رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ماڭا نېمىلەرنى بەردى
يوللانغان ۋاقتى:01-07-2011
مەنبە: تارىم 2010-12-سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
رۇس ئەدەبىياتى قانداق قىلىپ قىسقىغىنە يۈز نەچچە يىل ئىچىدە بۇنداق زور ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلىدى؟
ئاپتورى: مۇھەممەد پولات
رۇسلار ئەسلىي شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىدىكى كەڭ، مۇنبەت زېمىنىدا تارقاق ياشاپ كەلگەن بېكىنمە ھالەتتىكى بىر مىللەت ئىدى. ئۇلار 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا موڭغۇل، تاتارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق مەركەزلەشكەن بىرلىككە كەلگەن مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇردى. ئىمپېراتور پىتىر17Ⅰ- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يېڭى ئىسلاھات ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ رۇسىيەنىڭ بېكىنمە دەرۋازىسىنى ئېچىپ، تەرەققىي قىلغان ياۋروپا ئەللىرى بىلەن نورمال ئىلىم - پەن ۋە سودا - سېتىق مۇناسىۋىتىنى تىكلەپ، قالاق رۇسىيەنى يېڭىچە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يولىغا باشلاپ كىردى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىدە يۈز بەرگەن بۇ خىل يېڭى ئۆزگىرىش ئىلغار مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئومۇملىشىشىنى تەبىئىي ھالدا ئىلگىرى سۈردى. 1739 - يىلى تۇنجى ئەۋلاد رۇس ئالىمى، بىرىنچى رۇس تىلى گىرامماتىكىسىنىڭ تۈزگۈچىسى لومونوسوف تۇراقلىق شېئىرىي ۋەزىندە يېزىلغان ئاجايىپ ئەسىرى «ئويلىنىش ھەققىدە قەسىدە»نى ئېلان قىلدى. ئەمدىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلار تەبىقىسىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلاپ، ئۇلارنىڭ يېڭى رۇس ئەدەبىياتىنى يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئويغاتقان بۇ ئەسەر رۇس يازما ئەدەبىيات تارىخىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ئارىدىن بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ، رۇسىيەنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. بېلىنىسكىينىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا رۇس مەدەنىيىتى بۇ ۋاقىت ئىچىدە «بىر نەچچە ئەسىرلىك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ» ياۋروپانىڭ ئىلغار مەدەنىيەتلىك ئەللىرى بىلەن ھۆسن تالىشالايدىغان دەرىجىگە يەتتى. رۇس ئەدەبىياتى گۆدەكلىكتىن قىرانلىق دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، ئۆزىنىڭ ھەرقايسى تۈر ۋە ژانىرلىرى بويىچە ئورتاق گۈللىنىش ھالىتىگە كىرىپ، رۇس خەلقىنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ياراتقان ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولۇپ قالدى. ئۆزىنىڭ سەكرىمە خاراكتېرلىك بۇ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئاجايىپ يېڭى ئەقلىي كارامەتلەرنى يارىتىپ كىرىلوف، پۇشكىن، گوگۇل، بېلىنسكىي، گونچاروف، لىرمونتوف، نېكراسوف، تۇرگېنىف، دوستويېۋسكى، ئوستىروۋېسكى، سالىتكوف - شىدرىن، چېرنىشۋىسكىي، دوبروليوبوف، گىرېتسېن، تولىستوي، چېخوف، كورولىنكوغا ئوخشاش دۇنياۋى تالانتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ياۋروپا تەنقىدىي رېئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى.
رۇس ئەدەبىياتى قانداق قىلىپ قىسقىغىنە يۈز نەچچە يىل ئىچىدە بۇنداق زور ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلىدى؟
رۇس ئەدەبىياتى تۇغۇلۇشى بىلەنلا ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئىزدىنىشىدە رۇس تۇرمۇش بىرلىكىنى باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇتتى. ئۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي تۇرمۇش مەنزىرىلىرىدىن تېما ۋە مەزمۇن ئېلىپ، ئۇنى رۇس خەلقىنىڭ ئەسىرلىك غايە ۋە ئارمانلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، رۇس خەلقىنىڭ ھايات نەپىسى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان يېڭى ئىجادىي ئەسەرلەرنى يارىتىپ رۇس روھىيىتىنىڭ مەزمۇن ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى. شۇڭا بۇ ئەسەرلەر رۇس خەلقىنىڭ تۇيغۇ ۋە ئېڭىغا چوڭقۇر سىڭىشكەن مەنىۋى ئېنىرگىيەگە، رۇس خەلقىنىڭ قانداق ياشاپ، قانداق كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى روشەن يورۇتۇپ بېرىدىغان بەدىئىي ئەينەككە ئايلىنىپ، چەت ئەل كىتابخانلىرىنىڭمۇ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
رۇس ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ شەكىللىنىپ راۋاجلىنىش جەريانىدا رۇس فولكلورىنىڭ ئىجادىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئىلغار ئەدەبىي تەركىبلەرنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بەدىئىي رەڭدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، تېماتىك مەزمۇن دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. رۇس خەلقى يازما ئەدەبىياتى شەكىللىنىپ راۋاجلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ساددا پىكىر ۋە تەپەككۇرىغا تايىنىپ، ئاجايىپ باي ۋە گۈزەل فولكلور جەۋھەرلىرىنى يارىتىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىي ئارزۇلىرىنى ئۆزگىچە بىر خىل فانتازىستىك تۈستە ئەكس ئەتتۈرۈپ كەلگەن. بۇ خىل چۆچەك، داستان ۋە رىۋايەتلەر ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ، ئۇلارنىڭ پىكرى ۋە روھىغا چوڭقۇر سىڭىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. رۇس ئەدەبىياتى ئۆز تەرەققىياتىدا خەلق فولكلورىنىڭ بەدىئىي ئىپادە قىلىش ۋاسىتىلىرىدىكى ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن خىيال ۋە فانتازىيە بىپايانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ پىكىر ۋە تەپەككۇر يوللىرىنى كېڭەيتىپ فولكلوردىكى مىللەت ئەنئەنىسى بىلەن خەلق روھىنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزىنىڭ بەدىئىي مەزمۇن خەزىنىسىگە قوشۇۋەتتى. بىر قىسىم رۇس يازغۇچى، شائىرلىرى ھەتتا خەلق فولكلورىدىكى بەدىئىي مەزمۇنلارنى توغرىدىن - توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ يېڭى ئىجادىي تەپەككۇرىدا تاۋلاپ، پۈتۈنلەي يېڭى ئىجادىي بەدىئىي ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بىز پۇشكىن بىلەن لېرمونتوفنىڭ بەزى داستان، شېئىرىي چۆچەكلىرى بىلەن گوگۇل ۋە شىدرىننىڭ بىر قىسىم ھېكايە ۋە چۆچەكلىرىگە نەزەر سالساق بۇ خىل ئەھۋالنى ناھايىتى ئوبدان ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. رۇس ئەدەبىياتى بىلەن بىللە تۇغۇلۇپ بىللە راۋاجلانغان رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىش نۇقتىسىنى ھەرقاچان ئۆزىنىڭ مىللىي ئەدەبىياتنىڭ مەركىزىگە قويۇپ، ئۇنىڭدا پەيدا بولۇۋاتقان ھەر بىر يېڭى يۈزلىنىش ۋە يېڭى ھادىسىلەرنى ئىلمىي ھالدا چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەدەبىي ئىجتىمائىي ئەھمىيىتىنى روشەن يورۇتۇپ، رۇس ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. رۇس ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن ھەر بىر يېڭى ئىجادىي ئەسەرنىڭ بەدىئىي ئېستېتىك قىممىتىنى قىزغىن مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كىتابخانلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئومۇمىي ئېتىبارىنى قوزغاپ، ئۇنى رۇس ئەدەبىياتىدا مۇئەييەن ئەدەبىي ئورۇنغا ئىگە قىلدى.
رۇس ئەدەبىياتى ئۆز تەرەققىياتىدا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەقلىي كۈچىگە تايىنىش ئاساسىدا ياۋروپا ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئىلغار ئىلمىي بەدىئىي تەركىبلىرىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بەدىئىي پىكىر ۋە بەدىئىي ماھارەت يوللىرىنى كېڭەيتىپ، رۇس خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا يۈز بېرىۋاتقان ھەرقانداق يېڭى ماھىيەتلىك ۋاقە، ھادىسلەرنى خالىغان ۋاقتىدا ئۆز ئارزۇسى بويىچە پۈتۈنلەي ئەركىن ۋە ئازادە ھالدا قەلەمگە ئالالايدىغان ئىجادىي مۇكەممەللىك پەللىسىگە كۆتۈرۈلدى.
رۇسىيەنىڭ ئەينى يىللاردىكى «زامانداشلار»، «ۋەتەندىن خەتلەر» «قۇتۇپ يۇلتۇزى»، «تىلىسكوپ» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئەدەبىي ژۇرناللىرىدا ئەدەبىياتنى پىششىق بىلىدىغان، مۇئەييەن ئىجادىيەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان بېلىنسىكىي، گىرېتسېن، نېكراسوف، شىدرىن، دوبروليوبوف، چېرنىشېۋسكىيگە ئوخشاش تاللانغان ئەدىبلەر تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىدى. ئۇلار ھەرقانداق مەزھەپ ۋە مەنپەئەت قارىشىدىن خالىي ھالدا، رۇس ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن ھەرقانداق بىر تالانتلىق ئاپتورنى ئۆز ۋاقتىدا بايقاپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆز ژۇرناللىرىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئىجادىي ئىستىقبالى ئۈچۈن كەڭ بەدىئىي زېمىن ھازىرلاپ بەردى.
مېنىڭ رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى بىلەن دەسلەپ تونۇشۇشۇم 50 - يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا بېلىنسكىي بىلەن دوبروليوبوفنىڭ تاشكەنت «شەرق ھەقىقىتى» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان تاللانغان ماقالە توپلاملىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن باشلاندى. ئۇلاردىكى پۇشكىن، گوگۇل، تۇرگېنېف ۋە ئوستىروۋسكىيلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھەققىدە ئېيتىلغان ئاجايىپ پىكىر ۋە كۆز قاراشلار مەندە ئەدەبىي تەنقىدكە بولغان دەسلەپكى قىزىقىش تۇيغۇسىنى ئويغاتتى. كېيىنچە مەن ئۇلارنىڭ باشقا ئەسەرلىرى بىلەنمۇ تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقتىم. بۇ يىللاردا ماڭا رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ يەنە بىر مەشھۇر نامايەندىسى بولغان چېرنىشېۋسكىينىڭ ئاجايىپ ماقالىلىرىمۇ دائىم ھەمراھ بولۇپ كەلدى. رۇس ئەدەبىياتى بىلەن رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ھەققىدىكى ئەقلىي چۈشەنچەم بېيىپ يېڭىلانغانسېرى مېنىڭ رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئېتىقادىم شۇنچە كۈچىيىپ باردى. مەن ئۇنىڭدىن رۇس ئەدەبىياتىغا ئوخشاشلا روھىي لەززەت ھېس قىلىدىغان بولدۇم، بۇ ھەقتىكى ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش قىزغىنلىقى كېيىنكى كۈنلەردە مېنى رۇس سوۋېت ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ تۆھپىكارلىرى بولغان گوركىي، لوناچارىسكى، بىلاگوي ۋە يىرمولىيوفلارنىڭ ئاجايىپ ماقالىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇردى. ئاخىر مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىمكى، رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى رۇس مىللەت ئەدەبىياتى ھەققىدىكى ھەممە ئىجادىي پىكىر ۋە كۆز قاراشلارنى ئۆزىگە يىغقان، بەكمۇ باي ۋە رەڭدار سەلتەنەتلىك بىر ئىلمىي خەزىنە ئىكەن. سىز ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك ھەممە نەرسىنى تاپالايدىكەنسىز. ئۆز مىللىي ئەدەبىياتىڭىزنى قانداق تونۇشنى، ئۇنىڭدا بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭى ئەدەبىي ھادىسىلەرنى قانداق چۈشىنىشنى، ئۇلارنى قانداق مۇھاكىمە قىلىپ قانداق يەكۈنلەشنى ئۆگىنىۋالالايدىكەنسىز. قەلبىڭىزدە ئۆز مىللىي ئەدەبىياتىڭىزغا، ئۇنىڭ يېڭىچە ئىجادىي ئىستىقبالىنى يارىتىۋاتقان تالانتلىق ئەدىبلىرىڭىزگە بىر خىل تەبىئىي ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت تۇيغۇسى پەيدا بولىدىكەن.
دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ جاھان ئەدەبىياتىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ئەدەبىيات نەزەرىيە تەتقىقاتى يېڭى ئىلمىي مەزمۇنلار ئۇپۇقىغا كېڭىيىپ، ئەقلىڭىزنى لال قىلىدىغان بىر مۇنچە يېڭى سەلتەنەتلىك بەدىئىي ئىلمىي كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن مېنىڭ رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ قۇدرەتلىك ئىلمىي نەزەرىيەۋى كۈچىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئېتىقادىم قىلچىمۇ تەۋرىمىدى. نېمىشقا شۇنداق؟ مېنىڭچە دۇنيادىكى باشقا بىرەر دۆلەتنىڭ مىللىي ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ساپ ئەدەبىيات مۇھاكىمىسى ساھەسىدە رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئىلمىي يۈكسەكلىكى پەللىسىگە تېخى يېتەلمىدى.
رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى قايسى ئىلمىي پەزىلەتلىرى بىلەن مەندەك بىر تەلەپچان تەنقىد ھەۋەسكارىنى بۇنچىلىك دەرىجىدە ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالالىدى؟ رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئۆز ئىلمىي ئىزدىنىشىدە دەللىك ۋە كونكرېتلىقنى ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس ئىلمىي مىزانى قىلدى. ئۇ ھەرقاچان ئۆز مىللىي ئەدەبىياتىدىكى شائىر، يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت يولى ۋە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇنىڭدا يارىتىلغان بەدىئىي پىكىر ۋە بەدىئىي رەڭدارلىققا تويۇنغان ئىجادىي ئەسەرلەرنى مۇھاكىمە قىلىشنى ئۆزگەرمەس ئىلمىي مەجبۇرىيىتى دەپ بىلىپ، ئۇلارنى مەزمۇن ۋە بەدىئىيلىك تەرەپلەردە ئىنچكە ۋە كونكرېت تەتقىق قىلىپ، ئۇلاردىن ھەقىقىي ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولغان قانۇنىيەتلىك نەرسىلەرنى تېپىپ چىقىپ ئۆز مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ بەدىئىي سەلتەنىتىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇردى. ئۇ ھەممە نەرسىدە رۇس خەلقىنىڭ مىللىي تۇرمۇشى بىلەن ئۇنىڭ مىللىي روھى ۋە مىللىي تۇيغۇسىنى ئاساس قىلىپ، مۇشۇ ھاياتىي يادرونى ئۆزىدە بەدىئىي ھالدا گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلىگەن ھەرقانداق ئاپتور ۋە ئەسەرنى باشقا ھەر قانداق تاشقى ئامىللار بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي مۇناسىپ شان - شەرەپ مۇنبىرىگە كۆتۈردى. ئۇ ئۆز مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ بەدىئىي مۇھىتىدا يېتىلگەن پۇشكىن بىلەن نېكراسوفنى، ئوستروۋېسكىي بىلەن چېخوفنى، بايرون بىلەن گىيوتىدەك شېئىرىيەت يۇلتۇزلىرى پارلاپ تۇرغان، شېكېسپېر بىلەن مۇپاسساندەك دىراما ۋە ھېكايىچىلىقنىڭ يىقىلماس بەدىئىي مۇنارلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئەھۋالدىمۇ قىلچە ئىككىلەنمەي ئۇلارنى دۇنياۋى ئەدىبلەر قاتارىدا ئۇلۇغلىدى. بۇ نېمە؟ بۇ رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي روھى ۋە ھېچقاچان ئۆچمەيدىغان مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى!
رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى مەزمۇن ۋە شەكىل يېقىدىن بىر مۇنچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇرەككەپ، لېكىن پىكىر يۆنىلىشى ئېنىق، شەكلى ھەرىكەتچان، لېكىن تۇراقلىق بولۇپ مۇھاكىمىلىرى سالماق ۋە جىددىي ئىلمىي تۈسكە ئىگە. ئۇنىڭدا كىشىنى زېرىكتۈرىدىغان سۆرەلمە، نەزەرىيەۋى بايانلار، مەزمۇن يادروسى ئېنىق بولمىغان ئارىلاشما پىكىر ۋە كۆز قاراشلار، مۇھاكىمىگە ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان ھەممە بىلىدىغان سوتسىيولوگىيەلىك مەلۇماتلار يوق. تىلى ساددا، ئېنىق، ئېقىن سۇدەك راۋان بولۇپ، قويۇق بەدىئىي پۇراققا ئىگە. شۇڭا سىز ئۇنى خۇددى يېڭى بىر بەدىئىي ئەسەر بىلەن ئۇچراشقاندەك تەشنالىق بىلەن ھۇزۇرلىنىپ ئوقۇيسىز. مۇنۇ قۇرلارغا نەزەر سېلىپ كۆرۈڭ:
»ھاياتتىكى ھەر بىر گۈزەل نەرسە ئۆز قەدىر - قىممىتىنىڭ قۇربانى بولۇشى لازىم. شۇڭا تىراگېدىيەنىڭ مەزمۇنى بۈيۈك ئەخلاقىي ھادىسىلەر ئالىمىدۇر. پەقەت ئالىي تەبىئەتلىك كىشىلەرلا تىراگېدىيەنىڭ قەھرىمانى ياكى قۇربانى بولالايدۇ»، »كومېدىيەنىڭ مەزمۇنى ئەقلىي زۆرۈرىيەتتىن خالىي بولغان تاسادىپىيلىقلار، شەپىلەر دۇنياسى، ياكى ئادەتتە باردەك كۆرۈنىدىغان، ئەمەلدە بولسا مەۋجۇت بولمىغان ھادىسىلەر ئالىمىدۇر. تىراگېدىيەنىڭ تەسىرى روھنى تىترىتىدىغان مۇقەددەس دەھشەتتۇر. كومېدىيەنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى بولسا شوخ كۈلكىدۇر. تىراگېدىيە ھاياتنىڭ تار دائىرىسىدىكى يۈكسەك مەزگىللەرنى، قەھرىمان ۋەقەلىكىنىڭ شائىرانە ھالەتلىرىنى ئۆزىگە يىغسا، كومېدىيە كۈندىلىك ھاياتنىڭ ئاددىي كۆرۈنۈشلىرىنى، ئۇنىڭ ئۇششاق - چۈششەكلىرىنى، تۇرمۇش تاسادىپىيلىقلىرىنى ئۆزىگە توپلايدۇ. شۇڭا تىراگېدىيە ئەدەبىيات قوياشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر. تىراگېدىيە مۇشۇ نۇقتىغا يەتكەندە ئۆز بەدىئىي ھالىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە كۆتۈرۈلىدۇ. كومېدىيە ھالىتىگە ئۆتكەندە بولسا ھەممە نەرسە پەسىيىپ ئەسلىي ھالىتىگە قايتىدۇ.» بۇ يەردە ئاپتور تىراگېدىيە بىلەن كومېدىيەنىڭ بەدىئىي مەزمۇنىنى ھېس - تۇيغۇ ئېقىمىنىڭ خاسلىقى، ئۇنىڭ دولقۇنلۇق ھالەتكە كۆتۈرۈلۈپ، ئادەتتىكى مەيىن ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشكە قايتىشىدىن ئىبارەت مەنتىقىلىق ئۆزگىرىشى بويىچە بايان قىلىۋاتىدۇ. كىشىنى بەكمۇ قايىل قىلىدىغىنى شۇكى، بېلىنىسكىي مۇشۇنداق ئىنچىكە، مۇرەككەپ بىر ئىلمىي مەسىلىنى بەكمۇ ئاددىي، بەكمۇ يىغىنچاق بىر تۈستە مەزمۇن يادروسى ئېنىق، پىكىر يۆنىلىشى روشەن بولغان بىر خىل راۋان تىل بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئېنىقكى بۇ قۇرلار بىلەن بىرلا قېتىم ئۇچراشقان ھەرقانداق بىر ساۋاتلىق كىتابخان ئىلمىي تەدبىر تۈسىنى ئالغان بۇ يېڭى ئىجادىي پىكىرلەرنى ھەرقانداق ئىزاھ ۋە شەرھلەرسىزمۇ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ئالالايدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ روھىي مەزمۇنىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر مۇھەببەت قويۇشۇمغا سەۋەب بولغان مۇنداق ئاجايىپ بىر دەلىلمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدە ئىجادىي ئەسەرلىرى دائىم مۇھاكىمە قىلىنىدىغان بىر گۇرۇپپا تالانتلىق ئەدىبلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى »شەرق ھەقىقىتى»، »يېڭى ھايات» نەشرىياتلىرى بىلەن ئېلىمىز مەتبۇئاتلىرىدا ئۆلچەملىك تەرجىمىسى بىلەن نەشر قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت. ئالدىراش تۈزۈلگەن مۇنۇ تولۇقسىز رويخەتكە قاراڭ:
كىرىلوف «مەسەللەر»، پۇشكىن: «كاپىتان قىزى»، «دوبروۋسكى»، «بىلكىن قىسسەلىرى»، «پولتاۋا» »سىگانلار»، «باغچاساراي فونتانى»، «بېلىقچى بوۋاي بىلەن ئالتۇن بېلىق ھەققىدە چۆچەك»، «يەتتە باتۇر ۋە ئۆلۈك مەلىكە ھەققىدە چۆچەك»، گوگۇل: «ئۆلۈك جانلار»، «تاراس بولبا»، «مىرگورود»، «رىۋىزور»، «ئويلىنىش»، «شىنىل»، لېرمونتوف: «زامانىمىزنىڭ قەھرىمانى»، «شېئىر ۋە داستانلار»، تۇرگېنېف: «ھارپا»، «ئاتا ۋە بالىلار»،«ئوۋچى خاتىرىلىرى»، «مومو»، شىدرىن: «جانابى گولوۋيېفلار»، «چۆچەكلەر»، گىرېتسېن: «كىم ئەيىبلىك»، «ئوغرى سېغىزخان»، تولستوي: «ئانناكارىننا»، «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»، «تىرىلىش»، «ھاجى مۇراد»، «سىۋاستوپول ھېكايىلىرى»، «كاپكاز تۇتقۇنى»، «ھېكايىلەر»، چېخوف: «ئالچىزارلىق باغ»، «ئالتىنچى پالاتا»، «ھېكايىلەر»، «تاللانغان ھېكايىلەر» كورولىنكو: «تىلسىز»،«قارىغۇ مۇزىكانت». گ−وركىي: «ئانا»، «فوما گوردىيېف»، «ئارتامانوفلارنىڭ ئىشى»، «بالىلىق»، «كىشىلەر ئىشىكىدە»، «مېنىڭ دارىلفۇنۇنلىرىم»، «ئامېرىكىدا» «ۋ. ئى لېنىن«، «بوران قۇش قوشىقى»، «لاچىن قۇش قوشىقى»، «ھېكايىلەر»، «تاللانغان ھېكايىلەر»، «ئەدەبىيات توغرىسىدا». مانا قاراڭ ئەھۋال مانا مۇشۇنداق، مۇبادا سىز رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ دائىمىي مۇھاكىمە تېمىسى بولغان بۇ ئەسەرلەر بىلەن ئانا تىلىڭىز ئارقىلىق بىۋاسىتە ئۇچراشقان بولسىڭىز ئۇلار ھەققىدىكى ھەرقانداق بىر ئىلمىي مۇھاكىمىنىڭ روھى ۋە مەزمۇنىنىڭ سىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزغا ئالاھىدە بىر خىل ئەقلىي لەززەت بىلەن تەبىئىي ھالدا سىڭىشىپ كېتىدىغانلىقى ئۆز - ئۆزىدىن ئېنىق ئەمەسمۇ؟
رۇس ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بولغان پەيلاسوپ تەنقىدچى بېلىنىسكىي بىلەن چېرنىشېۋسكىي ئالاھىدە شۆھرەتلىك ئورۇنغا ئىگە. چۈنكى ئۇلار ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ ئىلغار مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ بىرى بولغان رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىدا باشتىن - ئاخىر يېتەكچىلىك ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ئۇلار رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدە قېلىپلاشقان ئەنئەنىۋى سەنئەت قاراشلىرىدىن قول ئۈزۈپ ئۆزلىرىنىڭ زامان تەرەققىياتىغا مۇناسىپ بولغان يېڭىچە پىكىر يوللىرىنى ئاچتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلغار ئىجادىي بەدىئىي ئېستېتىك قاراشلىرى بىلەن ئەينى دەۋر رۇس ئەدەبىياتشۇناسلىقىغا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك يېڭىلىق ۋە ئۆزگىرىش ئېلىپ كىرىپ، رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ بىر دەۋرلىك تارىخىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ھەممە ماھىيەتلىك تەرەپلىرى بىلەن باغلانغان باي ۋە مۇرەككەپ ئىلمىي ئىزدىنىش پائالىيەتلىرى بىلەن رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئەينى يىللاردىكى رېئال ھالىتىنىلا ئەمەس، ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات مەنزىرىسىنىمۇ روشەن يورۇتۇپ بەردى.
بېلىنىسكىي 1811 - يىلى ھەربىي دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا كىروپوستنويلۇق تۈزۈم تەنقىد قىلىنغان سەھنە ئەسىرى يازغىنى ئۈچۈن مەكتەپتىن ھەيدەلگەن. بىر مەزگىللىك سەرگەردانلىق ھاياتىدىن كېيىن ئەدەبىي تەنقىدچىلىك پائالىيىتىگە كىرىشكەن. ئۇ قىسقىغىنە 37 يىللىق ھاياتىدا 1000 پارچىدىن ئوشۇق ماقالە يېزىپ، رېئالىزملىق ئەدەبىيات نەزەرىيەسىنى بېيىتىپ، رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى تىكلەپ، رۇس مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.
بېلىنىسكىينىڭ ئەدەبىي تەنقىد پائالىيىتى ئەدەبىيات ۋە ئېستېتىكا ئىلمىنىڭ ھەممە ساھەسى ۋە رۇس ئەدەبىياتى تەرەققىيات تارىخىنىڭ پۈتۈن جەريانى بىلەن تۇتاشقان. ئۇ ئۆز كەسپىي ساھەسىدە بىر ئۆمۈر ئىزدىنىپ ۋە تىنىمسىز تەتقىق قىلىپ بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ مەزمۇن ماھىيىتى، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى، بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىك ۋە خەلقچىللىق پىرىنسىپى، بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ تۈر ۋە ژانىرلارغا بۆلۈنۈشى، ئىجادىيەتتە خىيال ۋە فانتازىيەنىڭ رولى، رۇس ئەدەبىياتىنىڭ تەرققىيات تارىخى، ئۇنىڭدىكى مەشھۇر ئەدىب ۋە مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى قاتارلىق تەرەپلەردە يېتەكچى خاراكتېرلىك بىرمۇنچە يېڭى، ئىجادىي، ئىلمىي پىكىر ۋە خۇلاسىسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە «زامانىمىزنىڭ قەھرىمانى. م. لېرمونتوف ئەسەرلىرى»، «تەنقىد ھەققىدە نۇتۇق»،«ئەدەبىيات ۋە فانتازىيە»، «بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ژانىر ۋە تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى»، «رۇس ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر» ناملىق يىرىك ماقالىلىرى تولىمۇ مەشھۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ «رۇس ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر» ناملىق ئەسىرىدە بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىك ۋە ئىجادىيلىق پىرىنسىپىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىدۇ. بېلىنىسكىينىڭ قارىشىچە ئەدەبىياتنىڭ مىللىيكى ئۇنىڭ باشقا بارلىق مەنىۋى پەزىلەتلىرىنىڭ تەقدىر ۋە ئىستىقبالىنى بېكىتىدىغان تۈپ خۇسۇسىيىتى، ئەدەبىيات قانچە مىللىي بولسا ئۇ ئۆز مىللىتى خەلقىگە شۇنچە يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭ قەلب تۆرىدىن شۇنچە چوڭقۇر ئورۇن ئالالايدۇ. باشقا مىللەت خەلقلىرىمۇ بۇنداق ئەدەبىياتتىن شۇ خەلقنىڭ ھايات يولى، تۇرمۇش ئادىتى، مەنىۋى، روھىي ھالىتى، پىكىر - خىياللىرى تەرەپلەردىكى خاسلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، شۇ خەلققە ئالاھىدە بىر خىل غايىۋى مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن قارايدىغان بولىدۇ، مانا بۇ مىللىي ئەدەبىياتنىڭ دۇنياۋىلىشىشنىڭ باشلىنىشىدۇر.
بېلىنىسكىي بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىكى پىرىنسىپنى ئۇنىڭ ئادەتتىكىچە بىر بەدىئىي تەلىپى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بەدىئىي ئىجتىمائىي قىممىتىنى بەلگىلەيدىغان ھەممە بەدىئىي بارلىقى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ مىللىيلىكنىڭ ھەر قانداق بىر ئەسەرگە خۇددى تاموژنا تامغىسىدەك روشەن بېسىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداق بولسا بەدىئىي ئەدەبىياتتا مىللىيلىككە ئېرىشىشنىڭ تۈپ يولى نېمە؟ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مىللىي تۇرمۇش بىرلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنى مىللىي روھنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشلىرى ئىچىدە ئوبرازلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىشى، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ھەرقانداق ۋاقىتتا مىللىي تۇرمۇشنىڭ خاسلىققا ئىگە بولغان ئەڭ تىپىك ماھىيەتلىك كۆرۈنۈشلىرىنى قەلەمگە ئېلىپ ئۇلارنىڭ مەزمۇن ماھىيىتىنى پۈتۈن نەسلى - ۋەسلى بىلەن مىللىي بولغان، ۋۇجۇدىدىن مىللىي روھنىڭ مەنىۋى ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇرىدىغان ئىندىۋىدۇئال ئوبرازلارنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت پائالىيەتلىرى مۇھىتىدا ئوبرازلىق ئېچىپ بېرىش. بېلىنىسكىينىڭ قارىشىچە ئەينى دەۋر رۇس ئەدەبىياتىدا مىللىي تۈسكە تويۇنغان ھەقىقىي مىللىي پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىشنىڭ تەڭداشسىز ئۇستىسى ساتىرىك يازغۇچى ۋە دىراماتورگ نىكولاي ۋاسىلىيىۋىچ گوگۇلدۇر. شۇڭا بېلىنىسكىي گوگۇل ئىجادىيىتىدىكى بۇ ئۆزگىچىلىكنى يۈكسەك باھالاپ: «ئۆزىنىڭ سەنئەتكارلىق تالانتىدىن باشقا گوگۇل ئەسەرلىرىدە رۇس تۇرمۇش ۋەقەلىكى دائىرىسىنى چىڭ تۇتتى ... گوگۇلنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز مەخسۇس رۇس ھاياتى ۋە رۇس ۋەقەلىكىگە قاراپ بۇرۇلدى» دەيدۇ.
بېلىنسىيكىنىڭ بەدىئىي ئېستېتىك قارىشىدا ئەدەبىياتنىڭ يېڭىلىق ۋە ئىجادىيلىقىمۇ ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە يېڭىلىق ۋە ئىجادىيلىق بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆلچەپ، ئۇنىڭ ھاياتىي قۇدرىتىنى سىناپ كۆرىدىغان بەدىئىي تارازا. ئۇ ئۆزىنىڭ بەدىئىي ۋەزنى ۋە ئېستېتىك قىممىتى بىلەن بۇ ئىلمىي تارازىنى بېسىپ چۈشەلىگەن ئەسەرلەرلا يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخمۇ زور ھاياتىي كۈچىگە تولۇپ، كىتابخانلارنىڭ ئۈنۈملۈك مەنىۋى مۈلكى بولۇپ قالالايدۇ. بېلىنىسكىي ئەينى يىللار رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى مانا مۇشۇ ئىلمىي نۇقتىدىن باھالايدۇ. ئۇ پۇشكىندىن بۇرۇنقى رۇس ئەدەبىياتىنى ياۋروپانىڭ تەييار بەدىئىي ئۈلگىلىرى كەينىدىن رايىشلارچە ئەگەشكەن «يۈرەكسىز شاگىرت»قا ئوخشىتىپ، ئۇنى پەقەت رۇس ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى بىلىش زۆرۈرىيىتى تۈپەيلىدىنلا كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ دەپ ھېسابلايدۇ. لېكىن ئۇ پۇشكىن ئىجادىيىتى ھەققىدە توختالغان چېغىدا چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈپ ئۇنى رۇس ئەدەبياتىغا ھەقىقىي مىللىي ئىجادىي ئەدەبىياتنى ئېلىپ كىرىپ، رۇس ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات يولىنى ئىچىپ بەرگەن بۈيۈك سەنئەتكار −− ھەقىقىي ئۇلۇغ رۇس مىللىي شائىرى دەپ باھالايدۇ.
بېلىنىسكىينىڭ ئىلمىي ئىزدىنىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان «بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ژانىر ۋە تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى» ماقالىسى ئىلمىي مەزمۇنىنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇرلۇقى بىلەن بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. ئاپتور ئەسىرىدە بەدىئىي ئەدەبىيات ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىگە ئىلمىي تەبىر بېرىپ، شەرھلەپ چۈشەندۈرمەيدۇ. ئەكسىچە ئەدەبىياتنى تەتقىق قىلىشنىڭ كونا ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرىدىن قول ئۈزۈپ، بەدىئىي ئەدەبىياتنى ھېس - تۇيغۇنىڭ مەۋجۇت بولۇش ۋە ئۆزگىرىش ھالىتىگە ۋە ئۇنىڭ ئەسەردە سەنئەتلىك ئىپادىلىنىش دەرىجىسىگە قاراپ ھەرقايسى تۈر ۋە ژانىرلارغا ئايرىيدۇ. ئۇ بۇنىڭدا شۇنچىلىك دەرىجىدە خاسلىق ۋە ئېنىقلىققا ئېرىشىدۇكى، ئۇنىڭ بەزى نۇقتىئىنەزەرلىرى ھېچقانداق ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان ئورتاق ھەقىقەتكە، ھەرقانداق قىلىپمۇ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان مۇقەددەس ھۆكۈمگە ئايلىنىپ كېتىدۇ، مانا ئۇنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ تۈرلىرى ھەققىدىكى مۇنۇ پىكىرلىرىنى ئاڭلاڭ:
«نەسرىي ئەدەبىيات ئېنىق ھالدا رېئاللىقنى، يەنى ۋەقەلىكنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. بۇ يەردە ئاپتور كۆرۈنمەيدۇ. مۇئەييەن دۇنيا ئۆز - ئۆزىدىن تەرەققىي قىلىدۇ. ئاپتور بولسا ئۆز - ئۆزىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋەقەلىكنىڭ خالىس ھېكايە قىلغۇچىسىلا بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ نەسرىي ئەدەبىياتتۇر». «بۇنىڭدا ئەدەبىيات ئىچكى ئېلېمېنتتا، تۇيغۇ ۋە ئاڭ دائىرىسىدە قالىدۇ. روھ تاشقى رېئاللىقتىن ئۆتۈپ يوشۇرۇنىدۇ... بۇنىڭدا شائىرنىڭ شەخسىيىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بىز ھەممە نەرسىنى ئۇ ئارقىلىق ئاڭلايمىز ۋە قوبۇل قىلىمىز، مانا بۇ نەزمىي ئەدەبىياتتۇر». بېلىنىسكىي يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنداق دەيدۇ: »نەسرىي ئەدەبىيات ئۆزىگە، ئاپتورغا ۋە كىتابخانغا نىسبەتەن ئوبيېكتىپ ئىچكى ئەدەبىياتتۇر، يەنى ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ ئىپادىسىدۇر.« بۇ يەردە بېلىنىسكىي پىروزا بىلەن شېئىرىيەتنىڭ تۈپ پەرقىنى، ئۇنىڭ ھېس - تۇيغۇ خاسلىقىدا ئىپادىلىنىدىغان بەدىئىي ئالاھىدىلىكىنى بەكمۇ ئېنىق ۋە بەكمۇ ئىخچام بايان قىلىپ بەرگەن. بەدىئىي پىروزىنىڭ ئاپتورنىڭ پېرسوناژلارنىڭ تەبىئىي ھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە تايىنىپ ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھەممە خاھىش ۋە تەشەببۇسلىرىنى يوشۇرىدىغان، شېئىرىيەتنىڭ بولسا ئاپتورنىڭ پۈتۈن شەخسىيىتىنى، ئۆزلۈكىگە تەۋە بولغان ھەممە نەرسىسىنى ھېس - تۇيغۇغا تويۇنغان لىرىك ئوبرازلار ۋاسىتىسى بىلەن تولۇق ئاشكارىلايدىغان پايانسىز بەدىئىي سەھنە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئويلاپ كۆرۈڭ، مىللىي ئەدەبىياتىمىز ھازىرغىچە ئىزدەپ تاپالمايۋاتقان ئاددىي، لېكىن بەكمۇ قىممەتلىك بولغان بۇ ئىلمىي ھەقىقەتنى بېلىنىسكىينىڭ بۇنىڭدىن 170 يىل بۇرۇن مۇشۇنداق ئېنىق ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭىزدە بۇ بۈيۈك تالانت ئىگىسىنىڭ ئاجايىپ ئەقلىي قۇدرىتىگە چىن كۆڭلىڭىزدىن قايىل بولماي تۇرالامسىز؟
بېلىنىسكىينىڭ بۇ ئىككى خىل ئەدەبىياتنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئالاھىدىلىكىنى تەكىتلەپ كۆرسىتىشى يالغۇز بۇلار بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. ئۇ تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۇلارنىڭ تەسۋىرىي ئوبرازلارغا بولغان مۇناسىۋىتىدىكى پەرقلەر ئارقىلىقمۇ بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشەندۈرىدۇ: »نەسرىي ئەدەبىيات تەبىئەتتە بار بولغان سۈرەت ۋە كۆرۈنۈشلەرنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن ئوبراز ۋە سۈرەتلەرنى ئىشلىتىدۇ. نەزمىي ئەدەبىيات بولسا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئوبرازسىز ۋە شەكىلسىز تۇيغۇنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن ئوبراز ۋە كارتىنىلارنى ئىشلىتىدۇ». ئەمدى نەسرىي ئەدەبىيات بىلەن نەزمىي ئەدەبىياتقا تەۋە بولغان ھەممە بەدىئىي خاسلىقلار بىزگە تولۇقى بىلەن ئايان بولدى. نەسرىي ئەدەبىيات مەزمۇنىنىڭ كىشىلىك ھاياتتا تەبىئىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تىپىك ۋەقە، ھادىسىلەردىن ئىبارەت بولىدىغانلىقىنى، نەزمىي ئەدەبىياتنىڭ بولسا ئىنسان روھىيىتىدە تىنىمسىز ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرىدىغان ئوي - پىكىر بىلەن ھېس - تۇيغۇلار ئالىمى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇق.
بېلىنىسكىي بۇ ئەسىرىدە شېئىرىيەتنىڭ رۇس ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان ئەنئەنىۋى بەدىئىي تۈر بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئاشۇ يىللاردا رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇملۇققا ئىگە بولغان ئاممىۋى ئىجادىيەت ئېقىمىغا ئايلانغانلىقى سەۋەبلىك شېئىرىيەت ئىجادىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە نىسبەتەن كەڭرەك توختالغان.
شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە ئاپتورنىڭ قانداق مۇھىم ئىجتىمائىي تېمىنى تاللاپ ئۇنى قانداق خاراكتېردىكى ئاممىۋى مەزمۇنلار بىلەن بېيىتقانلىقى شېئىرىي ئەسەرنىڭ بەدىئىي ئېستېتىك قىممىتىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسىي ئامىل بولالامدۇ؟ ياق، بېلىنىسكىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: »تېما بۇ يەردە ئۆز - ئۆزىچە ھېچقانداق قىممەتكە ئىگە ئەمەس، ھەممىسى سۇبيېكتىپنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئەھمىيىتىگە باغلىق. ھەممە نەرسە خىيال ۋە سەزگۈ بىلەن تېمىغا كىرگەن روھقا باغلىق. شائىرنىڭ كىتاب ۋاراقلىرى ئارىسىدىن تېپىۋالغان بىر تال قۇرۇغان گۈلى شېئىرغا قانداق ماۋزۇ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ پۇشكىنگە لىرىك شېئىرلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى، ئەڭ نەپىس، ئەڭ مۇزىكىلىقى بولغان بىرىنى ياد ئېتىشىغا ئىلھام بولدى.«
بىز شۇنى ئويلاپ كۆرمىگەن ئىكەنمىزكى، شېئىرىيەت ئىجادىيىتىمىزدە بىر چاغلاردا بەلگىلىك بازار تاپقان »تېما ھەممىنى بەلگىلەيدۇ» دېگەن نەزەرىيەۋى سەپسەتىگە بېلىنىسكىي شۇنچە ئۇزاق يىللار بۇرۇنلا ناھايىتى كېلىشتۈرۈپ ئىلمىي جاۋاب بېرىپ بولغان ئىكەن.
شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ ئاممىبابلىقى بىلەن مەزمۇن چوڭقۇرلۇقى ئوتتۇرىسىدا قانداق مەنتىقىي بىرلىكلەر بار، ھەقىقىي ئىجادىي شېئىر قانداق بەدىئىي سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك؟ بېلىنىسكىينىڭ بۇ سوئالغا جاۋابى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ. »شېئىر، −− دەيدۇ بىلىنىسكى، −− ھەممە ئاددىي كىشىلەر چۈشىنىدىغان ساددىلىققىمۇ، ھېچقانداق ئاددىي كىشى تەكتىگە يېتەلمەيدىغان مۇرەككەپلىككىمۇ ئىگە بولۇشى لازىم.«
قارىماققا تەلەپ ناھايىتى ئاددىي. لېكىن شائىرنىڭ بىر شېئىردا ساددىلىق بىلەن مۇرەككەپلىكنىڭ بەدىئىي بىرلىكىگە ئېرىشىپ شېئىرىي مەزمۇننى مۇئەييەن بەدىئىي روشەنلىكتە يورۇتۇپ بېرىشى ئاسان ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن شائىردا بىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ يېتەلمەيدىغان ئالاھىدە بىر خىل پىنھان تالانتنىڭ غايىۋى نۇرلىرى پارلىشى كېرەك.
بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ لىرىك شېئىرلارنىڭ ئىخچام ۋە يىغىنچاق بولۇشى توغرىسىدىكى ئەدەبىي تەشەببۇسى بىزنىڭ بىر قىسىم شائىرلىرىمىزنى ھازىرغىچە قايىل قىلالماي كەلدى. چۈنكى بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز بۇ تەلەپنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەۋى ئاساسىنى ئەمەلىي ھالدا چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدى. بېلىنىسكىيدە بۇ تەشەببۇسنىڭ ئەمەلىي نەزەرىيەۋى ئاساسى ئاللىقاچان ئېنىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولۇنغانىدى. مانا ئاڭلاڭ: »ساپ لىرىك ئەسەر بىر لەھزىلىك ئىلھامنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىمىزنى لەرزىگە سېلىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنى بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئوقۇپ تۈگىتىشىمىز كېرەك.« بۇ يەردە لىرىك شېئىرلارغا قويۇلىدىغان بەدىئىي ئىخچاملىق تەلىپى ئاپتورنىڭ ئارزۇ ۋە خاھىشىدىن ئەمەس، بەلكى لىرىك شېئىرلارنىڭ بەدىئىي خاسلىقىدىن، لىرىك ھېس - تۇيغۇنىڭ پارلىغان چاقماقتەك تۇيۇقسىز يېنىپ ئۆچىدىغان قانۇنىيەتلىك ھالىتىدىن كېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا ساتىرىك شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شائىرلار ئاز ئەمەس، لېكىن بىرمۇ مەخسۇسلاشقان ھەقىقىي ساتىرىك شائىر يوق. بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدە؟ بىزنىڭ بىر مۇنچە شائىرلىرىمىزنىڭ ھايات رەزىللىكلىرىگە ئوت ئېچىش جاسارىتى ئاجىز. ئۆزىنىڭ يىرگىنىچلىك قىلمىشلىرى بىلەن مەنىۋىيىتىمىزنى بۇلغاپ، نومۇسىمىزنى پايخان قىلىۋاتقان نائەھلىلەرگە بولغان ھەققانىي غەزەپ - نەپرىتى دېگەندەك كۈچلۈك ئەمەس. شۇڭا ئۇلار ئەنئەنىۋى ئادەمگەرچىلىك تۇيغۇلىرىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈپ، غەزەپ كىرىچىنى ئاسانلا بوشىتىپ، ساتىرىك پېرسوناژغا رەھىمدىللىك بىلەن پەند - نەسىھەت قىلىشقا ئۆتۈپ ئۆز ساتىرىسىنى ئۆزى ھالاك قىلىدۇ. »ساتىرا، −− دەيدۇ بېلىنىسكىي، −− ئاچچىقلانغان ھېسنىڭ ھەيۋىسى، ئېنېرگىيەسى، ئالىيجاناب غەزەپنىڭ گۈلدۈرما ۋە چاقمىقى بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئاساسىدا شادلىق ۋە ساددا تۇيغۇنلۇق ئەمەس، بەلكى ئەڭ چوڭقۇر يۇمۇر يېتىشى لازىم.« بۇ بەدىئىي ساتىرىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ مۇكەممەل بەدىئىي ئىلمىي تەبىرىلا ئەمەس، بەلكى ساتىرىك ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا بولغان ئەڭ سەمىمىي ئىلھامبەخش چاقىرىق. بىزنىڭ ساتىرىك شائىرلىرىمىز بېلىنىسكىينىڭ بۇ بەدىئىي ئىلمىي تەلىپىگە قانچىلىك تېز يېقىنلاشسا، بىزنىڭ شېئىرىيىتىمىزنىڭ نەپرەتلىك كۈلكىگە تويۇنغان ئىجادىي ساتىرىك مەنزىرىسى شۇنچە تېز بارلىققا كېلىدۇ.
چېرنىشېۋسكىي رۇسىيە دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلغان ماتېرىيالىزمچى پەيلاسوپ، رېئالىستىك ئەدەبىيات تەنقىدچىسى. ئۇ 1828 - يىلى بىردىنىي ئېپىسكوپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ھەممە بىلىدىغان ئالاھىدە ئىقتىدار ئىگىسى بولۇپ، 16 يېشىغىچە لاتىن، گىرېك، ئىبراي، نېمىس، ئىنگلىز، فىرانسۇز، تۈرك، پارس، پولياك قاتارلىق ئون نەچچە خىل چەت ئەل تىل - يېزىقىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرۈپ ئالغان. ئۇ رۇسىيەنىڭ قالاق ئىجتىمائىي تۈزۈمىگە قارشى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن دەسلەپ سىبىرغا سۈرگۈن قىلىنىپ كېيىنچە سانپېتىربۇرگقا يېقىن مەشھۇر پىتىرپاۋلوۋسكى قەلئەسىگە قامالغان.
چېرنشېۋسكىي گىگېل ۋە فېيىرباخنىڭ پەلسەپىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ رۇسىيە جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلغان. ئۇ ئەدەبىي تەنقىد ۋە ئېستېتىكا ئىلمىي ساھەسىدە »سەنئەتنىڭ رېئاللىق بىلەن بولغان ئېستېتىك مۇناسىۋىتى«، »ئا. س. پۇشكىن«، »رۇس ئەدەبىياتىنىڭ گوگۇل دەۋرى ئوچېركلىرى«، »كەمبەغەللىك ئەيىب ئ−ەمەس. ئا. ئوست−روۋېسكىي كومېدىي−ەسى«، »گوبېرنىيە ئوچېركلىرى. شىدرىن ئەسەرلىرى« قاتارلىق ناھايىتى كۆپ ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ بىر مۇنچە يېڭى بەدىئىي ئېستېتىك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ »نېمە قىلىش كېرەك«، »پىرولوگ« قاتارلىق رومانلارنى يېزىپ بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابچىلىرىنىڭ راخماتوف ۋە ۋولگىن ئوخشاش تىپىك بەدىئىي ئوبرازلىرىنى ياراتقان ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىققان ماركس بىلەن ئېنگېلس چېرنىشېۋسكىينى »ئاجايىپ ماقالىلەر«نى يازىدىغان »بۈيۈك تەتقىدچى ئالىم« دەپ ھېسابلىغان.
چېرنىشېۋسكىي ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تەنقىدىي پائالىيىتىنى ئۆزى تەرىپىدىن بىرىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان »ئەڭ گۈزەل نەرسە ھاياتتۇر« دېگەن رېئالىستىك ئېستېتىكا پىرىنسىپى يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ باردى. ئۇكۆپرەك بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ مەزمۇن بىرلىكىگە تەۋە بولغان تىپىكلىك، ئوبرازچانلىق، ئىندىۋىدۇئاللىق ۋە بەدىئىي خاسلىق تەرەپلەردە ئىنچىكە ۋە چوڭقۇر ئىلمىي مۇھاكىمىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بىر مۇنچە يېڭى ئىجادىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ رۇس ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سەنئەتتە ئومۇمىي تۈس ئالغان تىپىك نەرسىلەرنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىندىۋىدۇئال نەرسىلەر فورمىسىدا ئىپادىلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى ۋەقە ۋە ئىدىيەلەرنىڭ چۈشەنچە ۋە ئىسخېمىلار كۆرۈنۈشىدە ئەمەس، بەلكى كونكرېت ئوبرازلار فورمىسىدا، جانلىق نەرسىلەر ۋە ھادىسىلەر كۆرۈنۈشىدە نامايان بولۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ بەدىئىي ماھارەتنى ئاددىي قىلىپ، تاللانغان بەدىئىي مەزمۇننى »يارقىن ۋە مۇكەممەل بەدئىي فورمىدا« ئىپادىلەش ئۇستىلىقى دەپ ھېسابلىدى. ئۇنىڭ بەدىئىي ئەدەبىيات ھەققىدىكى يۇقىرىقى بىر قاتار ئىجادىي قاراشلىرى ئۇنىڭ يېڭىچە ئەدەبىيات نەزەرىيەسى بىلەن رېئالىستىك ئېستېتىكا ساھەسىدە ناھايىتى يۈكسەك ئىلمىي پەللىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
چېرنىشېۋسكىي ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك پائالىيىتىدە ئۆز دەۋرىنىڭ ھەممە شۆھرەتلىك ئەدىبلىرىنى قەلەمگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئىجادىي خاسلىقىنى يېڭى ئەدەبىي نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىجادىي تۆھپىسىگە دەۋر سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان مۇكەممەل ئىلمىي باھالارنى بەردى. ئۇ گوگۇل ئىجادىيىتىنى ناھايىتى زور مۇھەببەت بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىنىڭ مەنىۋى قىممىتىنى »گوگۇل ئەدەبىي مەكتىپى« دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەپ، ئۇنى »رۇس ئەدەبىياتىغا بىرىنچى بولۇپ ساتىرىك تەنقىدىي ئېقىمنى ئېلىپ كىرگەن« بۈيۈك يازغۇچى سۈپىتىدە مەدھىيەلىدى. ئۇ شىدرىن ئەسەرلىرىنى »رۇس ھاياتىنىڭ تارىخىي پاكىتلىرى قاتارىغا كىرىدۇ« دەپ ھېسابلىسا، ئاتاقلىق شائىر نېكراسوفنى »ھازىرقى رۇس ئەدەبىياتىنىڭ بىردىنبىر گۈزەل ئۈمىدى« دەپ قارىدى. ئۇ مەشھۇر دىراماتورگ ئا. ئوستروۋېسكىينى »سەنئەتتە ھەقىقەتنى ھەممىدىن يۈكسەك ئورۇنغا قويغۇچى سەنئەتكار« دەپ مەدھىيەلىسە، تۇرگېنېفنىڭ ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن خۇددى ئۆزى ياراتقاندەك سەمىمىي ئىپتىخارلىق ھېس قىلدى.
چېرنىشىۋسكىينىڭ لېف. تولستويغا بولغان مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ بەدىئىي سەزگۈسىنىڭ غايەت بۈيۈك ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ھالدا كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ رۇس ئەدەبىياتىنىڭ تېخى تۈزۈك نامى چىقمىغان بۇ يېڭى يازغۇچىسىنىڭ »ئەسكىرىي ھېكايىلەر«، »بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك«، »پومېشچىكنىڭ ئەتىگەنلىكى« قاتارلىق دەسلەپكى ئەسەرلىرىنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ يۈكسەك تالانتىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ئۇ تولستوي ئەسەرلىرىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ دېھقانلار ئېڭى بىلەن باغلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ دېھقان قەلبىنى ئوبدان چۈشىنىدىغان، ئۇلارنىڭ پىكىر، چۈشەنچىلىرى قانداق بولسا ھېچقانداق بويىماي شۇ بويىچە ھەققانىي ۋە ئېنىق تەسۋىرلەپ بېرىشنى بىلىدىغان تالانتلىق يازغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتى. شۇ يېرى تېخىمۇ ھەيران قالارلىقلىكى، تولستوي ئىجادىيىتى ھەققىدە سەككىز پارچە ماقالىلەر ئېلان قىلىپ ئۇنى »رۇس ئىنقىلابىنىڭ ئەينىكى« دەپ ھېسابلىغان، لېنىن چېرنىشىۋسكىيدىن نەچچە ئون يىل كېيىن ئاندىن تولستوي خاراكتېرىدىكى دېھقان ئېڭى ئىزنالىرىنى كۆرۈپ يېتىپ »تولىستويغىچە رۇس ئەدەبىياتىدا بىرمۇ ھەقىقىي موژىك بولمىغان« دېگەن ئەقلىي يەكۈنگە كەلدى. چېرنىشىۋىسكىي تولستوي ئىجادىيىتىگە بولغان مۇئامىلىسىدە ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ ئالدىن كۆرەر ئەقلىي سەزگۈرلۈككە ئىگە بۈيۈك ئەدىب ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئەدەبىي ئىجادىيەت زېمىنىغا يېڭىدىن قەدەم بېسىپ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرىنى ئۆز كىتابخانىلىرىغا ئەمدىلا تەقدىم قىلىشقا ئۈلگۈرگەن تولستوي چېرنىشىۋىسكىينىڭ سەمىمىي ئېتىبارىدىن ئىلھام ئېلىپ تىنىمسىز ئىجاد قىلدى. ئۇ كېيىنكى چاغلاردا ئۆز بويى بىلەن تەڭ كىتاب يېزىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ئالەمشۇمول ئۇلۇغ سەنئەتكارغا ئايلاندى.
بېلىنىسكىي بىلەن چېرنىشېۋسكىي رۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدىن ئىبارەت بۈيۈك تاغنىڭ ئىككى يۈكسەك چوققىسى. ئۇلار ئەنە شۇنداق ئەقىل ۋە تالانت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ دۇنيانى ۋە رۇسىيەنى كۆزىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخى يورۇمىغان قانچىلىغان يېڭى ئەقىل بۇلاقلىرىنى ئېچىپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ناھايىتى مول ئىجادىي مىراس قالدۇرۇپ، دۇنيا ئەھلىنىڭ ئورتاق ئېتىبارىغا ئېرىشتى.
مېنىڭ بېلىنىسكىي بىلەن چېرنىشېۋسكىيگە بولغان مۇناسىۋىتىم قانداقتۇر بىرەر نەرسە يارىتىش زۆرۈرىيىدىن ئەمەس، بەلكى ئىستىخىيەلىك قىزىقىش نۇقتىسىدىن باشلاندى. كۈنلەر ئۆتۈپ مېنىڭ بۇ قىزىقىشىم ئاڭلىق ئەقلىي تەشنالىققا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ پەقەت ئۆزلىرىگىلا خاس بولغان ئالاھىدە بىر خىل مەنتىقى ئۇسلۇبتا يارىتىلغان ئىجادىي ئەسەرلىرىگە ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا بىر خىل مۇھەببەتلىك ئەقلىي رىشتە بىلەن باغلىنىپ قالدىم. ئاخىر بېرىپ ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى بەدىئىي ئېستېتىك قاراشلىرىنىڭ روھىي مەزمۇنى مېنىڭ ئەدەبىي ئەقىدەمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالدى. مەن ھېچقانداق يوشۇرماي شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈشنى خالايمەنكى، مېنىڭ ئەدەبىي ئىزدىنىشىمدىكى ھەر بىر ئەقلىي ئىلگىرىلەش بېلىنىسكىي بىلەن چېرنىشېۋسكىينىڭ ئىجادىي پىكىرلىرىنىڭ روھىي مەزمۇنىنى ئۆز مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ رېئال ئەھۋالىغا ئىجادىي تەتبىقلىشىمدىن كەلگەن. مېنىڭدىكى كەسپىي جۈرئەت، ھەرقانداق سەلتەنەتلىك يېڭى ئەدەبىي تەشەببۇسلار ئالدىدا مەڭدىمەيدىغان تۇراقلىق ئىلمىي خاراكتېر، ماڭا ئۆزۈمدە بولمىغان يېڭى نەرسىلەرنى بېرەلىگەن ھەرقانداق بىر تالانتلىق ئاپتور ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن تىزلىنىدىغان پاك ئەدەبىي مۇھەببەت دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بېلىنىسكىي بىلەن چرنىشېۋسكىينىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتكەن ئىنسانىي غۇرۇر بىلەن ھاياتىي ۋىجداننىڭ مۇقەددەس نۇرلىرىدىن شەكىللەنگەن.
دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئۈزۈكسىز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، بەدىئىي ئەدەبىيات ھەققىدىكى قاراشلارمۇ بىر مۇنچە ئىجادىي پىكىر ۋە تەشەببۇسلار بىلەن تېخىمۇ بېيىدى. بۇنىڭ بىلەن بېلىنىسكىي ۋە چېرنىشېۋسكىيلارنىڭ دۇنياۋى تەسىر قوزغىغان بەدىئىي ئېستېتىك قاراشلىرى ئاغدۇرۇلۇپ كەتتىمۇ؟ ياق، ئۇلارنىڭ ئىككىنچى يېڭى ھايات باھارى ئەمدى باشلاندى. ئىشىنىمىزكى جاھان ئەدەبىياتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يېڭى تەرەققىياتى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ ئىجادىي مىراسلىرى تېخىمۇ زور ئەقلىي قىممەت تاپىدۇ.
2010 - يىل 20 - ئۆكتەبىر
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------