ھېمىڭۋاينىڭ «ئىندىنئانلار لاگېرى» ھېكايىسى توغرىسىدا
يوللانغان ۋاقتى:17-06-2011
مەنبە: تارىم 2009-4-سان
مۇھەررىر: {dede:adminname /}
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
ئېرنېست ھېمىڭۋاي (1899-1961) ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى، «تېڭىرقىغان بىر ئەۋلاد» ئېقىمىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلىنىڭ بىرى،
ئاپتورى: تاھىر مامۇت
ئېرنېست ھېمىڭۋاي (1899-1961) ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى، «تېڭىرقىغان بىر ئەۋلاد» ئېقىمىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلىنىڭ بىرى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتىكى ئىجابىي ئۇسلۇبى، پىشقان تىل ماھارىتى ۋە مول ھېسسىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى مۇقىم ئورنىنى تىكلىگەن.
ھېمىڭۋاي ئامېرىكىنىڭ ئىللىنوئىس شتاتىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى دوختۇر، ئانىسى سەنئەتخۇمار خىرىستىئان مۇرىتى بولۇپ ئىدى. ئۇ كىچىكىدىنلا تەنتەربىيە، بېلىق تۇتۇش، ئوۋ ئوۋۇلاش قاتارلىق دالا پائالىيەتلىرىگە ئىشتىياق باغلىغان. 1917-يىلى ئۇ كانسان شەھىرىدە چىقىدىغان «يۇلتۇز گېزىتى» دە پراكتىكانت مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. يۇقىرى تەلەپلىك خەۋەر يېزىقچىلىقى ئۇنىڭ ئىخچام، راۋان ۋە جۇشقۇن بولغان تىل ئۇسلۇبىنىڭ شەكىلىنىشىگە پۇختا ئاساس سالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغاندا، ھېمىڭۋاي ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئامېرىكا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى ھەيدىگەن. يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا يارلىنىپ دۆلەتكە قايتقان. 1919-يىلى قىشتا، «تورۇنتو چولپىنى» گېزىتىنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولۇپ، پارىژدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىلىق ئايال يازغۇچى ستېيىن، ئېزارا پوند ۋە ئېرلاندىيىلىك يازغۇچى جامېس جويس قاتارلىقلار بىلەن تونۇشقان. ئۇلارنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە ياردەم قىلىشى ئارقىسىدا، 1922-يىلىدىن باشلاپ «ئاتلانتىك ئوكيان» ئايلىق ژۇرنىلى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 1923-يىلى تۇنجى توپلىمى «ئۈچ پارچە ھېكايە ۋە ئون پارچە شېئىر» نەشر قىلىنغان. 1924-يىلى ھېكايىلەر توپلىمى «بىزنىڭ دەۋرىمىزدە»، 1926-يىلى تۇنجى رومانى «باھاردىكى دولقۇن» نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەرلەردە ئۇ ئۆزىنىڭ بايان قىلىش سەنئىتى جەھەتتىكى كۈچلۈك تالانتىنى ۋە خاسلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان قىلغان. بۇ مەزگىلدىكى بەزى ئەسەرلىرى، مەسىلەن، «بىزنىڭ دەۋرىمىزدە» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن «ئىندىئانلار لاگىرى» ناملىق ھېكايىسى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان مەشھۇر ئەسەر بولۇپ قالغان. 1926-يىلى نەشر قىلىنغان «قۇياش يەنە چىقىدۇ» ناملىق رومانى ئۇنىڭ نامىنى چىقارغان تۇنجى مۇھىم رومانى بولۇپ، بۇ ئەسەردە، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىر توپ ياشلارنىڭ ئىدىيە ۋە ئەخلاق كرىزىسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ تېڭىرقىغان ۋە زېرىكىشلىك روھىي دۇنياسى ئېچىپ بېرىلگەچكە، بۇ رومان «تېڭىرقىغان بىر ئەۋلاد» ئېقىمنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ قالغان.
1927-يىلى ھېمىڭۋاي ئامېرىكىغا قايتىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، «بويتاق ئەر» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان، بۇ توپلامدىكى ئەسەرلەردە ئۇ ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان بىر قاتار جەسۇر ئەرلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئافرىقىغا ئوۋ ئوۋلاشقا بېرىپ، ئەدەبىي خاتىرە «ئافرىقىنىڭ تېغى» ۋە ھېكايىلەر توپلىمى «كىلىمازورا تېغىدىكى قار» قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلغان. ئۇ «كىلىمازارو تېغىدىكى قار» ناملىق ھېكايىسىدە رېئاللىق ۋە خام خىيال ئارىلىشىپ كەتكەن ئاڭ ئېقىمى ماھارىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىشلىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئىسپانىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندا، ئۇ مۇخبىر بولۇپ بارغان ھەمدە مۇشۇ مەزگىلدە «بەشىنچى كالوننا»(1938) ناملىق سېنارىيىسىنى ۋە «ماتەم قوڭغۇرىقى كىم ئۈچۈن چېلىندى»(1939)ناملىق رومانىنى نەشر قىلدۇرغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بۇ رومانمۇ ھېمىڭۋاينىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا پارتلىغاندىن كېيىن، ھېمىڭۋاي مۇخبىر سۈپىتىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ فاشىزمغا قارشى تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇرۇشتىن كېيىن كۇبادا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1950-يىلى «دەريادىن ئۆتۈپ ئورمانلىققا كىرىش» ناملىق رومانىنى نەشر قىلدۇرغان، لېكىن بۇ ئەسەر تازا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقمىغان. 1952-يىلى ئۇنىڭ «بوۋاي ۋە دېڭىز» ناملىق پوۋېستى ئېلان قىلىنىپ، قاتتىق زىلزىلە قوزغىغان. 1954-يىلى شۋېتسىيە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش كومىتېتى «ھېمىڭۋاينىڭ ھازىرقى زامان بايان سەنئىتىگە پىشقان يېزىقچىلىق ماھارىتى ئۇنىڭ يېقىنقى ئەسىرى <بوۋاي ۋە دېڭىز>دا گەۋدىلىك ئىپادىلىگەنلىكى ھەمدە بۇ ئەسەرنىڭ زامانىۋى ئۇسلۇب جەھەتتە ئوينىغان رولىنىڭ تەسىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن» ئۇنىڭغا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بەرگەن.
ئېرنېست ھېمىڭۋاينى كىشىلەر ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەۋەككۈلچى ۋە جەسۇر خاراكتېرىنى ئۆزىدە ئىپادىلىگۈچى دەپ قارايدۇ. بۇ خىل روھ ئۇنىڭ خېلى كۆپ ئەسەرلىرىگە سىڭىپ كەتكەن. ھېمىڭۋاينىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئادەم ئۆزىنى ئەسەر ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئادەمنى چەكسىز ئويغا باشلايدۇ.
«ئىندىئانلار لاگېرى» ناملىق بۇ ھېكايىدە بىر ئاق تەنلىك دوختۇرنىڭ، يەنى نىكنىڭ دادىسىنىڭ تۇغالماي قىينىلىۋاتقان بىر ئىندىئان ئايالنى تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئىدىنئانلار لاگېرىغا نىكنى ئېلىپ بارغانلىقى بايان قىلىنغان. تۇغۇت ئالدىدىكى ئايال قاتتىق قىينىلىۋاتقىلى ئىككى كۈن بولغان، لېكىن بالا چۈشەلمەيۋاتقان ئەھۋالدا، ناركوز دورىسى ئالغاچ كەلمىگەن دوختۇر ناھايىتى ناچار شارائىتتا، ھامىلىدار ئايالنى چوڭ بىر پىچاق بىلەن ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ۋاقىرىشىغا پەرۋا قىلماي ئوپىراتسىيە قىلىپ، بالىنى سالامەت ئالىدۇ. بىراق، بۇ ئايالنىڭ ئېرى ئۈچ كۈن ئاۋۋال پالتىدا ئېغىر يارىلىنىپ، ھامىلىدار ئايالى ياتقان ئىككى قەۋەت كارىۋاتنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ياتقۇزۇپ قويۇلغانلىقتىن، تولغاقتىن قىينىلىۋاتقان ئايالىنىڭ ئاغرىق ئازابىنى تەڭ تارتىشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئوپىراتسىيە تۈگىگەندىن كېيىن، نىكنىڭ دادىسى ناھايىتى ئېغىر بېسىق ھالدا تىنچ ياتقان ئىندىئان ئەرگە مەسلىكى كېلىپ قاراپ باقىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ ئەر ئايالىنىڭ ئاغرىق ئازابىغا چىدىيالماي ئۆزىنى ئۇستىرا بىلەن بوغۇزلاپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانىدى.
بىر بىر قىسقا ھېكايە بولۇشىغا قارىماي، بىر نەچچە قاتلام مەنانى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان. بۇ مەنالارنى ھاياتلىق بىلەن ماماتلىقنىڭ، ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئىندىئانلارنىڭ، ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ، دادا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. كۆلنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئىندىئانلار دۇنياسىدا يېڭى بىر ھاياتلىق دۇنياغا كەلمەكچى، لېكىن، تۇغۇت ئالدىدىكى ئانا قىيىن ئەھۋالدا قالغان، پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان ھاياتلىق ئىستىكى ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىندىئانلارنى ئاق تەنلىك دوختتۇرنى تەكلىپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. دەرۋەقە، بوۋاق دۇنياغا تىنچ-ئامان كۆز ئاچقان، لېكىن ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى دادىنىڭ ئۆلۈمىگە ۋاسىتىلىك سەۋەب بولغان. تاسادىپىيلا ھاياتلىق بىلەن ماماتلىقنىڭ ئورنى ئالماشقان. بىز بۇ ۋەقەدىن كونا شەيئى يوقۇلۇپ يېڭى شەيئى پەيدا بولغاندىن كېيىنكى ئورۇن تولۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان خۇشاللىقنى ھېس قىلمايمىز، بەلكى، ئەسلىدىنلا يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان بىر ئۆلۈمنىڭ سوغۇق قاباھىتىنى باشتىن كەچۈرىمىز، ھاياتلىقنىڭ ناھايىتى قەيسەرلىكىنى ھەم ناھايىتى ئاجىز بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىمىز. ھاياتلىققا ئىنتىلىش بىلەن ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلىك بايان بىزنى ھاياتلىقنىڭ قىممىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ... ئاق تەنلىق دوختۇر بىلەن ئىندىئانلارنىڭ مۇناسىۋىتى بۇ ئەسەردىكى يەنە بىر مۇھىم مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن. كۆلنىڭ ئۇ تەرىپىدە، يەنى جەمئىيەتنىڭ گىرۋىكىدىكى ناچار مۇھىتتا ياشايدىغان ئىندىئانلار ئامېرىقا جەمئىيىتىدە ئاساسىي ئېقىم كۈلتۈرىگە تەۋە بولغان ئاق تەنلىك دوختۇرنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولىدۇ. ئاق تەنلىك دوختۇر گەرچە ئاق كۆڭۈل ئادەم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىدا يەنىلا ئىندىنئانلارغا قارىتا كۈچلۈك ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى بولۇپ، بۇ نۇقتا ئاپتورنىڭ ئىندىئانلار لاگېرىغا بولغان بايانى ۋە دوختۇر بىلەن ئۇنىڭ ئاق تەنلىك دوستىنىڭ ئىندىئانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدە ئىپادىلەنگەن. ئىندىئان ئەرنىڭ ئۆز ئايالىنىڭ ئاغرىق ئازابىغا چىدىيالماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى بۇ ھېكايىدىكى ئەڭ كۈچلۈك نۇقتىنى شەكىللەندۈرگەن. زورلۇق كۈچ ۋە نادانلىققا تولغان ئىندىئانلار لاگېرىدا ئەرنىڭ ئۆز ئايالىغا بولغان ئىچ ئاغرىقى ھەمدە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى كىتابخانىلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ، لەرزىگە سالىدۇ، شۇنداقلا ئادەمنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ تراگېدىيە بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ. بۇ ھېكايىدە ئاق تەنلىك دوختۇر بالىسىغا ئۆزىنىڭ ھۈنىرىنى كۆرسەتمەكچى ھەمدە ئۇنى مەلۇم ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى باشتىن كەچۈرۈشكە يېتەكلىمەكچى ئىدى. توغرىسى بىر ھاياتلىقنىڭ، بىر جاننىڭ بۇ دۇنياغا قانداق تەستە كۆز ئاچىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى ئىدى. لېكىن ئۇ بالىسىنىڭ ئۆلۈمدىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق بىر پاجىئەگە شاھىد بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. دېمەك، دادا مەغلۇپ بولدى. بۇ ھېكايىدىكى دادا بىلەن بالىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق مۇناسىۋىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، گويا دوختۇر ئاپتورغا، بالا كىتابخانىلارغا تەققاسلانغاندەك ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت ھېكايىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىك مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرگەن.
ھېكايىدە ھېمىڭۋاينىڭ باشقا بارلىق ئەسەرلىرىگە سىڭگەن مۇھىم بىر باش تېما − مەغلۇبىيەت باش تېمىسى ئىپادىلەنگەن، بۇ باش تېما مۇقەررەر رەۋىشتە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۆلۈمدىن ئىبارەت يەنە بىر باش تېمىنى سۆرەپ چىققان. گەرچە بوۋاقنىڭ سالامەت تۇغۇلۇشى بىزگە بىر يېڭى ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقىدەك خۇشاللىنارلىق ئىشتىن دېرەك بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھېلىقى ئىندىئان ئەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى تولىمۇ ئەرزىمەس ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاق تەنلىك مەنمەنچى دوختۇرنىڭ بالىسى ۋە دوستىغا ئۆزىنىڭ ئۈستۈن ماھارىتىنى كۆرسىتىش نىيىتى ئىندىئان ئەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى بىلەن يوققا چىققان، ئەكسىچە، ئۇ بالىسىنىڭق بۇنداق بىر تراگېدىيىگە شاھىد بولۇپ قالغىنىغا پۇشايمان قىلغان. ھېكايىدە نىكنىڭ دادىسىنىڭ ناركوز دورىسى ئالماي كەلگىنىگە نارازى بولغانلىقى ۋە ئىندىئان ئايالغا ھېسداشلىق قىلغانلىقى ھەمدە بۇ سەبىي بالىدا كۈچلۈك ئۆلۈم ۋەھىمىسى پەيدا بولغانلىقى ناھايىتى ياخشى تەسۋىرلەنگەن، شۇنداقلا ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ ئىنسان روھىغا ئېلىپ كېلىدىغان ئومۇميۈزلۈك بالايى ئاپىتى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت تېما مەسەل شەكلىدىكى تاسادىپىيلىق ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. ئومۇمەن، بۇ ھېكايىدە ھېمىڭۋاينىڭ «تېڭىرقىغان بىر ئەۋلاد»چىلارغا خاس نۇقتىئىنەزىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
بۇ ھېكايىدە ھېمىڭۋاينىڭ تىل جەھەتتىكى خاس ئۇسلۇبى تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، بۇنى ئاددىي جۈملە قۇرۇلمىسى، ئېغىز تىلى ۋە «تېلېگرامما شەكلىدىكى دىئالوگ» دېگەن ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بىرىنچىدىن، بۇ ھېكايىدە ناھايىتى ئاددىي جۈملە قۇرلمىسى ئىشلىتىلگەن. ھېمىڭۋاي ئۆز ئەسەرلىرىدە قىسقا خەۋەر تىپىدىكى ئىخچام ۋە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ئامراق بولۇپ، دېمەكچى بولغان مەنانى ناھايىتى دەل ۋە يىغىنچاق ئىپادىلەش بىلەن مەشھۇر. ئۇ بايان قىلغاندا دائىم ھېچقانداق ھېسسىيات تۈسى بولمىغان سوغۇق ۋە تۈز تىل ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرىدۇ. ئۇ بۇ ھېكايىدىمۇ ئۆزىنڭ ئاشۇ ئۇسلۇبىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەقەلىكنى ناھايىتى ئىخچام ۋە ئاددىي جۈملە بىلەن بايان قىلغان، ھېكايىدىكى ھەر بىر جۈملە، ھەر بىر سۆز ناھايىتى دەبدەبىسىز ۋە ساددا بولۇپ، پېرسوناژلارنىڭ چىن ھېسسىياتىنى دەل جايىدا ئىپادىلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئەسەرنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ئېشىپ، سوغۇقان كۆزىتىش نۇقتىسى ئارقىلىق ئادەمنى ئەندۈكتۈرۈپ، كىتابخانىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئىستېتىك ئۈنۈم ياراتقان. ئىككىنچىدىن، ھېمىڭۋاي ماك تىۋىننىڭ ئېغىز تىلى ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، پېرسوناژلارنىڭ دىئالوگىدا ئېغىز تىلى ئارقىلىق خاراكتېر يارىتىش ماھارىتىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن ھېكايىدىكى پېرسوناژلار جېنى بار، قېنى بار، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە تىرىك ئادەملەرگە ئايلانغان. بۇ ئەسەرنىڭ ئىنگلىزچە ئەسلىي نۇسخىسىنى ئوقۇغان ھەر قانداق ئادەم بۇ نۇقتىنى ھېس قىلماي قالمايدۇ. ئۈچىنچىدىن، بۇ ھېكايىدە يەنە ھېمىڭۋاينىڭ مەشھۇر «تېلېگرامما شەكلىدىكى دىئالوگ» ئۇسلۇبى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، پېرسوناژلارنىڭ دىئالوگى، بولۇپمۇ، نىك بىلەن دادىسىنىڭ دىئالوگى ناھايىتى قىسقا، دەل ۋە بېزەكسىز بېرىلگەن. بۇ نۇقتا بىر جەھەتتىن، ھېمىڭۋاينىڭ ئەستايىدىل ۋە سوغۇق بايان ئۇسلۇبىغا ماسلاشسا، يەنە بىر جەھەتتىن، ئەسەرنىڭ پۇختا ۋە ئىخچام ھالەتتىكى ئىچكى كېڭىيىش كۈچىنى ئاشۇرغان. شۇنداقلا پېرسوناژلارنىڭ مول ۋە تىنىمسىز ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىشتە ئۆزگىچە رول ئوينىغان.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، «ئىندىئانلار لاگېرى» ھېكايىسى ھېمىڭۋاينىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋە تىپىك ھېكايىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھېمىڭۋاينىڭ ئۆزىگە خاس سەنئەت ئىدىيىسى، ئىستېتىك خاھىشى ۋە يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنى تولۇق نامايان قىلغان.
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------