«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»يەنە شۇنىڭ بىلەن قىممەتلىككى، ئۇنڭدا ياركەندخانلىغى مەدەنىيتىنىڭ يىرىك ۋەكىللىرىدىن بولغان قىدىرخان ياركەندى بىلەن ئاماننىساخان ھەققىدە ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار بىرىلگەن.
مۆجىزىنىڭ قېدىرخان ھەققىدىكى بايانلىرى بىز ئۈچۈن بۇ ئىستىدا تلىق ئالىمنىڭ مۇزىكا، ناخشا، بەدىئىي ئەدەبىيات ساھەسىدىكى بۈيۈك كەشپىياتلىرىنى، دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىكى يۇقۇرى ئابرويىنى يۇرۇتۇپ بەرگۈچى تۇنجى يازما ماتىريال ھىساپلىنىدۇ.
مۆجىزى ئاماننىساخان ھەققىدە سۆزلىگەندە،ئۇنى زور ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ: «شائىرەئى يىگانەئى دەۋاران ئىردى،دىۋانى نەفىسى ئاتلىق شىرىن بىر كىتاپنى تەسنىف قىلىپ ئىردىلەر ھەم خەتتاتلىقتا ئۇستادگۈل ئىردى ھەم مۇسىقى فەندە ئانداغ ساھىبى كەمال ئىردى...» («تەۋارىخى مۇسىقيۇن» مىللەتلەر نەشىرياتىنىڭ 1982-يىل نەشرى،40-بەت) دەپ يازىدۇ. ئۇ يەنە ئاماننىساخاننىڭ بىر قانچە ئەدەبىي،ئىلمىي ئىجاد ىيەتلىرىنى ساناپ كېلىپ، ئۇنىڭ«ئىشرەت ئەڭگىز»ناملىق بىر مۇقام ئىجادقىلغانلىقى، ئۇنى سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ رەشىك كۈچىدىن ئۆز نامىدا تارقاتقانلىغى توغرىسىدا مەلۇمات بىرىدۇ.ناھيتى روشەنكى، مۆجىزى بۇ يەردە مەشھۇر تارخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ«تارىخىي رەشىيدىي» ۋە مەھمۇد جوراسنىڭ«تارىخىي رەشىيدىي(زەيلى)»ناملىق كىتابىدا ئاستىن-ئۈستۈن قىلىنغان تارىخىي پاكىتلارنى تۈزىتىپ، ئاماننىسا خان ئىجادىيتىگە ھەقىيقى تەسۋىر بېرىدۇ.يەنى مىرزا مۇھەممەد ھەيدە كۆرەگان بىلەن مەھمۇدجوراسلار ئۆزكىتاپلىرىدا«ئىشرەت ئەڭگىز»مۇقامىنى سۇلتان ئابدۇرەشىدخان نامىغا يازغان بولسا،مۆجىزى بۇ مۇقامنىڭ ئەسلىدە مەلىكە ئامانىساخاننىڭ ئىجادىيتىگە تەئەللۇق ئىكەنلىگىنى،پەقەت فىئوداللىق كۆزقاراش تۈپەيلىدىن ئۆز ئايالىنىڭ نامىنى سىرتقا تارقىتىشنى مۇناسىپ كۆرمىگەن ئابدۇرەشىدخان تەرىپىدىن شۇنداق قىلىنغانلىقىنى ھېچقانداق مۈجمەللىكتىن خالى ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.مۆجىزىنىڭ فىئوداللىق ئاسارەتنىڭ چەكلىمىلىرى تۈپەيلىدىن نامى ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە بېرىپ تەيكەن مەلىكە ئامانىساخاننىڭ ئوبرازىنى قايتىدىن نۇرلاندۇر غانلىقىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتى تارىخىغا قوشقان زور تۆھپىسىدۇر.
بۈگۈنكى كۈندە قىدىرخان ياركەندى بىلەن ئاماننىساخان دىن ئىبارەت بۇ ئىككى شەخىس ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ئاساسەن مۇشۇ«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دىكى مەلۇماتلار ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلماقتا.
«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»ئەلىشىر ناۋايىنىڭ«مەجالىسۇن نەفائىس»، مۇھەممەد سادى قەشقەرىنىڭ«تەزكىرەئى ئەزىزان» قاتارلىق ئەسەرلىرىگە ئوخشاش تەزكىرە خارەكتىردىكى ئەسەر بۇلۇپ، مۆجىزى بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىدا،ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇپتا يېزىپ چىققان.مۇئەللىپ ئەسەردىكى ھەر بىر ئوبېكىتنى تەسىرلىك ھېكايە تەرىزدە بايان قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە شېئىريەتنىڭ جانلىق نەمۇنىلىرىدىن مىسال ئالىدۇ.شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئەسەر يەنە 14-ئەسىردىن 20-ئەسىرگىچە داۋاملاشقان «چاغا تاي تىلى»نامىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ 19-ئەسىردىكى ئومۇمىي ئەھۋالىنى ھەمدە چاغاتاي تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئۆتۈش جەريانىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋىر ئەدەبىي تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئگە.
|


