3. قۇرۇلمىدىكى ئۆزگىچىلىك بەدىئىي ئەسەر قۇرۇلمىسى ئاپتورنىڭ بەدىئىي دىتىنى سىنايدىغان بىر سىناق. ئۇ ئاپتورنىڭ ئىجادچانلىقىنىڭ، خاسلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى. قۇرۇلما ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلسا، بايان ۋە سۇژىتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە ئەسەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئېستېتىك ئۈنۈمىنىمۇ ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. “مېنىڭ ئىسمىم قىزىل”نىڭ قۇرۇلما جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكىنىمۇ دۇنياۋى مەشھۇر يازغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك يۇقىرى بەدىئىي دىت ۋە ئىجادچانلىقىنىڭ نامايەندىسى دېيىشكە بولىدۇ. پۈتكۈل ئەسەر 59 ماۋزۇغا بۆلۈنگەن. ھەر بىر ماۋزۇ مەزمۇن جەھەتتىن ياكى ماكان - زامان جەھەتتىن ئايرىلغان تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ياكى سۇژىت بۆلەكلىرى بولماستىن، ھەربىر ماۋزۇ بىردىن پېرسوناژنىڭ ئۆز تىلىدىن بېرىلگەن شەخسىي بايانى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر ماۋزۇ مەزمۇنەن قويۇلغان ماۋزۇ بولماستىن، بەلكى باياننى كىمنىڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنگە ئەسكەرتىپ قويۇش رولىنى ئۆتەيدىغان “مېنىڭ ئىسمىم قارا”، “مېنىڭ ئىسمىم شەكۇرە”، “مەن يېزنە تاغاڭلار”، “مەن ئىت”، “مەن ئورخان”، “مېنى قاتىل دېگۈسى” دېگەندەك پېرسۇناژلارنىڭ ئىسىم - شەرىپىدىن ئىبارەتتۇر. بىر قاراشتا ھەر بىر ماۋزۇدىكى مەزمۇن بىر قەدەر مۇستەقىل، ئالدى - كەينىدىكى مەزمۇنلار بىلەن چېتىشىپ كەتمەيدىغاندەك، ھەتتا (ۋەقە قوغلىشىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەر نەزەرىدە) چېچىلاڭغۇدەك؛ ئاپتور ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايلا 59 بۆلەكنى 59 ماۋزۇ ئاستىغا تىزىپ روماننىڭ قۇرۇلمىسىغا ئاسانلا ئېرىشكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. لېكىن پۈتكۈل سۇژىت قۇرۇلمىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارايدىغان بولساق، قۇرۇلما ئەنئەنىۋى بايانچىلىقتىكى سەۋەب - نەتىجىلىك تەرتىپى بويىچە تەشكىللەنمەستىن، بەلكى ئاساسىي تېمىنى مەركەز قىلغان تولىمۇ مۇرەككەپ، تورسىمان شەكىل ھاسىل قىلغانلىقىنى بايقايمىز. بىز كىتابنى ئېچىپلا بىر جەسەتكە دۇچ كېلىمىز. جەسەت ئۆزىنى بايان قىلىپ، رەزىل بىر قاتىللىقتىن مۇنداق ئۇچۇر بېرىدۇ: مەن ھازىر بىر جەسەت، يەنى قۇدۇقنىڭ تېگىدە ياتقان بىر جەسەتمەن. ئاخىرقى نەپىسىم ئۈزۈلۈپ، يۈرىكىم سوقۇشتىن توختىغىلى خېلى بولغان بولسىمۇ، بېشىمغا كەلگەن ئىشلارنى رەزىل قاتىلىمدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ... ماڭا ئۇ دۇنيانىڭ سىرىنى ئېيتىپ بېرەر دەپ ئىزدەپ يۈرگەن بۇ ئادەمنى ئەمىرتۆمۈرنىڭ لەشكەرلىرى، دۈشمەن دەپ خاتا ئويلاپ قېلىپ، بىر قىلىچ ئۇرۇپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىپتۇ، نەتىجىدە ئۇمۇ ئۇ دۇنيادا ئىنساننىڭ تېنى ئىككىگە پارچىلىنىدىكەن - دە، دەپ ئويلاپتۇ... بۇنداق ئىش يوق. ھەتتا دۇنيادا ئىككىگە بۆلۈنگەن روھلارنىڭ بۇ يەردە بىرلەشكەنلىكىنىمۇ سۆزلەپ بېرەلەيمەن. لېكىن دىنسىز كۇپپارلارنىڭ، خۇداسىزلارنىڭ ۋە شەيتانغا ئەسىر بولغان گۇناھكارلارنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە، خۇداغا شۇكۈركى، ھەقىقەتەن يەنە بىر دۇنيا بار ئىكەن. ھازىر ئۇ يەردىن سىلەرگە قاراپ گەپ قىلىۋاتقانلىقىم بۇنىڭ ئىسپاتى. مەن ئۆلدۈم، لېكىن كۆرۈۋاتقىنىڭلاردەك مەن يوقىلىپ كەتمىدىم. يەنە بىر تەرەپتىن “قۇرئان كەرىم”دە تىلغا ئېلىنغان ئاستىدىن دەريالار ئېقىپ تۇرىدىغان، ئالتۇن - كۈمۈشتىن ياسالغان جەننەت قەسىرلىرىنى ، مېۋىلىرى مەي باغلاپ پىشقان چوڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنى، گۈزەل ھۆر - غىلمانلارنى ئۇچرىتالمىغانلىقىمنى ئېيتىشقا مەجبۇرمەن. لېكىن “ۋاقىئە” سۈرىسىدە ئېيتىلغان جەننەتتىكى شەھلا كۆزلۈك ھۆر - پەرىلەرنى تالاي قېتىم مەستخۇش ھالدا تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئۇلارنى تەسۋىرلەپ سىزغانلىقىمنى ئەمدى تازا ئوبدان ئېسىمگە ئېلىۋاتىمەن. “قۇرئان كەرىم”دە ئېيتىلغىنى ئەمەس، ئىبنى ئەرەبىدەك كەڭ پىكىرلىكلەر ماختاپ بايان قىلغان سۈت، شاراب، شەربەت ۋە ھەسەل ئاقىدىغان تۆت دەريانىمۇ زادىلا ئۇچرىتالمىدىم... ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھايات ھەققىدە ئاز - تولا مەلۇماتى بولغان ھەر بىر مۆمىن زات مەندەك ھالغا چۈشۈپ قالغان بىر بىتەلەينىڭ جەننەت دەريالىرىنى كۆرەلىشى قىيىن بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. (3 - بەت(. بىز بىر تەرەپتىن جەسەتنىڭ ئىككى دۇنيا ھەققىدىكى ۋەزنى تولىمۇ ئېغىر، پەلسەپىۋىلىككە تولغان بۇ بايانلىرىدىن ھاياجان ئىلكىدە چوڭقۇر ئويغا چۆمسەك، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ قاتىللىق ۋەقەسىگە بولغان قىزىقىش، بىچارە جەسەتكە بولغان ھېسداشلىق بىردىنلا بۇ قاتىللىقنىڭ نېمىشقا، نەدە، كىم تەرىپىدىن، قانداق يۈز بەرگىنىنى بىلىشكە تەقەززا قىلىدۇ. ئوقۇرمەن ئۈن - تىنسىز ھالدا بىر سىرلىق دۇنيا، بىر سىرلىق دېلو ئىچىگە سۆرەپ كىرىلىدۇ. دەم ئۇياقتىن، دەم بۇياقتىن بېشارەتلەر بېرىلگەندەك قىلىدۇ، ئىلھاملارمۇ كېلىدۇ، لېكىن سۇژىتنىڭ ئىزچىللىقى يوقىتىلىپ، قۇرۇلما تولىمۇ يوچۇنلاشتۇرۇلغاچقا، ئوقۇرمەن ھە دېگەندە بۇ سىرنى بىلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك بىر تەقەززالىقنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ تور ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ، ھەر خىل پېرسوناژ، ھەر خىل ۋەقەلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، زىددىيەت ۋە خىرىسقا تولغان بىر تارىخىي دەۋر ئىچىگە كىرىپ قالغىنىنى سەزمەيلا قالىدۇ. |