدەبىياتى تىلىغا ئەنئەنە بۇلۇپ ئۆزلىشىپ كەتكەن يۇقۇرى دەرىجىدە گۈزەللەشتۈرۈپ سۈپەتلەش ئۇسلۇبىدا بىرىلگەن بۇتەرىپلەر موللا ئىسمەتۇللا مۆجىزىنىڭ زامانىسىنىڭ داڭلىق سازەندىسى، مەشھۇر سازەندىسى ۋە ئەدىپى،شۇنىڭدەك ئۇستا خەتتات ھەم ماھىر ناخشىچە ئىكەنلىگىدىن گۇۋاھلىق بىرىدۇ.



    ھالقىلىق سۆزلەر : مۇقام پىشىۋالىرىمىز


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار