مۇھەببەت مېتافىزىكىسى-خولىرا يىللىرىدىكى مۇھەببەت
يوللانغان ۋاقتى:10-01-2014
مەنبە: تارىم 2013-4-سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
ئاپتورى: ئەكبەر ئەمەت خولېرا يىللىرىدىكﯽ مۇھەببەت گارسىيە ماركوزنىڭ 100 يىل غېرىبلىقتىن كېيىنكﯽ يە
ئاپتورى: ئەكبەر ئەمەت
“خولېرا يىللىرىدىكﯽ مۇھەببەت” گارسىيە ماركوزنىڭ “100 يىل غېرىبلىق”تىن كېيىنكﯽ يەنە بىر مەشھۇر رومانﯽ بولۇپ، ئەدەبىيات ساھەسىدە “مۇھەببەت ئېنسىكلوپېدىيەسﯽ”، “ئەدەبىيات تارىخىدىكﯽ ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇھەببەت رومانﯽ” دەپ ئاتالغان. بۇ رومان 1985 - يىلﯽ ئېلان قىلىنىپ داڭقﯽ چىققاندىن كېيىن، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئوخشاش نامدىكﯽ مەشھۇر ھوللېۋود فىلىمﯽ ئىشلەنگەن.
گارسىيە ماركوزنىڭ رېئال ۋە ئىدېئال مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن بۇ ئەسىرﯼ مەلۇم دەرىجىدە بىيوگرافىك ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولۇپ، ئەسەر توغرىسىدا توختىلىشتىن بۇرۇن گارسىيە ماركوزنىڭ ئائىلە _ جەمەتىدە يۈز بەرگەن، بۇ ئەسەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان بەزﯼ ئەھۋاللار بىلەن تونۇشۇپ چىقىش زۆرۈر. گارسىيە 1928 - يىلﯽ 6 - مارتتا كولومبىيەدە سانتا مارىتانىڭ جەنۇبىدىكﯽ ئاراكاتاركادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئانىسﯽ لۇئىزا سانتىياگو ماركوز پولكوۋنىك نىكولاس ماركوز ۋە ترانكۇيلىنا ئىگۋاراننىڭ قىزﯼ ئىدﯼ. گارسىيەنىڭ ئانا تەرەپ بوۋا - مومىسﯽ 100 يىللىق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقﯽ مەزگىللىرىدىن باشلاپ ئاراكاتاركادا تۇرغان. گارسىيەنىڭ ئانىسﯽ لۇئىزا بويىغا يەتكەن چاغدا، باشقا يەردىن كەلگەن تېلېگرامما خادىمﯽ __ گارسىيەنىڭ دادىسﯽ، يەنﯽ “خولېرا يىللىرىدىكﯽ مۇھەببەت”تىكﯽ تېلېگرامما خادىمﯽ فىلورېنتىنونىڭ پىروتوتىپى گابرىيىل ئىلىگىيو ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ. لۇئىزا ئۇنىڭ مۇھەببىتىنﯽ كۆپ قېتىم رەت قىلىدۇ. گابرىيىلنىڭ توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشﯽ بىلەن لۇئىزا ئاستا - ئاستا ئۇنﯽ ياخشﯽ كۆرۈپ قالىدۇ. ئەمما گابرىيىلنىڭ ئانىسﯽ ئۇنﯽ 14 يېشىدا نىكاھسىز ھامىلىدار بولۇپ تۇغقان ھەم شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي يەنە ئوخشىمىغان ئۈچ ئەردىن ئالتە بالىلىق بولغانىدﯼ. گابرىيىلمۇ ئانىسىنىڭ تالانتىغا ۋارىسلىق قىلىپ 16 يېشىدىلا بەش ئاشىقلىق بولغان ھەم ئۇلارنىڭ بىرىدىن ئوغۇللۇق، يەنە بىرىدىن قىز بالىلىق بولغانىدﯼ. گابرىيىلنىڭ شاللاقلىقﯽ ۋە ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشﯽ قانۇنلۇق ئۈچ پەرزەنتلىك، ئەمما ئوخشىمىغان ئاياللاردىن قانۇنسىز توققۇز بالىلىق بولغان پولكوۋنىك نىكولاس ماركوزنىمۇ چۆچۈتۈۋەتكەنىدﯼ. بۇ ئىشقا پولكوۋنىكنىڭ دۇئىلدا ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىشﯽ قوشۇلۇپ، ئۇلار يۇرتتىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ . گابرىيىل بولسا تېلېگرامما ئارقىلىق لۇئىزا بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ. 1926 - يىلﯽ پوپ لۇئىزانىڭ ئاتا - ئانىسىنﯽ قايىل قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار سانتا مارتا چېركاۋىدا توي قىلىدۇ. 1927 - يىلﯽ لۇئىزا ئاتا - ئانىسﯽ بىلەن ئەپلىشىپ قالغاندىن كېيىن، گارسىيە ماركوزنﯽ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇغىدۇ. گارسىيە ماركوز 50 ياشتىن ئاشقاندا ئاتا - ئانىسىنىڭ مۇشەققەتلىك مۇھەببەت ھېكايىسىنﯽ “خولېرا يىللىرىدىكﯽ مۇھەببەت” ناملىق رومانىدا بەدىئىي ئىپادىلەيدۇ.
“خولېرا يىللىرىدىكﯽ مۇھەببەت” ناملىق قويۇق بىيوگرافىيە تۈسىنﯽ ئالغان بۇ ئەسەردە نىكاھسىز تۇغۇلغان فىلورېنتىنو ئىسىملىك بىر يىگىت بىلەن ئات - ئېشەك سودىگىرىنىڭ قىزﯼ فېرمىنا دازا ئوتتۇرىسىدىكﯽ يېرىم ئەسىرگە سوزۇلغان مۇھەببەت مەزمۇن قىلىنغان. ئەسەردىكﯽ باش قەھرىمان
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------