بىر يازغۇچىنىڭ ئىقرارى

يوللانغان ۋاقتى:07-02-2014   مەنبە: تارىم 2012-6-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى ۋارگاس لوسا 2010- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پېرۇ يازغۇچىسى ۋە شائىرى. ئۇ رومان، سەھنە ئەسىرى،

ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى

 

 ۋارگاس لوسا 2010- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پېرۇ يازغۇچىسى ۋە شائىرى. ئۇ رومان، سەھنە ئەسىرى، نەسر ۋە شېئىرلارنى يازغان. ئەدەبىي ۋە سىياسىي ئوبزورلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇ كىنو - تىياتىر رېژىسسورى، تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى بولغان، سىياسىي بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ

«شەھەر ۋە ئىت»، «يېشىل ئۆي»، «مەيخانىدىكى پاراڭلار»، «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» قاتارلىق رومانلىرى داڭلىق.
بۇ ۋارگاس لوسانىڭ 2011 - يىلى 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى شاڭخەي چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن لېكسىيەسى بولۇپ، «جەنۇب ئازنىسى» گېزىتىنىڭ 2011 - يىلى 16 - ئىيۇندىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان، كېيىن «شىنخۇا تەرمىلىرى» ژۇرنىلىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان.

كىتاب ئوقۇش ئىنتايىن ھەيران قالارلىق ئىش، ئۇ جۈملىلەرنى ئوبرازغا ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ.
بۈگۈنكى نۇتقۇمدا كۆپچىلىككە بىر يازغۇچىنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەرمەكچىمەن. مەن بۇنىڭدىن 75 يىل بۇرۇن پېرۇنىڭ جەنۇبىدىكى ئارېكۈيپا شەھىرىدە دۇنياغا كەلدىم. كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن بۇ شەھەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ شەھەرنىڭ نۇرغۇن ھېكايىسى بار. بىر يېشىمدا بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ بولىۋېيەگە كۆچۈپ كەتتۇق. ئون ياشقىچە شۇ يەردە ياشىدىم. بەش يېشىمدىن تارتىپ كىتاب ئوقۇشقا باشلىدىم. كىتاب ئوقۇشنى باشلىشىم ھاياتىمنىڭ ھالقىلىق پەيتى، مۇنداقچە ئېيتقاندا قالتىس بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. مەن كىتاب ئوقۇشنى ئىنتايىن ھەيران قالارلىق بىر ئىش دەپ قارايمەن. تاق سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلسىڭىز، جۈملىلەر ئوبرازغا ئايلىنىدۇ، بۇ ئوبرازلار ئارقىلىق باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى بىلەلەيسىز. گويا زامان ۋە ماكان چەكسىزلىكىدە سەيلە قىلىۋاتقاندەك ھاياتىڭىز باشقىلارنىڭ ئاجايىپ - غارايىپ سەرگۈزەشتى بىلەن بىرلىشىپ كېتىدۇ. بۇ مەن ئۈچۈن بىر ئۇلۇغ بايقاش بولدى. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بالىلىق دەۋرىم رەڭگارەڭ ھېكايىلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتتى. ئوقۇغان كىتابلىرىمدىكى خەتەرلىك سەرگۈزەشتلەرنى ھازىر ئەسلىيەلمەسلىكىم مۇمكىن. ئەمما ئەدەبىياتقا بولغان تۇغما ھەۋەستىن بولسا كېرەك، بالىلار ھېكايىلىرىنى ئوقۇغان چېغىمدا مەزمۇنىنى ئازراق تولۇقلاپ قوياتتىم. ئېيتايلۇق، ھېكايىنىڭ خاتىمىسىنى ياقتۇرمىسام، ئۇنى ئۆزگەرتىپ يازاتتىم. ئانام ماڭا ئۇ سېنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يېزىقچىلىقىڭ دەيتتى. ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىم ۋە تالانتىم بالدۇر يېتىلىشىمگە سەۋەب بولغان بولسا كېرەك. بالىلىق دەۋرىمدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇشقا كىرىشكىنىم ماڭا بىر خىل قىزغىنلىق ۋە قايناق ھېسسىياتنى ئاتا قىلدى. گويا قۇياش نۇرىدەك بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىمنى يورۇتتى، ھاياتىمغا مول مەنىلەرنى ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كاللامدا ئازراق ئوي - پىكىر تۇغۇلدى، يازغۇچى بولۇپ قالدىم.
ئۇ چاغلاردا لاتىن ئامېرىكىسىلىق بىر ياشنىڭ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى ئىنتايىن مۈشكۈل ئىش ئىدى. چۈنكى، ئەدەبىيات بىلەن قورساق باققىلى بولمايتتى. بۇ خىزمەتكە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەلمەيتتىڭىز. مەن بىلىدىغان كۆپ ساندىكى يازغۇچىلار بايرام ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرى يېزىقچىلىق قىلاتتى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇلار ئەركىن كەسىپتىكىلەر، قەدىر ئەھۋال جان باققىلى بولىدىغان خىزمەتنى قىلىدىغان كىشىلەر ئىدى. مەسىلەن: ئادۋوكات، دۆلەت مەمۇرى، دىپلومات ياكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى دېگەندەك. ئۇلار پەقەت ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا يېزىقچىلىق قىلاتتى. ئەينى چاغدا مەنمۇ شۇنداق ئىدىم، بىرقەدەر ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئويلايتتىم. مەسىلەن: ئادۋوكاتلىق، ئوقۇتقۇچىلىق ياكى مۇخبىرلىق دېگەندەك. بىراق تالانتىم، ھەۋىسىم ئەدەبىياتتا ئىدى. ياش ۋاقتىمدا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلدىم، دائىم ئىشتىن سىرتقى چاغلاردا، ھەپتە ئاخىرىدا، تەتىلدە يېزىقچىلىق قىلدىم.
شېئىر پەقەت قالتىس بولۇشقىلا رۇخسەت قىلىدۇ، مەن ئۆزۈمنىڭ قالتىس بولالمايدىغىنىمنى بايقاپ نەسر يازدىم.
نۇرغۇن ئادەم دەسلەپتە شېئىر يازغان، چۈنكى شېئىر ئانا ژانىر. باشقا بارلىق يازغۇچىغا ئوخشاش مەنمۇ يېزىقچىلىقنى شېئىردىن باشلىغانىدىم. كېيىن بايقىدىمكى، ئارگېنتىنالىق ئۇلۇغ يازغۇچى بورگېس ئېيتقاندەك شېئىر پەقەت قالتىس بولۇشقىلا رۇخسەت قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمنىڭ قالتىس بولالمايدىغىنىمنى بايقاپ نەسر يېزىشقا باشلىدىم. شۇ چاغدىن باشلاپ پەقەت شېئىر ئوقۇدۇم، لېكىن شېئىر يازمىدىم. مەن شېئىرنىڭ چوقۇم بىر خىل كامالەتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، بۇ باشقا ژانىرلاردا يەتمەك تەس بولغان كامالەت ئىدى. شۇڭلاشقا نەسر يازغۇچىلىرى ھامان شائىرلارغا ئاستىرتىن ئىنتايىن ھەۋەس قىلىدۇ. چۈنكى بىز تونۇپ يەتتۇقكى، سىز نەسرىي ئەسەرنى ھەرقانچە ئېسىل يېزىۋەتسىڭىزمۇ، شېئىردىكىدەك ئۇنداق مۇكەممەل پەللىگە، ئۇنداق ساپلىققا، ئۇنداق ئىزچىللىققا يېتەلمەيدىكەنسىز.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى، ئارگېنتىنانىڭ نۇرغۇن تىياتىر ئۆمىكى لىمادا ئويۇن قويدى. ئارتۇر مىللېرنىڭ «بىر مال ساتقۇچىنىڭ ئۆلۈمى» دېگەن كومېدىيەسى مەندە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇنىڭ ئىلھامى بىلەن دەرھال قولۇمغا قەلەم ئېلىپ كىچىك بىر كومېدىيەنى يازدىم. ئۇنىڭ نامى «ئىنكالارنىڭ قېچىشى» ئىدى. كېيىن ئۇ سەھنىدە ئوينالدى. بىراق، ئەينى چاغدىكى پېرۇدا كومېدىيەلىك ئىپادىلەش ئىنتايىن ئاز ئۇچرايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قىسقا ھېكايە قىلىپ يېزىپ چىقتىم. ئەينى چاغدا لاتىن ئامېرىكىسى پارچە - پارچە، چېچىلاڭغۇ بىر جاي ئىدى. بولۇپمۇ مەدەنىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، پېرۇدا تۇرۇپ چىلى، كولومبىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قانداق شائىر - يازغۇچىلىرى، دىراماتورگلىرى بار، ئۇلار قانداق ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدۇ، بۇنى بىلمەيتتۇق. ئوقۇيدىغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ياۋروپادىن كەلگەن نەرسىلەر ئىدى. ئەينى زاماندا بىز ئۆزىمىزنى يەنىلا پېرۇلۇق، كولومبىيەلىك دەپ قاراپ، بىر كوللېكتىپ بولالمايتتۇق. ئۇ چاغدا پېرۇدىن ئايرىلىپ ياۋروپاغا بېرىشنى ئارزۇ قىلاتتىم، بولۇپمۇ پارىژغا. شۇ چاغدىكى نۇرغۇن ياشلار پارىژغا بېرىشنى ئارزۇ قىلاتتى. پارىژ كىشىگە سەنئەتنىڭ، ئەدەبىياتنىڭ قىبلىگاھى دېگەن تۇيغۇنى بېرەتتى. نۇرغۇن ياشلاردا، بولۇپمۇ يېزىقچىلىق تالانتى ۋە سەنئەت قابىلىيىتى بار ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ساددا خىيال بار ئىدى. بىر ھەقىقىي يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم پارىژغا بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش كېرەك ئىدى، چۈنكى ئۇ يەردە سەنئەتكارغا، يازغۇچىغا ئايلانغىلى بولاتتى.
پارىژدا مەن لاتىن ئامېرىكىسىنى بايقىدىم، تۇنجى رومانىم «شەھەر ۋە ئىت»نى يازدىم.




ھالقىلىق سۆزلەر : چەتئەل، ئەسەر، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار