روماننى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن

يوللانغان ۋاقتى:23-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-5-سان   مۇھەررىر: admin   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
ئاپتورى: خۇدابەردى ئابىخان (تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ مەشھۇر ئەسىرى-مېنىڭ ئىسمىم قىزىل توغرىسىدا) يېقىندا 2007 - يىللىق نوبېل

ئاپتورى: خۇدابەردى ئابىخان

 (تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ مەشھۇر ئەسىرى-”مېنىڭ ئىسمىم قىزىل” توغرىسىدا)

 

يېقىندا 2007 - يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ “مېنىڭ ئىسمىم قىزىل” ناملىق رومانى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. بىز يەنە بىر دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەردىن ھۇزۇرلىنىش بەختىگە مۇيەسسەر بولدۇق. نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ھەقىقەتەن كۆزى بار ئىكەن، ئەگەر ئۇلار بولمىغان بولسا، بىز تۈرك ئەدەبىياتىدا يەنىلا ياشار كامال بىلەن ئەزىز نەسىن خاتىرىسىنى ۋاراقلاپ يۈرەركەنمىز. كاتتىنىڭمۇ كاتتىلىقى بار ئىكەن، مەن بۇ روماننى ئوقۇپ، رومان دېگەننى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن - ھە، دەپ تىلىمنى چاكىلدىتىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە، ئەتراپىمدىكى بەزى ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىكسىز تۇيۇلغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ روماننى تۈگىتىپ ئوقۇپ بولالماي تاشلاپ قويغانلىقىنى ئاڭلاپ ئەپسۇسلاندىم. بۇ كىتابتىكى مەسىلە بولماستىن، بەلكى كىتابخان سەۋىيەسى بىلەن ئەدەبىي ئەسەرلەردىن زوقلىنىش ئادىتىمىزدىكى مەسىلە ئىدى. شۇڭا كىتابنىڭ مېنى ھاياجانغا سالغان، يېڭىلىق تۇيۇلغان تەرەپلىرى ئۈستىدە يۈزەكىي بولسىمۇ توختىلىپ، قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى زۆرۈر تاپتىم.
1. تارىخنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رومان ئىجادىيىتى بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر تارىخىي رومانچىلىق ئىزچىل كىتابخانلارنىڭ يۈكسەك دىققەت نەزەرىدە بولۇپ كەلدى. بۇ جەرياندا “ئىز”، “ئويغانغان زېمىن”، “قۇم باسقان شەھەر”، “ئانا يۇرت”، “باھادىرنامە”گە ئوخشاش خېلى ياخشى ۋە بىر قەدەر ياخشى تارىخىي رومانلار مەيدانغا كېلىپ، ئوقۇرمەنلەرگە بەدىئىي زوق بېغىشلىدى، ئۇلارنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنى ئويغاتتى. لېكىن تارىخىي رومان يېزىش شەرتىنى ھازىرلىمىغان، ھازىرلىغان بولسىمۇ تەييارلىقى تېخى تولۇق پۈتمىگەن بىر قىسىم يازغۇچىلار ئالدىراپ - سالدىراپلا قولىغا قەلەم ئېلىپ، يا تارىخىي چىنلىققا سادىق بولۇشنى، يا بەدىئىي چىنلىققا سادىق بولۇشنى بىلەلمەي، تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىق ئارىسىدا تەمتىرەپ، ھەقىقىي بىر تارىخىي چىنلىق ياكى بەدىئىي چىنلىق يارىتالمىدى. ھەتتا بەزىلەر تارىخىي چىنلىق ئۈستىدە گەپ بولسا، خاتا ھالدا بەدىئىي چىنلىقنى كۆتۈرۈپ چىقتى، بەدىئىي چىنلىق ئۈستىدە گەپ بولسا، تارىخىي چىنلىقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇ ئىككىسىنى بىر - بىرىگە قارىمۇقارشى قىلىپ قويۇشتى. تالاش - تارتىشلار ئۈزۈلمىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تارىخىي روماننى قانداق يېزىش مەسىلىسى تېخى ئۈزۈل - كېسىل ھەل بولۇپ كېتەلمىدى. تارىخىي رومان يېزىشتىكى ھازىرقى نوپۇزلۇق قاراش - تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھاياتىنى تارىخىي چىنلىق ئاساسىدا يورۇتۇپ بېرىش. شۇڭا بىر قىسىم يازغۇچىلار رومان يېزىش ئۈچۈن تارىخنى ۋاراقلاپ، تارىخىي ۋەقەلىك، تارىخىي شەخسلەرنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە. بۇ خىل قاراشنىڭ تەسىرىدە ئوقۇرمەنلەرمۇ خاتا ھالدا تارىخىي رومانلارنى تارىخ ئۆگىنىشتىكى تايىنىدىغان كىتاب سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ، ھەتتا ئۇنىڭدىن تارىخىي نەقىللەرنى ئېلىشىپ سۆزلەپ يۈرۈشمەكتە، بۇ خاتا خاھىشتۇر. بۇ ھال بىر تەرەپتىن، ئەدەبىياتىمىزنى تۇيۇق يولغا قىستىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، كىشىلەرنىڭ تارىخ خاتىرىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئورخان پامۇك تارىخنى باشقىچە يازسىمۇ بولىدىغانلىقىنى سەمىمىزگە سېلىپ قويدى.
“مېنىڭ ئىسمىم قىزىل” - تارىخىي رومان، ئۇنىڭدىن بىز ھېچقانداق بىر تارىخىي شەخس، ئورۇن، خانلىقنىڭ تارىخىي خاتىرىسىنى ئۇچراتمايمىز. ھېچقانداق يىلنامە، كالېندارلىق بايانلارنىمۇ تاپالمايمىز. ئۇنىڭدىكى ھەر بىر ۋەقە، تەپسىلات، ھەر بىر پېرسوناژ، ھەر بىر ئوبرازغىچە ھەممىسى بەدىئىي تەسەۋۇرنىڭ مەھسۇلى −− بەدىئىي توقۇلمادۇر. لېكىن ئۇنىڭدا بايان قىلىنغىنى، تەسۋىرلەنگىنى يەنىلا تارىخ. كىشىلەرگە ئاللىبۇرۇن يادا بولۇپ كەتكەن كالېندارلىق تارىخ ئەمەس، بەلكى بەدىئىي تارىخ. ئۇ كىشىلەرگە تارىخنى ئۆگەتمەيدۇ، بەلكى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭدا يېزىلغىنى ئەنئەنىۋى تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋىلىق بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدىكى تېڭىرقاشلىرى، ئەندىشىلىك خىياللىرى، چالۋاقاشلىرىدۇر. يەنى، ئەنئەنە دۇچ كەلگەن بىر ئۆتكۈنچى تارىخىي دەۋرنىڭ بەدىئىي كارتېنىسىدۇر. ئۇنى كىم تارىخ ئەمەس دېيەلىسۇن؟!
دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخنى يېڭىچە ئۇسۇلدا بايان قىلىشنىڭ تەمىنى ئازراق تېتىپمۇ باققان. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر “قۇم باسقان شەھەر” رومانىنى يېزىشتا ھېچقانداق تارىخىي شەخس ياكى تارىخىي ۋەقەگە مۇراجىئەت قىلمايمۇ، سىمۋوللۇق ئوبرازلار ئارقىلىق تارىخىي تۇيغۇمىزنى ئويغىتىپ، ئۆتمۈش ھەم بۈگۈن ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشىمىزگە تۈرتكە بولغانىدى.
2. باياننى مۇنداق قىلسىمۇ بولىدىكەن
“مېنىڭ ئىسمىم قىزىل” رومانىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بايان قىلىشتىكى ئۆزگىچىلىكىدە.
بىز روماننىڭ بايان مەۋقەسىگە قارايدىغان بولساق، پۈتكۈل بايان باشتىن - ئاخىر بىرىنچى شەخس تىلىدىن بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىزنىڭ بۇرۇنقى بىرىنچى شەخس چەكلىك بايان مەۋقەسىگە قەتئىي ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدا بىز باش پېرسوناژنى ئاساسىي بايانچى قىلىپ تاللاپ، پۈتكۈل باياننى شۇنىڭ نەزەرىدە ۋە كۆزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ قىلاتتۇق. گەرچە بۇ خىل باياندا ئوقۇرمەننى “مەن”نىڭ ئىچكى دۇنياسىغا بىۋاسىتە باشلاپ كىرگىلى بولسىمۇ، بۇ خىل بايان چەكلىك مەۋقەدە بولغاچقا، باياننىڭ ئېھتىياجىدىن تولۇق چىقالمايتتى. بايان مەۋقەسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا، ئۈچىنچى شەخس بايانچى مەۋقەسىنى، بەزىدە گۇۋاھچى مەۋقەلىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ قوللىنىشقا توغرا كېلەتتى. شۇنداقتىمۇ، ئاپتورنىڭ بايانغا ئارىلىشىپ قېلىش خاھىشى كۆرۈلۈپ، باياننىڭ چىنلىق تۇيغۇسى سۇسلاپ كېتەتتى. “مېنىڭ ئىسمىم قىزىل”دا بۇ خىل ئەھۋالنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. بۇ ئەسەردە بايان باشتىن - ئاخىر ئاساسىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئەسەردىن ئاپتورنىڭ سايىسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. بايان باشتىن - ئاخىر پېرسوناژ تىلىدىن بىرىنچى شەخس مەۋقەسىدە بېرىلگەن بولۇپ، بايان قىلىش پۈتۈنلەي پېرسوناژلار ئۈستىگە يۈكلەنگەن.
ئەسەردىكى بارلىق پېرسوناژلار بايانغا بىۋاسىتە قاتناشتۇرۇلۇپ، بايانچى ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇلۇپ تۇرۇلغاچقا، بۇ خىل باياننىڭ سۇبيېكتىپلىقى، بايان مەۋقەسىنىڭ چەكلىمىلىكى بۇزۇپ تاشلىنىپ، باياننىڭ ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان، بايان ئېقىن سۇدەك راۋانلاشقان. ھەر بىر پېرسوناژ ئۆزىنى ئۆزى بايان قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىپادىلەپ، ئۆز ئوبرازىنى ئاپتورنىڭ رەڭ - بوياقلىرىسىز سىزىپ چىققان. بۇ يالغۇز باياننىڭ چىنلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، پۈتكۈل ئەسەر مەزمۇنىنىڭ چىنلىق تۇيغۇسىنىمۇ ھەسسىلەپ ئاشۇرغان.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار