![]() ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى
ئەدۇنىسنىڭ ئەسلىي ئىسمى ئەلى ئەھمەد سەئىد ئىسپور بولۇپ، 1930- يىلى سۈرىيەدە تۇغۇلغان. 1956- يىلى لىۋانغا كۆچۈپ بارغان ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلىغان. 1980- يىللاردىن باشلاپ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇتۇش، يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. ئەدۇنىس مول ھوسۇللۇق شائىر، مۇتەپەككۇر ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيەچىسى. ئۇ بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەرەب شائىرى دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئۇنىڭ شېئىرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا بولغان ئاكتىپ تەشەببۇسى، ئەرەب مەدەنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشى ئەرەب مەدەنىيەت ساھەسىدە كەسكىن بەس - مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان ھەم چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ھازىرغىچە 22 شېئىرلار توپلىمى، مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە ئائىت ئون نەچچە ئىلمىي كىتابى نەشر قىلىنغان، ئۇ »بىريۇسسېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى«، تۈركىيە »ھېكمەت ئەدەبىيات مۇكاپاتى«، ماكېدونىيە »ئالتۇن تاج شېئىرىيەت مۇكاپاتى«، فىرانسىيە »چەت ئەل ئەدەبىياتى مۇكاپاتى« ۋە »چەت ئەل كىتاب مۇكاپاتى« قاتارلىق خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ »نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى«نىڭ نامزاتلىرىدىن بولۇپ كەلمەكتە.
مۇخبىر: نېمە ئۈچۈن »ئەدۇنىس« دېگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتتىڭىز، ئۇ يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى بىر ئىلاھنىڭ نامىغۇ؟
مۇخبىر: »نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى«نىڭ نامزاتلىرىنىڭ بىرىسىز، »نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى«غا قانداق قارايسىز؟ ئەدۇنىس: شۇنداق، لېكىن مەن بۇنىڭغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمەن، شېئىرنى تېخىمۇ ياخشىراق يازسام، ئۈزۈكسىز ئىجاد قىلسام دەيمەن. مۇخبىر: شېئىرلىرىڭىز كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپتۇ، شېئىرنىڭ تەرجىمە قىلىنىش مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟ ئەدۇنىس: بەزىدە شېئىرنى تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تەرجىمان قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولىدۇ. بەزى شېئىرلارنىڭ تەرجىمىسىدە ئەسلىسىگە بەكمۇ سادىق بولۇپ كېتىپ، ئۇنىڭدىكى شېئىرىي تۇيغۇنى يوقىتىپ قويىدىغان، يەنە بەزى تەرجىمىلەردە چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدىغان، ئەسلىسىنى خالىغانچە پارچىلاپ ئۇنى تونۇغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. مۇخبىر: سىز شېئىرنى جەزمەن شائىر تەرجىمە قىلىشى كېرەك دېمەكچىمۇ؟ ئەدۇنىس: ئۇنىڭ شېئىر يېزىش، يازماسلىقى مۇھىم ئەمەس. شېئىر يازىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شائىر بولۇشى ناتايىن. بەزىلەر شېئىر يازمىسىمۇ ئۇلارنى شائىر دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلار لوگىكىنىڭ، قىياسنىڭ ، ھەتتا مەنپەئەتنىڭ كۆزى بىلەن ئەمەس، شېئىرنىڭ كۆزى بىلەن دۇنياغا نەزەر سالىدۇ. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، تەرجىمان ئەسلىي شېئىر ئاساسىدا ئۇنى قايتا ئىجاد قىلىدۇ. ئالايلى ئەرەب تىلىدىكى »ئاي« بىلەن ئىسپان تىلىدىكى »ئاي«نىڭ كىشىگە بېرىدىغان تۇيغۇسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ھەر بىر مەدەنىيەتتە ئايغا بولغان ئوخشاشمىغان مۇزىكا، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئەسلىمىلەر يوشۇرۇنغان. بۇنى تەرجىمە قىلغاندا لۇغەتتىن شۇ سۆزنى ئىزدەپ تېپىپلا بولدى قىلىشقا بولمايدۇ، تەرجىمان بارلىق ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇنى ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئەسلىمىلىرى ئاساسىدا تەرجىمە قىلىشى كېرەك، شۇنداق تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلاردىلا ھاياتىي كۈچ بولىدۇ. مۇخبىر: شېئىر يېزىشتىن باشقا يەنە رەسىممۇ سىزىدىكەنسىز، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق چۈشىنىسىز؟ ئەدۇنىس: ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى رەسسام ئەمەس دەيمەن، چۈنكى مەن قەلەم ۋە بوياق بىلەن رەسىم سىزمايمەن. ئىجادىيەتكە ئىشلىتىدىغان نەرسىلىرىمنىڭ ھەممىسى تاشلاندۇق نەرسىلەر، ئالايلى كېرەكسىز قەغەز، ياغاچ، تۆمۈر پارچىسى قاتارلىقلار. مېنىڭ خىزمىتىم ئۇلارنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ، مەنىسىز نەرسىلەرگە مەنە ئاتا قىلىش. ئۇلار قارىماققا زىددىيەتلىك ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنىدۇ. قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلار مەنىگە ئىگە بولۇپ، پۈتۈنلۈككە ئىگە سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلىنىدۇ، شېئىرمۇ ئوخشاش، ئىماگلار تولىمۇ قالايمىقان ۋە رەتسىز بولسىمۇ، ھەقىقىي شائىر ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارنى پۈتۈنلۈككە ئايلاندۇرىدۇ. شېئىرنى، مۇزىكىنى ۋە گۈزەل سەنئەتنى ياخشى كۆرسەممۇ، شېئىرغا ئالاھىدە ھېرىسمەنمەن، ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا باشقا سەنئەت شەكىللىرىگە قارىغاندا شېئىرغا تېخىمۇ كۆپ مەنىلەر يوشۇرۇنغاندەك بىلىنىدۇ، تىلدىن باشقا ئۇنىڭدا مۇزىكىمۇ، ئوبرازمۇ، شەكىلمۇ بار. مۇخبىر: كۆپ يىل غەربتە تۇرمۇش كەچۈردىڭىز، غەرب دۇنياسىغىمۇ، ئەرەب دۇنياسىغىمۇ ناتونۇش ئادەمسىز. سالاھىيىتىڭىزنىڭ ئېتىراپ قىلىنىش مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟ ئەدۇنىس: سالاھىيەتنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز. ئادەم مەڭگۈ ئۆز سالاھىيىتىدىن ھالقىشى كېرەك، غەربنىڭ شەرققە سىڭىپ كېتىشى ياكى شەرقنىڭ غەربكە سىڭىپ كېتىشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئادەمنىڭ ئۆزلۈكىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى. ئادەم ھاۋاغا، بوشلۇققا، ئەتىرگۈلگە ئوخشىشى كېرەك. بۇلۇڭدا قاپسىلىپ قالسا بولمايدۇ. مېنى جۇڭگولۇق دېسىڭىز، مۇشۇ يەردىلا تۇرۇۋالسام، قۇدۇقنىڭ تېگىدىكى پاقىغا ئوخشاپ قالىمەن، ئادەمنىڭ ئېڭىنىڭ چېكى بولمايدۇ، ئېچىۋېتىشنىڭمۇ شۇنداق. ئادەم دەرەخكە ئوخشىشى كېرەك، ئۇنىڭ يىلتىزى تۇپراقتا بولسىمۇ، شاخلىرى ھەر تەرەپكە قاراپ باغجانلايدۇ. مۇخبىر: شېئىرىڭىزدا »مەڭگۈ ناتونۇش ۋە ئاسىي بولۇشنى خالايمەن« دەپ يېزىپسىز، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشىمۇ ياكى رېئاللىقنىڭ، شارائىتنىڭ سەۋەبىمۇ؟ بۇنداق سالاھىيەتنىڭ شائىرغا نىسبەتەن قانداق ئەھمىيىتى بار؟ ئەدۇنىس: مەن ئىزچىل بىر يۈز ئۆرىگۈچى. بۇنىڭدا ئۆز تاللىشىمنىڭ تەركىبلىرىمۇ بار. جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش، تېخىمۇ گۈزەل قىلىش ئاسىيلىقىمدىكى مەقسەتتۇر. شېئىر ماھىيەتتىن بۇ دۇنياغا تەنقىدىي نەزەر بىلەن قارايدۇ، شائىرنىڭ رېئال دۇنيانى تولۇقى بىلەن قوبۇل قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، بولمىسا ئۇ شائىر يازغان شېئىرنىڭ قىممىتى بولمايدۇ، ئۈزۈكسىز يۈز ئۆرۈش شېئىرنىڭ ئەڭ تۈپكى نېگىزىدۇر. ناتونۇش ئادەم بولۇش سۈپىتىدە، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن دۇنيانى چۈشىنىمەن، غېرىبلىق ئىچىدە دۇنيانى تونۇيمەن، ئادەملەرنىڭ قايناق ھاياتى ئارىسىدا ھېچنېمىنى كۆرەلمەيمەن. مۇخبىر: ئەرەب زىيالىيلىرى غەرب دۇنياسىغا كەلگەندىن كېيىن ئوخشاش بولمىغان تاللاشلارغا يۈزلىنىدۇ. سىز تەنقىدنى تاللىدىڭىزمۇ؟ ئەدۇنىس: ئادەملەر ئوخشىمىغاندەك، ئۇلارنىڭ تاللىشىمۇ ئوخشىمايدۇ، مۇھىمى ئالماشتۇرۇش ۋە سىردىشىشتۇر. بەزىلەر رادىكال ئىدىيەنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى، ئۇلار مۇئەييەن نەق مەقسەتلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان جەڭچىلەر. يەنە بەزىلىرى غەربنىڭ ئىدىيەسىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، غەرب مۇھىتىغا سىڭىپلا كەتتى. مەن ئۇلارغا ئوخشىمايمەن. سەئىد ئىككىمىز باشقا بىر تۈركۈمدىكى زىيالىيلارغا ۋەكىللىك قىلىمىز، بىز ئەرەب جەمئىيىتىنى تەنقىد قىلىمىز. غەرب جەمئىيىتىنىڭ نۇقسانلىرىغىمۇ تەنقىدىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز، بىز قوش ئۆلچەملىك تەنقىدچىلەر. مۇخبىر: يەر شارىلىشىش دەۋرىدىكى غەرب بىلەن شەرقنىڭ مەدەنىيەت توقۇنۇشىغا قانداق قارايسىز؟ ئەدۇنىس: كۈچلۈكلەر »ئەكېلىش«تىن قورقمايدۇ، قەدىمكىلەردە ھازىرقى مەسىلىلەر بولغان ئەمەس. بۈيۈك كىلاسسىك شائىرلىرىمىزدىن سوراپ بېقىڭ، ئۇلار يەر شارىلىشىشتىن قورقامدىكەن؟ قورقمايدۇ. قەدىمكى ئەرەبلەر ھەتتا يات ئەللەرنىڭ ناتونۇش نەرسىلىرىلا گۈزەل بولىدۇ دەپ قارىغان. قەدىمدە بىز پارسلار ۋە ھىندىلارنىڭ كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلىپ پەخىرلەنگەن، بىزنىڭ نۇرغۇن كىتاب ۋە ئەسەرلىرىمىزنىڭ كېلىش مەنبەسىمۇ باشقا دۆلەتلەر. مەن ھازىرمۇ كۈچلۈكلەردىن بولۇشىمىزنى، دۇنيانىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا رول ئوينىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ دۇنيانى قۇچاقلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز بېرىش بىلەن ئېلىشنىڭ تەڭداش مۇناسىۋىتى، سالاھىيەتنى ئەنئەنە دېگىلى بولمايدۇ، ئۇ مىراسقا ئەمەس، ئىختىرا قىلىشقا باغلىق. مۇخبىر: شېئىر بىلەن ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟ ئەدۇنىس: ئەرەب مەدەنىيىتىدە شېئىرىيەت دىن ۋە سىياسىيدىن مۇستەسنا تۇرىدىغان ئۇلۇغ بىر ھادىسە بار. بۈيۈك ئەدەبىي تەنقىدچى ئەسمايىنىڭ: »شېئىر بىر خىل ئازاب، شېئىرىيەتنىڭ دەرۋازىسىغا يېتىش قەبىھلىك، شېئىر مېھرىبانلىقنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلايدىكەن، ئۇ دەپسەندە قىلىنغان بولىدۇ« دېگەن سۆزى شېئىرنىڭ مۇستەقىللىقىغا تىپىك مىسال بولالايدۇ. مۇخبىر: سىز ئاۋام بىلەن شېئىرنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئۈمىد كۈتمەيدىكەنسىز - دە؟ ئەدۇنىس: ھېچكىممۇ باشقىلار بىلەن ئوخشاش بىر چۈشنى كۆرمەيدۇ، ھېچكىمنىڭمۇ باشقىلار بىلەن ئوخشاش سۆيگۈ - ئازابى، كەچۈرمىشى بولمايدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس، پىنھان روھىي دۇنياسى بولىدۇ. شۇڭا ھەممىلا ئادەم ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان شېئىرنى يازغان شائىر تولىمۇ يۈزە شائىردۇر. ئۇلارنىڭ يازغىنى سىياسىي ھەرىكەتلەر، جەڭگى - جېدەللەر، ۋەز - نەسىھەتلەرنى مەزمۇن قىلغان شېئىرلار بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ دەپ بېرىدىغىنى ئىككىگە ئىككىنى قوشسا تۆت بولىدۇ، دېگەندەك ئاددىي نەرسىلەر. ئۇلار ئاۋام ئاللىقاچان بىلىپ بولغان نەرسىلەرنى يازىدۇ، ئۇلارنىڭ رولى بولسا ئاۋامغا بىلىپ بولغان نەرسىلىرىنى يەنە ئەسكەرتىپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. بىر شائىرنىڭ ھەم ئاۋام شائىرى، ھەم تېرەنلىككە ئىگە شائىر بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ھەقىقىي ئۇلۇغ شائىر ئاددىي ھالدىكى ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى بولۇپ قالماسلىقى، ئۇ ئوقۇرمەننىڭ كەچۈرمىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئۆزىنىڭ ئوي - خىياللىرىنى، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى، سۆيگۈ - مۇھەببىتىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈشى كېرەك. شېئىر مۇھەببەت، ئۆلۈم، ئازاب، ئىزدىنىش، مۇئەمما قاتارلىق تېمىلارنى ئىپادىلىشى كېرەك. شائىرنىڭ مەقسىتى، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا چوڭقۇرلاپ كىرىش بولۇشى كېرەككى، ھەرگىز ئۇچۇر يەتكۈزۈشلا بولۇپ قالماسلىقى لازىم. مۇخبىر: ئادەتتە قانداق چاغدا شېئىر يازىسىز؟ ئەدۇنىس: شېئىر يازىدىغانغا ئايرىم ۋاقتىم يوق، چۈنكى مەن ھەر ۋاقىت شېئىر يازىمەن. ئۈستەلنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ بىر مىسرامۇ شېئىر يازالمايمەن، ماڭا نىسبەتەن ھەرقاچان ۋە ھەر جاي مېنىڭ شېئىر يازىدىغان ئورنۇم ۋە ۋاقتىمدۇر. مەيلى قانداقلا ئىش قىلماي، ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالىمەن، كۆپلىگەن شېئىرلىرىم كوچىدا پىيادە يۈرگەندە يېزىلىدۇ. مۇخبىر: پۈتۈن دۇنيا بويىچىمۇ شېئىرىيەتنىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس. ئوقۇرمەنلىرىمۇ ئازىيىپ كەتتى، سىزنىڭچە بۈگۈنكى كۈندە شېئىرنىڭ قىممىتى نەدە؟ ئەدۇنىس: سەنئەتنىڭ قىممىتى كۆپ ياكى ئازلىق بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ، سەنئەتنىڭ قىممىتىنىڭ سان بىلەن باغلىنىشى يوق. مىليون نۇسخىدىن ئارتۇق سېتىلغان بىر كىتابنىڭ قىممىتى بەلكىم بىر شېئىردىكى بىر ئىماگقا يەتمەسلىكى مۇمكىن، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى كۆپ خىل بولىدۇ. ئادەمنىڭ شېئىرغا بولغان ئېھتىياجى، مۇھەببەتكە بولغان ئېھتىياجىغا ئوخشايدۇ. مۇھەببەت ۋە ئۆلۈملا بولىدىكەن، شېئىرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇقەررەردۇر، شېئىرغا ئاۋامنى چېتىۋالماسلىق كېرەك، مەن بۇنداق ئۆلچەمگە قېتىلمايمەن. |