مەن بۇ دۇنيادا ئەڭ ئاخىرقى كۆرگەن نەرسەم ماڭا دۈشمەن بولغان مۇشۇ ئادەم بولۇپ قالغانلىقىدىن مەيۈسلەنگەن ھالدا كۆزلىرىمنى يۇمدۇم. بۇنىڭ كەينىدىنلا يېقىملىق، ئىللىق بىر نۇرنى كۆردۈم. بۇ نۇر ئەمدى پۈتۈن ئاغرىقلىرىمنى توختىتىدىغان ۋە ئۇنتۇلدۇرىدىغان شېرىن ئۇيقۇدەك ئارامبەخش ۋە جەلپكار ئىدى. نۇرنىڭ ئىچىدە بىرىنى كۆرۈپ، كىچىك بالىدەك −− سەن كىم، −− دەپ سورىدىم. بۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، ئۆز قاتىلى ئالدىدا تۇرغان يېزنە تاغىنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز يۇمۇۋاتقان چاغدىكى تولىمۇ مۇرەككەپ، ئېچىنىشلىق ئىدىيەۋى ھېسسىياتى. ھېسسىيات نېمىدېگەن كۈچلۈك، نېمىدېگەن نەپىس، نېمىدېگەن پاساھەت بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن − ھە؟ “ئەڭ ئاخىرقى كۆرگەن نەرسەم، مەيۈسلەنگەن، ئىللىق بىر نۇر، ئارامبەخش، جەلپكار، كىچىك بالىدەك” دېگەن سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى ناھايىتى ئورۇنلۇق قوللىنىلغاچقا، تىل پاساھەت تېپىپ، ئىدىيەۋى ھېسسىيات تولىمۇ نەپىس بىر شەكىلدە كۈچلۈك ئېچىپ بېرىلگەن. يېزنە تاغا بۇ دۇنياغا نەپرەتلىنىپ قاقشاپمۇ كەتمەيدۇ، ئۆلۈمدىن قورقۇپ ۋايساپمۇ كەتمەيدۇ، لېكىن بۇ دۇنيادا ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۆرگەن نەرسىسىنىڭ ئۆزىنىڭ قاتىلى بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ يېرىم قىلىدۇ. بۇ جۈملىدە ھېسسىيات سىلىق - سىپايە ئىپادىلەنگىنى بىلەن تولىمۇ كۈچلۈك. بىرسى، بۇ دۇنياغا قىيالماسلىق ھېسسىياتى، چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى مۇشۇ دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ قاتىلىدىن باشقا نەرسىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ يۇمۇلسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى. يەنە بىرسى، قاتىلغا بولغان كۈچلۈك غەزەپ ۋە نەپرەتلىك ھېسسىياتى. رەھمەتلىك ئانام 12 تۇخۇم ئۈچۈن ئۈچ تەڭگە ساناشقا توغرا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولسا، توخۇلار ھەددىدىن ئېشىپ، بېشىمىزغا شاتىراقلىماستا باشقا بىر يۇرتقا كېتەيلى دېگەن بولاتتى. (11 - بەت(. بەرزاھتىن ئۆتكەنكى ۋە ھازىرقى زاماننى بىرلا ۋاقىتتا كۆرگىلى بولمايدۇ ۋە روھ ئەسلىمىلەرنى داۋاملىق ساقلاپ قالغاندا، ماكان چېگراسى مەۋجۇت بولمايدۇ. لېكىن ھاياتنىڭ بىر تار كۆڭلەك ئىكەنلىكى زاماننىڭ ۋە ماكاننىڭ زىندانلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندىلا چۈشىنىشلىك بولىدۇ... ئوقۇرمەن پەلسەپىۋىلىككە تويۇنغان بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، قانداقتۇر يەنە بىر مەنىلەرنىڭ يوشۇرۇنۇپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ - دە، دەرھال ئارقىسىغا يېنىپ جۈملىنىڭ يوشۇرۇن مەنە قاتلاملىرىغا شۇڭغۇشقا مەجبۇرلىنىدۇ. ماكان - زامان نېمە ئۈچۈن؟ ھايات نېمىشقا تار كۆڭلەك؟ ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھايات... بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ بۇ مەنتىقىسىزلىقمۇ - يە؟ ياق، بۇ مەنتىقىسىزلىق ئەمەس، بەلكى تىلدىكى پاساھەت. بايانچىنىڭ مەۋقەسىدىن ئېيتقاندا، ئۇ ئۆلگەن، لېكىن يوقالمىغان؛ ھايات ئىككى دۇنياغا مەنسۇپ. بۇ دۇنيادىكى ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشى، ئۇ دۇنيادىكى ھاياتنىڭ باشلانغانلىقى. ئۆلۈم ئىككى خىل ھاياتنىڭ پاسىلى. ئۇ دۇنيا جەننەت ۋە دوزاخقا ئايرىلغان. جەننەت بەخت - پاراغەت ماكانى، دوزاخ ئازاب - زۇلۇم ماكانى. جەننەت ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ، دوزاخ گۇناھ - كىبىرلەر ئۈچۈن ھازىرلانغان. بايانچى ئۆزىنى گۇناھكار مۇسۇلمان دەپ قارىغاچقا، جەننەتنى كۆرەلمەسلىكنى ئۆز ھاياتىنىڭ ئۇ ئالەمدىكى مۇقەررەرلىكى دەپ بىلىدۇ. بۇنى پەقەت ئۇ ئالەم ھەققىدە ئاز - تولا بىر نەرسە بىلىدىغانلار چۈشىنىدۇ، دېيىش ئارقىلىق باشتىكى جەننەت دەريالىرىنى كۆرەلمىگەنلىك توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ سەۋەبىنى ئىزاھلايدۇ. ئۇ نېمىشقا ئۆزىنى گۇناھكار ھېسابلايدۇ؟ چۈنكى ئۇ رەسسام، ئۇنىڭ نەزەرىدە “قىيامەت كۈنى تەسۋىرىي سەنئەتچىدىن سىزغان رەسىملىرىگە جان بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. جان بېرەلمىگەندىن كېيىن... ئۇ جەھەننەم ئازابىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ...”(552 - بەت(. ... ماڭا پۈتۈن ئالەم قاتار - قاتار ئىشىكلىرى پۈتۈنلەي ئېچىلغان سانسىز ئۆيلىرى بار بىر سارايدەك تۇيۇلدى. بىر ئۆيدىن يەنە بىر ئۆيگە پەقەت ئەسلىمە، تەسەۋۋۇر بىلەنلا كىرەلەيتتۇق، لېكىن كۆپچىلىكىمىز ھۇرۇنلۇقتىن بۇ ئىقتىدارلارنى ناھايىتى ئاز جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈنلەي بىر ئۆيدە كۈتەتتۇق. (156 - بەت( |