روماننى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن(3)

يوللانغان ۋاقتى:23-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-5-سان   مۇھەررىر: admin   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
گەرچە ئورخان پامۇك دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ نەزەرىدە مىللىي سالاھىيەتكە ئانچىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدىغان، ئۆز

گەرچە ئورخان پامۇك دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ نەزەرىدە مىللىي سالاھىيەتكە ئانچىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدىغان، ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدىن ھالقىپ، ئىنسانىي ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان دۇنياۋى يازغۇچى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىجادىيەتتە مىللىي مۇھىتتىن چىقىپ كېتەلمىگەن. ئەكسىچە، “مېنىڭ ئىسمىم قىزىل” رومانىنى يېزىشتا مەيلى تىل، تېما، سۇژىت ۋە ئوبراز يارىتىشتا بولسۇن، تۈرك تارىخىغا، تۈرك مىللىي تۇرمۇشىغا مۇراجىئەت قىلىپلا قالماستىن، تۈرك مەدەنىيىتى بىلەن غەرب مەدەنىيىتى ئۇچراشقان، توقۇنۇشقان تارىخىي دەۋردىكى دەۋر روھى ۋە مىللىي روھنى چوڭقۇر قېزىپ چىققان.
سۇلتان دىپلوماتىيە ئېھتىياجىدىن يېزنە تاغىغا زامانىۋى ئۇسلۇبتا بىر كىتاب تۈزۈپ چىقىشنى بۇيرۇيدۇ. يېزنە تاغا بۇ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەخپىي ھالدا ئىجادىيەتچىلەرنى تەشكىللەپ، كىتاب تۈزۈشكە كىرىشىدۇ. ئىجادىيەتچىلەر ئارىسىدىكى بىر قىسىم رەسساملار پۇلنى دەپ بۇ ئىشقا قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن كىتاب مەزمۇنى ۋە كىتاب تۈزۈش جەريانىدىكى بۇيرۇتمىلاردىن، ئۆزلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىسىگە ئاسىيلىق قىلىشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، قاتتىق چۆچۈيدۇ ھەم ئۇنى كۇپپۇرلۇق، ئىمانسىزلىق، ئېغىر گۇناھلىق ئىش ھېسابلاپ، بۇ ئىشنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ دەككە - دۈككىگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئۆزىدىن ۋە بۇ كىتابنى تۈزۈشكە قاتنىشىۋاتقان باشقىلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. بۇ مەخپىيەتلىكنىڭ جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن بەكرەك قورققان يەنە بىر رەسسام ئۆزلىرىدىن بەكرەك نەپرەتلىنىپ يۈرگەن، بۇ ئىشنى ئاشكارىلاپ قويۇش خەۋپى بار دېگەن كەسىپدىشى نازاكەت ئەپەندىنى ئۆلتۈرۈپ، بۇ مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ قالماقچى بولىدۇ. ئاخىرىدا كىتابنىڭ ئۆزى بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىكى سالغان ئىزتىراپ يەنە بىر قېتىملىق قاتىللىققا سەۋەب بولىدۇ. كىتاب تۈزۈشكە مەسئۇل بولغان يېزنە تاغىمۇ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئەڭ مەخپىي تۇتقان رەسىملەر ئوغرىلىنىپ، كىتاب تۈزۈش توختاپ، رەسساملار ساھەسى جىنايەت پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. دۆلەتكە، ھاكىمىيەتكە ئېھتىياجلىق بولغان بۇ كىتاب ئاشكارا تۈزۈلمەي، نېمىشقا بۇنچە مەخپىي تۇتۇلىدۇ؟ يالغۇز رەسساملارلا ئەمەس، ھاكىمىيەتمۇ بۇ مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارا بولۇپ قېلىشىدىن نېمىشقا بۇنچە قورقىدۇ؟ ئۇلارنى قورقۇتقان نەرسە زادى نېمە؟ ئۇ نەرسە دەل ئەنئەنىنى قوغداش يولىدا قۇربان بېرىشتىنمۇ قورقمايدىغان خەلق ئارىسىدىكى مىللىي روھ ئەمەسمۇ؟!
ئەسەردە پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىش، خاراكتېرىنى يارىتىشتىمۇ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. بولۇپمۇ، شەكۇرە بىلەن قارانىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ ئىچكى دۇنياسى، خاراكتېر ئالاھىدىلىكى، مۇھەببەت ۋە نىكاھ سەرگۈزەشتىسى گەرچە سۇژىتقا بېرىلگەن بىر بەدىئىي رەڭدەك تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ئۇ تۇرمۇشنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى ھاسىل قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەرەپ. مۇھەببەت ئىنسان ئۈچۈن ئورتاق تۇيغۇ بولغاچقا، ئۇنى تەسۋىرلەشتە كۆپ ھاللاردا قىزغىن ھېسسىياتنى ئىپادىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىنىپ، مىللىي ئالاھىدىلىككە سەل قارىلاتتى. لېكىن بىز بۇ ئەسەردە بۇ خىل ھېسسىياتنىڭ نومۇس تۇيغۇسى، قورقۇش تۇيغۇسىغا ئوخشاش مۇقەددەس تۇيغۇلار ئارقىلىق تىزگىنلىنىپ، ئىسلام ئەقىدىسىنى نېگىز قىلغان مىللىي ئەخلاق مۇھىتىدا پاكىز، ساپ ھېسسىيات خاسلىقىغا ئىگە قىلىنغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
ئۇنىڭدىن باشقىمۇ يۈرۈش - تۇرۇش، يەپ - ئىچىش، ئائىلە، ئۆلۈم - يېتىم، قايغۇ - ھەسرەت، شەرم - ھايا، ئەدەپ - ئەخلاق، دىن ۋە ئېتىقادقا ئوخشاش مىللىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا ئىچكىرىلەپ كىرىش ۋە ئۇنى ئىنچىكە تەسۋىرلەشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىنغان.
ئەسەردە مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنمىگەن بىرمۇ دېتال ياكى سۆز - جۈملىلەرنى ئۇچراتمايمىز. مەسىلەن:

−− ئاغزىڭنى ئاچ، روھىڭ ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسۇن، - دېدى.
−− ئاغزىمدىن بىسمىللادىن باشقا نەرسە چىقمايدۇ، - دەپ جاۋاب قايتۇردۇم ئۇنىڭغا. (382 - بەت(.
ھۇجرامدىكى كارىۋات كۆرپىسىنىڭ قېتىغا تىقىپ قويغان بەلبېغىمنىڭ ئەستىرى ئىچىدىن 22 دانە ۋېنىتسىيە تىللاسىنى ئېلىپ، تىترىگەن قوللىرىم بىلەن ھەميېنىمغا سالدىم. (113 - بەت(.
−− شافى مەزھىپىدىن بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئېرى تۆت يىلدىن بېرى ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلمىگەن بۇ بەختسىز شەكۇرەنى نىكاھتىن ئاجرىتىشىمنىڭ كىتابقا ۋە ئېتىقادىمغا زىت ھېچقانداق تەرىپى يوق، −− دېدى، مۇئاۋىن قازى جانابلىرى. (713 - بەت(.
−− ئى ئاللا، بېشىمىزدىن ئۆز نۇرۇڭنى كەم قىلمىغايسەن، يا رەببىم، −− دېدى بىر چەتتە قاراپ تۇرغان خەيرىيە، −− ئى ئاللا، بىزنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن، يا رەببىم. (331 - بەت(.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ كىشىلەر رىئايە قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي ئەخلاقمۇ مۇقەددەس تۇيغۇلار بىلەن تويۇنغان، ئىسلام ئەقىدىسىنى نېگىز، ئەقىل - ئىدراكنى يېتەكچى، ئىككى ئالەملىك قىممەت سىستېمىسىنى مەنبە قىلغان، مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات جەريانىغا يۇغۇرۇلۇپ، ئۆز - ئۆزىنى تولۇقلاپ، ئۆز - ئۆزىنى يېڭىلاپ، مىللىي توپنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ كەلگەن ئەنئەنىۋى مىللىي ئەخلاق. شۇڭا بىز يۇقىرىدىكى پارچىلارنى ئوقۇۋاتقان چاغدا، سۆزلىگۈچىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، قىممەت قارىشى، ھايات - ماماتلىق ئېڭى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز. بۇ بىزدىكى پېرسوناژلارنى ئىسمىغا باغلاپ چۈشەنمىسە ئۇلارنىڭ كىملىكىگە ئېنىق ھۆكۈممۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا روشەن بىر سېلىشتۇرما. بۇ ھەرگىزمۇ ئەسەرنىڭ ئۇ - بۇ يېرىدىن تېپىلىدىغان مىسال ياكى ئاپتور زورلاپ كىرگۈزۈپ قويغان مەزمۇن ئەمەس، بەلكى خېمىرنى ھاسىل قىلغان سۇدەك ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا باشتىن ئاخىر سىڭىپ كەتكەن، پېرسوناژنىڭ ھەر بىر سۆز - ھەرىكىتى، ئوي - خىيالى، خۇشاللىق - خاپىلىقلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈۋاتقان مىللىي تۇرمۇش ئومۇمىيىتى. شۇڭا، بۇ ئەسەر مەيلى قايسى مىللەت تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيانىڭ مەيلى قەيىرىدە بولمىسۇن ئوقۇرمەنلىرىنى ئۆزىگە ھەم تونۇش، ھەم ناتونۇش بىر ئېستېتىك دۇنياغا باشلاپ كىرەلەيدۇ. ئۇلارغا بولغان تونۇش دۇنيا ئىنسانىي ئورتاقلىقتىن كەلگەن بولسا، ناتونۇش دۇنيا دەل مىللىي خاسلىقتىن كەلگەن.
5.تىلدىكى پاساھەت ۋە ھېسسىيات
ئەدەبىي ئەسەر تىلىنىڭ پاساھەتلىك بولۇشى، جانلىق، ئوبرازلىق بولۇشتىن باشقا، تىلنىڭ توغرىلىق، دەللىك، مەنىدارلىق تەرەپلەردە تويۇنۇپ، جۈملىدىكى شۇ سۆزنىڭ ئورنىنى يەنە بىر سۆز ياكى ئۇقۇم ئالالمايدىغان دەرىجىدە بىرىكىپ، سۆزلىگۈچىنىڭ مۇددىئاسىنى ئەڭ توغرا، ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە يېقىشلىق قىلىپ ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاتاقلىق يازغۇچى مۇپاسسان بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: “بىر يازغۇچىنىڭ نېمىنى تەسۋىرلىشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت شۇنىڭغا مۇناسىپ بىر سۆزنىلا ئىشلىتىش، بىر پېئىلنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوبيېكتنى جانلىق قىلىش، بىر سۈپەت بىلەنلا ئوبيېكتنىڭ ماھىيىتىنى روشەنلەشتۈرۈش كېرەك.” مىسال ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر نەچچە جۈملىنى كۆرۈپ باقايلى:




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار